تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرايلى

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

ئاچقۇچلۇق پەيتتە زەربىدارلىق بىلەن ئالدىغا ئۆتەلەيدىغان، خەتەرلىك پەيتتە جان پىدالىق كۆرسىتەلەيدىغان بولغاندىلا، ئاندىن ھەقىقىي كوممۇنىست بولغىلى بولىدۇ.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاش، ئالغا سىلجىتىشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ بۇ مەيدان كەسكىن كۈرەشتە سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرغانلىقىغا يۈكسەك باھا بەردى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ مەيدان خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى ياخشى قىلىش - قىلالماسلىق، ئۇنىڭدا غەلىبە قىلىش - قىلالماسلىق ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارغا نىسبەتەن مۇھىم، زور سىناق، دەپ كۆرسىتىپ، يەنە بىر قېتىم «پارتىيە بايرىقىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.

«جىددىي پەيتتە، قەھرىماننىڭ خىسلىتى نامايان بولىدۇ.» يامان ئەلپاز بىلەن كەلگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەتەرلىك پەيتتە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، پىداكارلىق كۆرسىتىپ، بىرىنچى سەپكە ئاتلىنىپ، ئەڭ ئالدىنقى سەپتە جەڭ قىلدى، ۋەزىپە قەيەردە خەتەرلىك، ئېغىر بولسا، شۇ يەردە پارتىيە تەشكىلاتلىرى خىزمەتلەرنى قەتئىي، كۈچلۈك ئىشلىدى، شۇ يەردە پارتىيە ئەزالىرى ئاۋانگارت بولدى، ئۈلگە بولدى. ئېغىر كېسەللەر بۆلۈمىدە مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي قۇتقۇزۇش - داۋالاشتىن شەھەر - يېزا مەھەللىلەردە ئۆيمۇئۆي كىرىپ رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشكىچە، زاۋۇت - سېخلاردا ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپچىقىرىشتىن پەن تەتقىقات تەجرىبىخانىلىرىدا كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشقىچە، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار ھەرىكىتى ئارقىلىق «پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن بارلىقىمنى قۇربان قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييارمەن» دېگەن پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىۋاتىدۇ.

ھازىر، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئەڭ كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق باسقۇچتا تۇرۇۋاتىدۇ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش، ئالغا سىلجىتىشتا ۋەزىپە مۈشكۈل، پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە بايرىقىنى كۈرەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇش ئەڭ زۆرۈر. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار ئەسلىي مەقسەتنى ھەرىكىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئۆز ئورنىدا ئۆز خىزمىتىنى ئويلاپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئاۋانگارت بولۇپ، زەربىدار بولۇشقا جۈرئەت قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، پائال رول ئويناپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، ئويلاۋاتقان، ھەل قىلىنىشىنى ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ياخشى سىردىشى بولۇپ، خەلق ئاممىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەپ، ئۇلارغا چىڭ تايىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى، تەشكىلىي ئەۋزەللىكى، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاش ئەۋزەللىكىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتىكى قۇدرەتلىك سىياسىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

ئاساسىي قاتلام بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپى، شۇنداقلا ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ بىرىنچى سېپى، تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئاچقۇچى. ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيەلىك كادىرلار كەڭ كۆلەمدە ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئاممىنى تەشكىللەپ، ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەشنىڭ پۇختا مۇداپىئە سېپىنى بەرپا قىلىشى كېرەك. ئىدىيەۋى خىزمەتنى سەۋرچانلىق بىلەن ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەپ، كەڭ ئاممىنى چوڭ ۋەزىيەتكە بويسۇنۇشقا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە دائىر تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشقا يېتەكلەپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى ئاڭلىق قوغدىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيەلىك كادىرلارغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈپ، كۆيۈنۈپ، ئۇلارنىڭ يولۇققان ئەمەلىي قىيىنچىلىقى ۋە مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا ۋاقتىدا ياردەم بېرىشى كېرەك. يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار قاتارلىقلار تېخىمۇ كۆپ كادىر ئاجرىتىپ ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامغا ياردەم بېرىپ، ئاساسىي قاتلامدا چېنىقىشنى ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى نامايان قىلىشنىڭ سىناق تېشى ۋە بىلىيى قىلىشى كېرەك.

كادىرلارنىڭ سىياسىيدا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان - ئۆتەلمەيدىغانلىقىغا قاراشتا ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئىشەنچلىك بولغان - بولمىغانلىقىغا قاراش كېرەك. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە بىزنىڭ كادىرلار قوشۇنىمىز ياخشى، سىناقلاردىن ئۆتكەن، لېكىن ئاز ساندىكى كادىرلارنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولمىدى، ھەتتا بەكلا ناچار بولدى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى كۈرەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە كادىرلارنى تەكشۈرۈپ پەرقلەندۈرۈشى، ئىپادىسى گەۋدىلىك كادىرلارنى زور كۈچ بىلەن تەقدىرلىشى، دادىل ئىشلىتىشى، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالمىغان، قىلىدىغاننى قىلمىغان، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغان، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، ھالقىلىق پەيتتە «قاچاق ئەسكەر» بولغانلارنى ئۆز جايىدىلا ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشى كېرەك. ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغان پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار ۋە ئىلغار كوللېكتىپلارنى ۋاقتىدا تەشۋىق قىلىش ۋە تەقدىرلەش كېرەك، كۈرەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغان پارتىيەگە كىرىش ئاكتىپلىرىنى ئۇرۇش سېپىدە پارتىيەگە كىرگۈزۈشكە بولىدۇ.

مەرد مەيداندا سىنىلار، ساپ ئالتۇن كۈچلۈك ئوتتا سىنىلار. بۇ مەيدان ئېغىر، زور تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە كىرىزىسى پارتىيەمىز ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بىر مەيدان چوڭ سىناق. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، خەلق ئاممىسىغا چىڭ تايانساقلا، بىز چوقۇم بۇ مەيدان چوڭ سىناقتىن ئۆتەلەيمىز، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، تىرىشىپ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشتىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلققە، تارىخقا لاياقەتلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرالايمىز!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى