تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

496 خوتەنلىك دېھقان ئىشلەمچى مەخسۇس پويىزغا ئولتۇرۇپ كۈيتۈنگە ئىشلەشكە ماڭدى

2 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، خوتەندىكى تۇنجى قېتىملىق شىنجاڭ ئىچىدىكى ئىشلەمچىلەر مەخسۇس پويىزى يولغا چىقتى، قاراقاش ناھىيەسىدىكى 496 دېھقان ئىشلەمچى K6752 قېتىملىق پويىزغا ئولتۇرۇپ، قاراقاشتىن كۈيتۈنگە ئىشلەشكە ماڭدى.

(شۈ شياۋلۇڭ فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى خوتەن مۇخبىرلار پونكىتىدىن جاڭ يۇڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر ئابلىكىم خەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 28 - كۈنى سائەت 18 دىن 12 مىنۇت ئۆتكەندە، خوتەندىكى تۇنجى قېتىملىق شىنجاڭ ئىچىدىكى ئىشلەمچىلەر مەخسۇس پويىزى − K6752 قېتىملىق پويىز قاراقاش ناھىيەسى ۋوگزالىدىن ئاستا - ئاستا قوزغالدى، قاراقاش ناھىيەسىدىكى 496 دېھقان ئىشلەمچى مەخسۇس پويىزغا ئولتۇرۇپ كۈيتۈنگە ئىشلەشكە ماڭدى.

ئىگىلىنىشىچە، 496 دېھقان ئىشلەمچى ئىچىدە 280ى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە ئىكەن. ئىشلەمچىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتىدە، بىر كۆزنەكتە يەتكۈزۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، 496 دېھقان ئىشلەمچىنى ئۆيىدىن زاۋۇتقا بىۋاسىتە يەتكۈزىدىكەن ھەم ئۈچ كادىرنى پۈتۈن مۇساپىدە مۇلازىمەت كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەشكە سەپلىگەن.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە، خوتەن ۋىلايىتى شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى كارخانىلار بىلەن پائال ماسلىشىپ، خىزمەتلەرنى ئۇدۇللاشتۇردى، خادىملارنى بىرتۇتاش تەشكىللەپ، بىرتۇتاش سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ، بىرتۇتاش ئاپتوموبىللىق ئاپىرىپ ئەكەلدى، سىرتقا چىقىپ ئىشلەيدىغان ھەربىر ئىشلەمچىگە ماسكا تارقىتىپ بېرىپ، مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ ھەرىكەت ھالىتىدە بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىدى، ئىشلەمچىلەرنىڭ سىرتقا چىقىشى يېپىق ھالەتتە بولۇش، پۈتۈن مۇساپىلىك بولۇش، نۇقتىدىن نۇقتىغا بولۇش، بىر كۆزنەكلىك مۇلازىمەت قىلىشنى ياخشى ئىشلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىككى قولدا تۇتۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

بىرىنچى قېتىم سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىدىغان قاراقاش ناھىيەسىنىڭ زاۋا بازىرىدىكى دېھقان ئابدۇسەمەت ئابدۇمەمەت باشلىنىش ئالدىدا تۇرغان ئىشلەمچىلىك تۇرمۇشىغا نىسبەتەن ئارزۇلارغا تولدى، «بۇلتۇر سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلغان كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ يەردىكى كارخانىلارغا ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ مائاشى يۇقىرى، ياتاق - تامىقى ياخشى ئىكەن، شۇڭا بۇ يىل كەنت تىزىمغا ئالدۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلغاندا مەن ئاكتىپلىق بىلەن تىزىمغا ئالدۇردۇم. زاۋۇتقا بارغاندىن كېيىن، كۆپرەك تېخنىكا ئۆگىنىپ، كۆپرەك پۇل تېپىپ، ئائىلەمدىكىلەرنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىمەن» دېدى ئۇ.

خوتەن ۋىلايەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى خې گاڭ مۇنداق دېدى: «بىز ئىش ئورنىغىچە دەل جايىدا بولۇش، ئادەمگىچە دەل جايىدا بولۇش تەلىپى بويىچە، تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 50 مىڭ ئادەمنى شىنجاڭنىڭ ئىچى - سىرتىغا رايون ھالقىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، 100 مىڭ ئادەمنى ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، 150 مىڭ ئادەمنى پەسىل خاراكتېرلىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، خوتەن ۋىلايىتىدىن سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىدىغانلار سانىنىڭ ئازايماسلىقى، كىرىمىنىڭ تۆۋەنلىمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي، كەسكىن غەلىبە قىلىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى