تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

12 مىليون 192 مىڭ توننا! شىنجاڭ تۆمۈريولىدا 2-ئايدا توشۇلغان مال بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %27 ئاشتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ساۋ خۇا، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋۇ چى خەۋىرى، فوتوسى) 3- ئاينىڭ 2- كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ تۆمۈر يول تارماقلىرىدىن ئىگىلىشىچە، 2-ئايدا شىنجاڭ تۆمۈر يولىدا  12 مىليون 192 مىڭ توننا مال توشۇلۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %27 ئاشقان.

  ئىگىلىنىشىچە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن بۇيان، تۆمۈر يول تۈرلۈك ماددىي ئەشيالارنى توشۇشقا كاپالەتلىك قىلىدىغان مۇھىم يولغا ئايلانغان. شىنجاڭ تۆمۈريولى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتىنى ئىككى قولدا تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە، ترانسىپورت تەشكىللەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، ماددىي ئەشيالارنى توشۇشقا كاپالەتلىك قىلدى. تۆمۈر يول تارماقلىرى يەرلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ۋۇخەنگە ياردەم قىلغان ماددىي ئەشيالارنى توشۇش ئېھتىياجىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، پويىزلارنى تەڭشەپ، مال قاچىلاپ، چۈشۈرىدىغان ئادەم كۈچى قاتارلىق جەھەتلەردە نۇقتىلىق مايىللىشىپ، قەشقەر، بورتالا قاتارلىق جايلارنىڭ ۋۇخەنگە ياردەم قىلغان ماددىي ئەشيالىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە توشۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلىدى.

  ئالاتاۋ ئېغىزى ۋوگزالىدا، ئىشچىلار توڭلىتىلغان كالا گۆشىنى پويىزغا قاچىلاپ ۋۇخەنگە توشۇماقتا.

  2-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ۋە ئاخىرلىرىدا، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ تۆمۈر يول تارماقلىرى پويىز مەنبەسى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، مال بولسا چوقۇم قاچىلاش، مال بولسا تېز قاچىلاشنى ئىشقا ئاشۇردى، بولۇپمۇ يېقىنقى مەزگىلدىكى توك، كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ كۆمۈر توشۇش ئېھتىياجى يۇقىرى بولۇشتەك ئەمەلىيەتكە قارىتا، شىنجاڭ تۆمۈر يولى ئۈرۈمچى-جۇڭغار تۆمۈر يولى، خۇڭليۇخې -نوم تۆمۈر يولى قاتارلىق تۆمۈر يوللارنى تايانچ قىلىپ، كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش، كۈندىلىك سەرپىيات ۋە ئامبار زاپىسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، كۆمۈر توشۇش يۆنىلىشىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، ئىككىلەمچى تىرانسپورت ئەشيا ئوبوروتى زەنجىرىنى تۇتاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ تىرانسپورت ئېھتىياجىنى قاندۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا كېرەكلىك خىمىيەۋى ئوغۇت، ماددىي ئەشيا بىلەن تەمىنلەش-ئېھتىياج ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، توشۇش كۈچىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، كالىيلىق ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىسى قاتارلىق ماددىي ئەشيالارنى توشۇشنى مەركەزلىك تەشكىللەپ، شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى توشۇش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا كېرەكلىك ماددىي ئەشيالارنى قاچىلاش-چۈشۈرۈش ماشىنىسى ۋە قىسقا يوللۇق توشۇشقا كاپالەتلىك قىلدى.

  يۆتكەش توشۇش ماشىنىسى كالىيلىق ئوغۇت قاچىلىماقتا.

  «كۆمۈر توشۇشنى مىسالغا ئالساق، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى-جۇڭغار تۆمۈر يولىدا كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 42 جۈپتىن ئارتۇق پويىز قاتناپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 12 جۈپ كۆپەيدى.» جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى يۈك تىرانسپورت بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ شۇنداق دېدى.

  شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، 2-ئايدا شىنجاڭ بويىچە تۆمۈريولدا توشۇلغان يۈك 12 مىليون 192 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %27 ئاشقان، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 8477 ۋاگونغا يۈك قاچىلىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %26 ئاشقان. 2-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ تۆمۈريولىدا بۇ يىل جەمئىي 25 مىليون 481 مىڭ توننا يۈك توشۇلۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.4 ئاشقان، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 8612 ۋاگونغا يۈك قاچىلىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.5 ئاشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى