تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كۇچا شەھىرىدىكى مېھىر-شەپقەت كارخانىلىرى «يۇقۇم»غا قارشى تۇرۇشقا ھەمدەم بولدى

  

     تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز لى دەندەن خەۋىرى، فوتوسى): «كۆپ رەھمەت، بىزدە ھازىر داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى كەمچىل ئىدى، بۇ ماددىي ئەشيالار ھەقىقەتەن زۆرۈر ۋاقىتتا ئەسقاتىدىغان بولدى ھەم يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىرىنچى سېپىدىكىلەرگە زور مەدەت بولدى، بىز چوقۇم بىرىنچى سەپتە تىرىشىپ ئىشلەپ، بۇ جەڭدە غەلىبە قىلىمىز!» دېدى كۇچا شەھەرلىك كېسەللەرنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ كادىرى يۈ جېنلىن بىر تۈركۈم مۇداپىئە بويۇملىرىنى كۆرۈپ ھاياجانلانغان ھالدا.

  2-ئاينىڭ 28-كۈنى، شىنجاڭ ۋۇجوۋ گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى كۇچا شەھەرلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابى ئارقىلىق بىرىنچى سەپتىكى كادىرلارغا، ئاممىغا تەييار چۆپ، سۈت، ماسكا، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى قاتارلىق ھال سوراش بۇيۇملىرى ۋە مۇداپىئە بۇيۇملىرىنى ئاپىرىپ بېرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا ياردەم بەردى.

   بۇ قېتىم ئىئانە قىلىنغان ماددىي ئەشيالار 1000 دانە N95 ماسكىسى، 200 يەشىك سۈت، 200 يەشىك تەييار چۆپ ۋە 20 تۇڭ(50 كىلوگىرام/تۇڭ) دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ماسكا ۋە دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە قىس بولغان ماددىي ئەشيالار ئىدى.

   شىنجاڭ ۋۇجوۋ گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جەمئىيەت ياردەم بېرىشكە ئاكتىپ قاتنىشىپ، شۇ جايدىكى داڭلىق مېھىر-شەپقەت كارخانىسى بولۇپ قالدى. يۇقۇم يۈز بەرگەندىن بۇيان، بۇ شىركەت يېڭى تىپتىكى تاجسمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، گۇرۇھ بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، ماددىي ئەشيالارنى تەييارلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۆھپە قوشتى. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى-كادىرلار ۋە پىدائىيلار بىرىنچى سەپتە يۇقۇمنى كونترول قىلىشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاممىنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى.

   بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى شۈ جىيۈەن مۇنداق دېدى: «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى بار، بىز جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىمىزنى پائال ئۈستىمىزگە ئالىمىز، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئۈچۈن، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، يۇقۇم ئۈستىدىن بىرلىكتە غەلىبە قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز».

   «بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، ھەممەيلەن ياردەم بېرىدۇ. مېھىر-شەپقەت كارخانىلىرىغا ئالقىش ياڭرىتىش بىلەن بىللە، تېخىمۇ كۆپ مېھىر-شەپقەت كارخانىلىرى ۋە مېھرىبان زاتلارنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە قاتنىشىشقا، جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش جېڭىدە بىرلىكتە غەلىبە قىلىشقا چاقىرىمىز» دېدى كۇچا شەھەرلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ مەسئۇلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى