تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

تاسادىپىي ئېغىر، زور ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىمىز ۋە سەۋىيەمىزنى ئۆستۈرەيلى

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

بۇ قېتىمقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىغا نىسبەتەن بىر قېتىملىق زور سىناق بولدى. بۇ زور سىناقتا غەلىبە قىلىش بىزدىن ھەم مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، ئىلمىي، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى، شۇنداقلا كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، تۈزۈلمە مېخانىزمى جەھەتتىن ئېغىر، زور يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىدە يېڭىلىق يارىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تاسادىپىي ئېغىر، زور ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىمىز ۋە سەۋىيەمىزنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاش، ئالغا سىلجىتىشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە مۇنداق تەكىتلىدى: تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، ساۋاقلارنى قوبۇل قىلىپ، قانداق قىلىپ ئاممىۋى سەھىيە قانۇنچىللىق كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئېغىر، زور يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، قۇتقۇزۇش - داۋالاش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئېغىر كېسەل داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، بىرلىككە كەلگەن جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيا كاپالەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش قاتارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش، يوچۇقلارنى ئېتىش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشنى چىڭ تۇتۇپ، تاسادىپىي ئېغىر، زور ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىمىز ۋە سەۋىيەمىزنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك.

تاسادىپىي ئېغىر، زور ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە، جەزمەن تۈزۈم قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بۇ ئاساسنى تۇتۇپ، تۈزۈم كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، داۋالاش - سەھىيە بايلىقى سېلىنما قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئاممىۋى سەھىيە قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى يېتىشتۈرۈش، دەرىجىگە ئايرىپ دىياگنوز قويۇش - داۋالاش قاتارلىق تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئاممىۋى سەھىيە ئېغىر، زور خەۋپ - خەتىرىگە تەھلىل قىلىپ ھۆكۈم قىلىش، باھالاش، تەدبىر بەلگىلەش، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئېغىر، زور يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، قۇتقۇزۇش - داۋالاش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېغىر، زور يۇقۇمغا جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تاسادىپىي يۈزبەرگەن ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش - داۋالاش، باشقۇرۇش چارىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېغىر، زور يۇقۇم ئەھۋالى بويىچە قۇتقۇزۇش - داۋالاش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئەلالاشتۇرۇپ، دەرىجىگە، قاتلامغا، تارماققا ئايرىلغان يۇقۇملۇق كېسەل قاتارلىق ئېغىر، زور يۇقۇم ئەھۋالى بويىچە قۇتقۇزۇش - داۋالاش مېخانىزمىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. ئېغىر كېسەل داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئالاھىدە كىشىلەر توپى، ئالاھىدە بېكىتىلگەن كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ داۋالىنىش، دورا خىراجىتىنى كەچۈرۈم قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمىتى بىلەن داۋالاش مۇلازىمىتىنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بىرلىككە كەلگەن جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيا كاپالەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇشقا كېرەكلىك مۇھىم ماددىي ئەشيالارنى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى كاپالىتى ۋە رايون ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، دۆلەت زاپاس ساقلاش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ بىرلىككە كەلگەن جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىش - تەمىنلەش سىستېمىسىنى ئورنىتىش كېرەك. سىستېمىسى مۇكەممەل، ئىلمىي قېلىپلاشقان، يۈرۈشۈشى ئۈنۈملۈك بولغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قانۇن سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئاممىۋى سەھىيە ساھەسىدىكى ئالاقىدار قانۇن - نىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىۋى سەھىيە قانۇنچىللىق كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك.

شۇنى ئېنىق كۆرۈش كېرەككى، بۇ قېتىمقى يۇقۇم بىزگە ئاممىۋى سەھىيەدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى جەزمەن تولۇقلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئاگاھلاندۇردى. «ياۋايى ھايۋان ۋە ئۇچار قاناتلارنى ئوۋلاش كەسپى» ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىگە ئېغىر، زور يوشۇرۇن خەۋپ شەكىللەندۈردى، شۇڭا قانۇنسىز ئېچىلغان ياۋايى ھايۋانلار بازىرى ۋە سودىسىنى جەزمەن قەتئىي ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ۋە قاتتىق زەربە بېرىپ، ياۋايى ھايۋانلارنى خالىغانچە يەيدىغان ناچار ئادەتنى قەتئىي تۈگىتىپ، ئېغىر، زور ئاممىۋى سەھىيە خەۋپ - خەتىرىنى مەنبەدىن تىزگىنلەش كېرەك. جەزمەن دۆلەتنىڭ زاپاس ساقلاش سىستېمىسىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى سىستېمىلىق رەتلەپ، زاپاس ساقلىنىدىغان تاۋارلارنىڭ تۈرى، كۆلىمى، قۇرۇلمىسىنى ئىلمىي تەڭشەپ، زاپاس ساقلاشنىڭ ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

«قانۇن ئۆزلۈكىدىن ئۈنۈم كۆرسەتمەيدۇ». تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىغا ئايلاندۇرغاندا، تۈزۈم ئېڭىنى تۈزەش سەۋىيەسىگە ئايلاندۇرغاندا، ئاندىن تۈزۈمنىڭ قۇدرىتىنى تولۇق قويۇپ بەرگىلى بولىدۇ. تاسادىپىي ئېغىر، زور ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە، جەزمەن كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، نېپىز مۇزنىڭ ئۈستىدە ماڭغاندەك ئېھتىياتچانلىق، غازاڭنى كۆرۈپ كۈزنىڭ كەلگەنلىكىنى بىلگەندەك سەزگۈرلۈكنى ھەر ۋاقىت ساقلاپ، ھەم ئۆزى مەسئۇل بولغان ساھە ئىچىدىكى ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەردىن يۈكسەك ھوشيار تۇرۇپ ۋە مۇداپىئەلىنىپ، ھەم پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرىدىكى ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەرگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ، بىرىنچى ۋاقىتتا پىكىر ۋە تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك؛ جەزمەن تۈزۈم ئىجرا قىلىش كۈچىنى ئۆستۈرۈپ، قاتتىق ھالدا تۈزۈم بويىچە خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ھوقۇق يۈرگۈزۈپ، خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، تۈزۈمنىڭ يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بېرىش، ھەرىكەتنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش، مۇقىملىقنى قوغداش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك؛ جەزمەن خىزمەت قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال ئىقتىدار ۋە باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئۆزى مەسئۇل بولۇپ باشقۇرىدىغان ساھەدىكى كەسپىي بىلىملەرنى ئۆگىنىپ، ئىگىلەپ، ئۆزىنى كەسىپ بىلىدىغان رەھبەرگە ئايلاندۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش قابىلىيىتىنى كۈچەيتىپ، ئاكتىپ ھالدا مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەش كېرەك.

ئېنگېلس مۇنداق دېگەن: «ھەرقانداق بىر قېتىملىق غايەت زور تارىخىي ئاپەتنىڭ ئورنى تارىخنىڭ ئىلگىرىلىشى بىلەن تولۇقلىنىدۇ.» جۇڭخۇا مىللىتى ئاپەتتىن تەجرىبە ۋە ساۋاق يەكۈنلەشكە، ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ - قۇدرەت قوبۇل قىلىشقا ماھىر مىللەت. بۇ مەيدان ئازاب - ئوقۇبەتنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، بىز چوقۇم تېخىمۇ قەيسەر، تېخىمۇ يېڭىلمەس بولىمىز. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا ئىتتىپاقلىشىپ، ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن، داۋاملىق ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيلى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بىزگە تونۇش ئۈرۈمچى قايتىپ كەلدى...
  • توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ كىرىمنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىش
  • خوتەندىكى كەچلىك بازارلار ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى