تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مېيىپلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش، ئىگە-چاقىسىز ياشانغانلارنى قوغداش، ئېغىر كېسىلى بار ئاھالىلەرگە ياردەم بېرىش ـــ ئالاھىدە كىشىلەر توپىغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈلدى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار، تارماقلار كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق يۇقۇم ئەھۋالى تۈپەيلىدىن ئۆيدە ئايرىۋېتىلگەن ئىگە-چاقىسىز ياشانغانلار، قىيىنچىلىقى بار بالىلار، ئېغىر كېسەل، ئېغىر مېيىپ قاتارلىق توپلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ غەمخورلۇق قىلماقتا.

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى جەمئىيەت كاپالىتى، مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمىتى قاتارلىق جەھەتلەردە توققۇز تۈرلۈك كونكرېت تەدبىرنى يولغا قويۇپ، مېيىپلەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ غەمخورلۇق قىلدى. 2019-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات مېيىپلەر ئائىلىسىنىڭ ھەربىرىگە 500 يۈەن قىممىتىدە مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش تۇرمۇش بۇيۇملىرى بېرىلدى، يۇقۇم تۈپەيلىدىن مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىلگەن ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار مېيىپلەر ئائىلىسى ئۈچۈن، ھەربىر ئائىلىگە 1000 يۈەندىن مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش ياردەم پۇلى بېرىلدى.

  «بوۋا، پاراۋانلىق باغچىسىدا ئادەم كۆپ، بىر يەرگە جەم بولۇپ پاراڭلاشماڭلار...» 2-ئاينىڭ 22-كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ كادىرى ليۇ خۇڭۋېي قۇتۇبى ناھىيەلىك جەمئىيەت پاراۋانلىقى باغچىسىدىكى ياشانغانلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ شۇنداق تاپىلىدى.

  قۇتۇبى ناھىيەلىك جەمئىيەت پاراۋانلىقى باغچىسى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى پۇقراۋى جەمئىيەت پاراۋانلىق كۈتۈنۈش ئاپپاراتى بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 169 ئىگە-چاقىسىز ياشانغان كىشى، 43 يېتىم بالىنى بېقىپ كەلمەكتە. يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، بۇ پاراۋانلىق باغچىسىدا ئادەم يېتىشمىگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان قۇتۇبى ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى-كادىرلار ئۆزلىرى تەلەپ قىلىپ بۇ يەرگە كېلىپ، ھەر كۈنى ياشانغانلار، يېتىم بالىلارغا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ قولىنى پات-پات يۇيۇشى، ھاۋا ئالماشتۇرۇشى، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىشى قاتارلىقلارغا ھەيدەكچىلىك قىلدى، ياردەم قىلدى.

  «يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، مەھەللە 14 يېتىم-يېسىر، يالغۇز ياشانغان كىشىگە ۋە يەتتە نەپەر ئېغىر كېسىلى بار ئاھالە ۋە ئىككى نەپەر مېيىپ ئاھالىگە ‹بىرگە بىر› مۇلازىمەت قىلىش مېخانىزمى ئورناتتى.» دېدى غۇلجا شەھىرى ۋېنلۈ گۇرۇھىنىڭ بۇ مەھەللىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى خوۋ يەندۇڭ.

  2-ئاينىڭ 22-كۈنى، پىچان ناھىيەسى لۈكچۈن بازىرى مۇقام كەنتىدىكى مېيىپ كەنت ئاھالىسى سېيتخان مەڭلىك پىچان ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەۋەتكەن ھال سوراش پۇلىنى تاپشۇرۇۋالدى. ئىككى كۈندىن بۇيان، پىچان ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىدىن ھال سوراش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ روھىنى ئۇرغۇتۇپ، باتۇرلۇق بىلەن بېيىش يولىغا مېڭىشىغا ئىلھام بەردى.

  «پەۋقۇلئاددە مەزگىلدە نامرات ئائىلىلەر قاتارلىق ئالاھىدە كىشىلەر توپىغا كۆڭۈل بۆلۈپ غەمخورلۇق قىلىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىنى ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ قەلبىگە يەتكۈزىمىز.» دېدى پىچان ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1-شۇجى زۇلپىقار راخمان.

(مۇخبىر جاۋ چۈنخۇا، مۇخبىرلار گەي يوۋجۈن، جاڭ تىڭ، لى شىڭ، جاڭ رۈيلىن، ئىختىيارىي مۇخبىر لۇ جۇڭ قاتنىشىپ يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى