تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى يېڭىدىن ئۈچ تۈرلۈك تەدبىرنى كۆپەيتىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بەردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ جياڭيەن خەۋىرى): بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى 10 تۈرلۈك تەدبىر ئاساسىدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى يەنە يېڭىدىن ئۈچ تۈرلۈك تەدبىرنى كۆپەيتىپ، تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىىنىڭ تەرتىپلىك بولۇشىغا ياردەم بەردى.

  3- ئاينىڭ 1- كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە مەدەت بېرىدىغان ئۈچ تۈرلۈك تەدبىر ئۆلچەش، تەكشۈرۈپ بېكىتىش، توغرىلاش، ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرۈش، ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر مەشغۇلات خادىملىرىنى تەربىيەلەشكە چېتىلىدىكەن.

  ئۆلچەش، تەكشۈرۈپ بېكىتىش، توغرىلاش جەھەتتە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدىكى ئاممىۋى سورۇنلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان، ئىشلىتىلىدىغان بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش ئۈسكۈنىلىرىگە قارىتا، تېز تەكشۈرۈش يولى ئېچىپ، ئالاقىدار تەكشۈرۈشلەرنى ئەۋەتىش ۋە نەق مەيداندا ئۆلچەش، تەكشۈرۈپ بېكىتىش، توغرىلاش مۇلازىمىتى ھەقسىز قانات يايدۇرۇلىدىكەن؛ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە ئالاقىدار مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلاردا ئىشلىتىلىدىغان ئۆلچەش ئەسۋابلىرىغا قارىتا يېرىم يىللىق ھەقسىز ئۆلچەش، تەكشۈرۈپ بېكىتىش، توغرىلاش مۇلازىمىتى قانات يايدۇرۇلىدىكەن؛ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى چوڭ تىپتىكى 1-دەرىجىلىك كۆكتات توپ تارقىتىش بازارلىرى، كالا، قوي گۆشلىرىنى توپ تارقىتىش بازارلىرى، مەھەللە خەلققە قولايلىق كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىلىرىدا ئىشلىتىلىدىغان ئۆلچەش ئەسۋابلىرىغا قارىتا ھەقسىز تەكشۈرۈپ بېكىتىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن؛ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تىجارەت خاراكتېرلىك ماي، گاز قاچىلاش پونكىتلىرى ئىشلىتىۋاتقان ماي، گاز قاچىلاش ئۆلچەش ئۈسكۈنىلىرىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرىدىكەن؛ تىجارەت قىلىۋاتقان تاكسىلاردا ئىشلىتىلىۋاتقان باھا ھېسابلىغۇچقا قارىتا ھەقسىز تەكشۈرۈپ بېكىتىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن؛ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن كارخانىلار ئىشلىتىۋاتقان ئۆلچەش ئەسۋابلىرىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش، توغرىلاشتىكى ماسلاشتۇرۇپ مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن كارخانىلارنىڭ ئالاقىدار ئۆلچەم قىممىتى مەنبەسىنى تەكشۈرۈش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىكەن.

  ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر مەشغۇلات خادىملىرىنى تەربىيەلەش جەھەتتە، شۇ كۈنىدىن باشلاپ 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر جەمئىيىتى ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرگە قارىتا ئالاقىدار باشقۇرۇش، بېسىم ئىدىشى مەشغۇلاتى، گاز باكى مەشغۇلاتى قاتارلىق تۈرلەردىكى ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر مەشغۇلات خادىملىرىنى تەربىيەلەش ھەققىنى % 30 كېمەيتىدىكەن.

  2- ئاينىڭ 20- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، ھەمدە، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلىشتىكى 10 تۈرلۈك تەدبىرنى يولغا قويغان بولۇپ، بۇ تىزىملاشنى توردا بېجىرىش، ئۇقتۇرۇپ قويۇش، ۋەدە بېرىش، مەمۇرىي ئىجازەت جىددىي ئەھۋال يېشىل يولى قۇرۇش، مەمۇرىي ئىجازەت مۇددىتىنى ئۇزارتىش، تېخنىكا مۇلازىمەت ھەققىنى ئازايتىش ياكى كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى