تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر -ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىن ئىبارەت قوش غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاش، ئالغا سىلجىتىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر -ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىن ئىبارەت قوش غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىپ ھۆكۈم قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەشنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھازىر، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتىدە ئاكتىپ ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ھالىتى كېڭىيىۋاتىدۇ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى تېز ئەسلىگە كېلىۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يۇقۇمنىڭ قايتا كۆرۈلۈش خەۋپ - خەتىرىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاش، ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كاللىنى سەگەك تۇتۇپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، بىر قولدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى بوشاشماي تۇتۇش، بىر قولدا مۇقىملىق، تەرەققىيات، ئىسلاھاتنى بوشاشماي تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىرادىنى ساقلاپ، چىشنى چىڭ چىشلەپ، بىرلا غەيرەتكە كېلىپ، ئاخىرغىچە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

بىرىنچى، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. بىخۇدلۇق ئىدىيەسى، جەڭدىن بىزار بولۇش كەيپىياتى، تەلەي سىناش پىسخىكىسى، بوشىشىپ كېتىش روھىي ھالىتىنى قەتئىي تۈگىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى چىڭىتىپ، قىلچە بوشاشماي يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇش كېرەك، تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە، ئاسانلىقچە مۇۋەپپەقىيەت قازاندۇق دېيىشكە قەتئىي بولمايدۇ، قوشۇننى قايتۇرۇشقا قەتئىي بولمايدۇ. مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىش، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىش، رايونغا ئايرىپ تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، رايونغا ئايرىپ، دەرىجىگە ئايرىپ دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىپ - تىزگىنلەپ، ناھىيە رايونىنى بىرلىك قىلىپ، «ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قىسمەن رايوندا تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» تاكتىكىسىنى يولغا قويۇپ، «تۆت بالدۇر» تەدبىرىنى داۋاملىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا تەكشۈرۈپ ئۆلچەش، ئادەمگىچە ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش، ئائىلىلەرنى ھەر ۋاقىت زىيارەت قىلىش كېرەك. نۇقتىلىق كىشىلەر توپى، نۇقتىلىق سورۇنلار، نۇقتىلىق ئورۇنلارنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، مەھەللىلەرنىڭ رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ۋە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئاساسىنى پۇختىلاپ، يۇقۇمنىڭ قايتا كۆرۈلۈشىدىن قەتئىي ساقلىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى داۋاملىق چىڭ ئىگىلەش كېرەك.

ئىككىنچى، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش كېرەك؛ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى دەل جايىدا پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن كارخانىلارنىڭ ئىشچى ئىشلىتىش، خام ماتېرىيال، مەبلەغ، ئۈسكۈنە قاتارلىق جەھەتلەردىكى قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا پائال ياردەم بېرىپ، كارخانا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىش ئورنىغا قايتىشىنى تەشكىللىك، نۇقتىلىق، تۈركۈم قېتىمغا ئايرىپ ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك؛ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تەشكىللەپ، تېرىقچىلىق مەزگىلىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ تەۋەلىك جاي ۋە كارخانىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانىدا تارقىلىشى، يامرىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

ئۈچىنچى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» نىشان - ئۆلچىمىنى چىڭ كۆزلەپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يەتتە بىر تۈركۈم» «ئۈچتە سالماقنى زورايتىش»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تۇرالغۇ، ئىچىدىغان سۇ جەھەتتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى، ئاجىز تۈرلەرنى تولۇقلاپ، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى يولغا قويۇپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىش، ئالدىن سىگنال بېرىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، نامراتلارنى يۆلەش باشلامچى كارخانىلىرى، نامراتلارنى يۆلەش سېخلىرىنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ تەرتىپلىك ھالدا ئىش ئورنىغا قايتىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

تۆتىنچى، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. مۇقىملىق، تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىدىن ئىبارەت ئۈچنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى ۋە تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «گۈرۈچ خالتىسى» «كۆك - تاق» مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاھالىلەرنى كۆكتات، گۆش، تۇخۇم، سۈت، ئاشلىق قاتارلىق زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۈكنى يېنىكلىتىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىشنى تەڭ قوللىنىپ، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىش كېرەك؛ سەھىيە، يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، مەھەللە مۇلازىمىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشنى تېزلىتىپ، ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە پىسخىك جەھەتتىن يېتەكلەشنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەپ، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى زىيارەت قىلىش، يوقلاش ۋە زۆرۈر ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، ئويلاۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقانلارنى ھەقىقىي ياخشى ھەل قىلىش كېرەك.

بەشىنچى، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، ھوشيارلىقنى ھەر ۋاقىت ساقلاپ، قىلچە بوشاشماي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇپ، ئۈنۈملۈك بولغان مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت دائىرىسىدىكى باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، زىددىيەت، تالاش - تارتىشلارنى مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش، رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش - سىگنال بېرىش، كۆپ مەنبەلىك ھەل قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كىشىلەر قەلبىنى ئەڭ زور چەكتە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، مۇجەسسەملەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ياخشى مۇھىت ھازىرلاش كېرەك.

ئالتىنچى، ئىستىلنى ياخشىلاشنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پۈتۈن شىنجاڭ بىر تاختا شاھمات، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلق ماسلىشىپ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىپ، قەتئىي تۈردە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇشتىن ئىبارەت مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، چىڭ تۇتۇپ، ھەرىكەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە كەڭ پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە بايرىقىنى بىرىنچى سەپتە ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇش كېرەك. كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار ئەسلىي مەقسەتنى ھەرىكىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئاۋانگارتلاردىن بولۇپ، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىشقا جۈرئەت قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، ئاممىنىڭ تايانچىسى، سىردىشى بولۇشى كېرەك؛ كەسپىي ئىقتىدارى ۋە ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈش جەريانىدا مەسىلىلەرنى بايقاپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى كېرەك؛ خىزمەتلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، كەشتە تىكىش ماھارىتىنى تولۇق ئىشقا سېلىپ، ئىشقىچە، ئادەمگىچە دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ پۇختا ئەمەلىيلىشىشى، ئىنچىكە ئەمەلىيلىشىشى، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، ليۇ ۋەنلۇڭ، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ۋاڭ جۈنجېڭ، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.