تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

【«يۇقۇم»غا قارشى جەڭدە مەن بار】 ئالتاي: 15 مىڭدىن ئارتۇق پىدائىي «يۇقۇم»غا قارشى جەڭ مۇداپىئە لىنىيەسىنى مۇستەھكەملىدى

«تەن ئاكا، قانداق ئەھۋالىڭىز، بۈگۈن بەدەن تېمپېراتۇرىڭىزنى ئۆلچىگەندىكى ئەھۋالىڭىز قانداق؟ ئۆيىڭىزدە يېقىندا سىرتقا چىققان ياكى يۇرتقا قايتىپ كەلگەن ئۇرۇق-تۇغقانلار بارمۇ؟ مەھەللە ئىستاتىستىكا قىلماقچى ئىدى.» 2-ئاينىڭ 26-كۈنى ئالتاي شەھىرى جىنشەن يولى مەھەللىسىنىڭ ئامانلىق پىدائىيسى جاۋ يەنلىن تېلېفون ئارقىلىق كەنت ئاھالىسىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى ناھىيە-شەھەرلەردە جاۋ يەنلىنگە ئوخشاش 15 مىڭ 363 نەپەر ئامانلىق پىدائىيسى «يۇقۇم»غا قارشى توختاۋسىز ئىلگىرىلىدى، ئۇلار ھەر كۈنى ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش بىلەن ئالدىراش يۈرۈپ، مەھەللە، يېزا - كەنتلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدە بىر قاتار بىخەتەرلىك توسۇقى بەرپا قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى قۇدرەتلىك كۈچ بىلەن تەمىنلىدى.

بۇرچىن ناھىيەسىدىكى مەھەللە كادىرلىرى بىلەن پىدائىيلار يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلماقتا

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى «تەشۋىقاتچى» بولۇش

«ھەرقايسى ئاھالىلەر، ياخشىمۇسىلەر، مەن بىزنىڭ بۇ ئولتۇراق رايوننىڭ ئامانلىق پىدائىيسى جاۋ يەنلىن، ھازىر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلى، كۆپچىلىك ئالاھىدە ئەھۋال بولمىغان شارائىتتا خالىغانچە سىرتقا چىقماڭلار، ئائىلىدە تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىشكە دىققەت قىلىڭلار، پات - پات دېزىنفېكسىيەلەپ تۇرۇڭلار...» 2-ئاينىڭ 26-كۈنى، جاۋ يەنلىن تېلېفوندا ئائىلە زىيارىتىنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، يۆتكىلىشچان كىچىك كاناينى كۆتۈرۈپ، جىنشەن يولى مەھەللىسىدىكى ئاھالىلەرگە يۇقۇم مەزگىلىدىكى ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلدى.

جاۋ يەنلىن بىر كاندىدات پارتىيە ئەزاسى. 1-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن جىنشەن يولى مەھەللىسىگە كېلىپ، ئامانلىق پىدائىيلىرى مۇلازىمەت ئەترىتىگە قوشۇلۇش ئۈچۈن تىزىملاتتى. ئۇ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى ئاھالىلەر زوق ئالالايدىغان شەكلىدە يېزىپ چىقىپ، ئاھالىلەرگە قويۇپ بەردى، يەنە يىغىپ توپلىغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئائىت ھەجۋىي رەسىملەرنى ئاھالىلەر ئۈندىدار، QQتوپىغا يوللاپ، كۆپچىلىكنىڭ ئۆگىنىشىگە سۇندى.

بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدىكى ئامانلىق پىدائىيلىرى ئاممىغا كۆكتات، ئاشلىق يەتكۈزۈپ بەرمەكتە

يۇقۇم مەزگىلىدە، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىنىڭ ھەرقايسى ئامانلىق پىدائىيلىرى ئاكتىپلىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، 72 خالىس تەشۋىقات ئەترىتى تەشكىللەپ قۇرۇپ، ئاممىغا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقاتى ئېلىپ باردى. بۇ ناھىيەدىكى سەنئەت جەھەتتە ئالاھىدىلىكى بار 18 نەپەر ئامانلىق پىدائىيسى ئۆزلۈكىدىن ئۆمەك بولۇپ تەشكىللىنىپ، رەسىملىك ژۇرنال، ھەجۋىي رەسىم قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق «ئۆيدە ئولتۇرسىڭىز ئامان بولىسىز»، «يۇقۇم سىزگە يېقىنلاشمايدۇ» قاتارلىق ئوبرازلىق بولغان يۇقۇمغا قارشى تەشۋىقات ئەسەرلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئۈندىدار توپى، دوۋيىن قاتارلىق سۇپىلاردا كەڭ دائىرىدە تەشۋىق قىلىپ، ئاممىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا توغرا قاراش تۇرغۇزۇشقا يېتەكلىدى.

ئاھالىلەرنىڭ «مۇلازىمەتچىسى» بولۇش

«نەرسە سېتىۋالىدىغانلار تېز سۆز قالدۇرۇڭلار، مەن كۆپچىلىك ئۈچۈن سېتىۋالغىلى بارىمەن»، «ماڭا بىر تۇڭ ياغ ئەكېلىپ بەرسىڭىز»، «ماڭا 200 يۈەنلىك توك ئېلىپ بەرسىڭىز»... يۇقۇم مەزگىلىدە، كۆكتوقاي ناھىيەسى شىنۋېن مەھەللىسىدىكى ئاھالە ئۇلاش نۇرلان كۆزىنى ئېچىشى بىلەنلا بۇ خىل ئۇچۇرلارنى كۆرەتتى.

«بۇ بىزنىڭ مەھەللە ئاھالىلەر ئۇندىدار توپى، ئاھالىلەرنىڭ نېمە سېتىۋالغۇسى بولسا، بۇ يەردە سۆز قالدۇرسىلا پىدائىيلار مەسئۇل بولۇپ تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ» دېدى ئۇلاش خۇشال ھالدا.

كۆكتوقاي ناھىيەسىدىكى ئامانلىق پىدائىيلىرى ئاممىغا ياردەملىشىپ لازىمەتلىك سېتىۋالماقتا

يۇقۇم ئەھۋالى يۈزبەرگەندىن بۇيان، كۆكتوقاي ناھىيەسى ئامانلىق پىدائىيلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، 74 كىشىلىك جىنشەن ئاۋانگارتلىرى پارتىيە ئەزالىرى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللەپ، ھەربىر ئولتۇراق رايوننى ئومۇميۈزلۈك قاپلىدى، لازىمەتلىك يەتكۈزۈش، ئەخلەتنى ۋاكالىتەن تۆكۈش «بىرىنچى سەپ ئىشخانىسى» قۇرۇپ، ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمەت ئۇقتۇرۇشى چىقىرىپ، پىدائىيلار مۇلازىمەت ئۈندىدارى بىلەن تېلېفون نومۇرىنى ئاشكارىلىدى، بۇنىڭ بىلەن ئاھالىلەر ئىشى بولسا، ئېھتىياجى بولسا، بىۋاسىتە پىدائىي چاقىرىپ، ئۆزلىرىگە ۋاكالىتەن ئىش بېجىرگۈزىدىغان بولدى.

2-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئويموق بازىرى قاتەي كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئېرمەك مۇرزابېك ئامانلىق پىدائىيسى مۇرال ئابلايقان ئەكېلىپ بەرگەن دورىنى تاپشۇرۇۋالدى.

قاتەي كەنتى چارۋىچى ئاھالىلەر بىرقەدەر تارقاق ئولتۇراقلاشقان چارۋىچىلىق كەنتى ئىدى، كېكسىن قىشلاقى قاتەي كەنتىگە يىراق تاغلىقتا بولۇپ، يولىمۇ ئوڭغۇل –دوڭغۇل ئىدى. بۇ يەردىكى چارۋىچىلارغا تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مۇرال ھەمىشە ئامانلىق پىدائىيلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىگە دورا، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى يەتكۈزۈپ بەردى.

ئىگىلىنىشىچە، يۇقۇم مەزگىلىدە، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەر دائىرىنى بىرلىك قىلىپ، ھەربىر دائىرىگە مەخسۇس ئامانلىق پىدائىيسى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاھالىلەرنىڭ ئېھتىياجى بولسىلا ياكى ئېھتىياجى بار ئاھالىلەر ئۈندىدار توپىدا كۆرۈنگەن ھامان بىرەيلەن تېزلىكتە «زاكاز قوبۇل قىلىپ »، ئاھالىلەرنى ھەقىقىي تۈردە «ئۆيىدە غەمسىز ئولتۇرۇش» ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان.

ئاممىنىڭ «مۇرەسسەچىسى» بولۇش

«ئامانلىق پىدائىيسى، سىزگە بىر مەسىلىنى ئىنكاس قىلماقچىدىم، ئۈستۈنكى قەۋەتتىكىلەر ئاخشىمى ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىپ توختىمايدۇ، يېرىم كېچە بولۇپ كەتسىمۇ، يەنىلا پاڭ-پۇڭ قىلغان ئاۋازلار ئاڭلىنىپ، ياخشى ئۇخلىيالمايۋاتىمىز.»

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئامما ئۆيدە ئولتۇرۇش مەزگىلىدە كۆرۈلگەن زىددىيەت-ماجىرا ۋە پىسخىكىلىق مەسىلىلەرنى ئاھالىلەر ئۈندىدار توپىدا ئىنكاس قىلىدىغان بولدى، ئامانلىق پىدائىيلىرى كېڭەشنى تورغا كۆچۈرۈپ كېلىپ، تۈگۈننى يېشىپ، دەۋانى ئۈزۈپ، ئاھالىلەرنى «ئۆيىدە ئازادە ئولتۇرۇش»قا يېتەكلىدى.

بۇ ئىككى كۈندە، بۇرۇلتوقاي بازىرى شىچېڭ رايونى فۇيۈن ئولتۇراق رايونىدىكى ئامانلىق پىدائىيلىرى ئاھالىلەر توپىدا بىر مەيدان «كېڭەش» ئۆتكۈزدى. كېڭەش مەزمۇنى قانداق قىلغاندا ئۈستۈنكى، ئاستىنقى قەۋەتتىكى ئاۋازلاردىن كېلىدىغان پاراكەندىچىلىكنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ دېگەن تېما بولۇپ، ئاھالىلەر ئورتاق پىكىر قاتناشتۇردى، كۆپچىلىك كەچ سائەت 12دىن كېيىن ئامال بار ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلماسلىق، قوشنىلارنىڭ ئارام ئېلىشىغا دەخلى قىلماسلىق تەكلىپى بەردى.

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ئامانلىق پىدائىيلىرى «18 خىل ھۈنىرى»نى ئىشقا سېلىپ ، ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش، تېلېفوندا زىيارەت قىلىش، سىندا ئەرز قوبۇل قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئامما ئىنكاس قىلغان قىيىنچىلىق، تەلەپلەرنى بىرىنچى ۋاقىتتا ھەل قىلىپ، ھەممە ئىشقا جاۋاب قايتۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. ئۇلار ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئاممىۋى خىزمەتتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى تۇتاشتۇردى.

جاڭ لېي، ۋۇ لىنا، لى گاڭلار خەۋىرى، فوتوسى

(شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىدىن ئېلىندى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى