تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ رادىيو-تېلېۋزىيەسى سىملىق تېلېۋىزىيەسىنىڭ ھەقسىز بولۇش سىياسىتى 3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئۇزارتىلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر رېن چۈنشياڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر شاۋ شىنرۇڭ خەۋىرى): يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ھالقىلىق پەيتىدە، شىنجاڭ رادىيو-تېلېۋزىيەسى سىملىق تېلېۋىزىيەسىنىڭ ھەقسىز بولۇش سىياسىتى 3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئۇزارتىلدى، ئابۇنىچىلار يەنە ھەر خىل تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى داۋاملىق ھەقسىز كۆرەلەيدۇ. ئىگىلىنىشىچە، بۇ، پائالىيەت يولغا قويۇلغاندىن كېيىن پائالىيەت ۋاقتىنىڭ 3-قېتىم ئۇزارتىلىشى ئىكەن.

  3-ئاينىڭ 1-كۈنى مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە تورى پاي چەكلىك شىركىتى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى ئىللىقلىق يەتكۈزۈش «سىملىق تېلېۋىزىيەنى ھەقسىز كۆرۈش» پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، ئابۇنىچىلارنىڭ «ئۆي»دىكى تۇرمۇشىنىڭ ساغلام ۋە مول بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئابۇنىچىلارنى ئەڭ ئاۋۋال يۇقۇم، داۋالاش، ئىقتىساد قاتارلىق تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى مۇلازىمەت ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلىگەن. كەينىدىن بۇ پائالىيەتنىڭ ئاخىرلىشىش ۋاقتى كۆپ قېتىم ئۇزارتىلغان بولۇپ، 1-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە، 2-ئاينىڭ 17-كۈنىگىچە، 2-قېتىم 2-ئاينىڭ 29-كۈنىگىچە ئۇزارتىلغان، بۇ قېتىم يەنە 3-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە ئۇزارتىلغان.

  پائالىيەت مەزگىلىدە پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئابۇنىچىلاردىن ھېچقانداق ھەق ئېلىنمايدۇ، تېلېۋىزور، كەڭ بەلباغلىق تور ھەققى پۈتۈنلەي كەچۈرۈم قىلىنىپ، خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە پروگراممىلار ماس قەدەمدە ھەقسىز قىلىنىدۇ. ئابۇنىچىلار 240 بىۋاسىتە كۆرسىتىش قانىلى، 150 قايتۇرۇپ كۆرۈش قانىلى، 6812 قىسىم كىنو، 3276 قىسىم تېلېۋىزىيە تىياتىرى، 25 نادىر ئەسەرلەر مەخسۇس رايونى، 12 تەلىم-تەربىيە مەھسۇلاتى، 100 مىڭ سائەتلىك تاللاپ كۆرىدىغان مەزمۇنلارنى خالىغانچە ھەقسىز كۆرەلەيدۇ.

  تېلېۋىزىيە كىنو لىنىيەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە ئۈچ خىل تىلدىكى ھەر خىل چوڭ فىلىملەرنى ھەقسىز تاللاپ كۆرگىلى بولىدۇ؛ ئۆلچەملىك ئېنىقلىقتىكى تاللاپ كۆرۈش، يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى تاللاپ كۆرۈش پۈتۈنلەي ئېچىۋېتىلىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە تورى ھەققىنى تاپشۇرمىغان ئابۇنىچىلارمۇ بۇ قېتىملىق ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتىدىن بەھرىمەن بولالايدىكەن. ئابۇنىچىلار خالىغان ۋاقىتتا شىنجاڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە تورى مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى 96566گە تېلېفون بېرىپ ھەقنى سۈرۈشتۈرسە، پائالىيەتتىن مەسلىھەت سورىسا بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى