تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

قەتئىي تۈردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى پۇختا تۇتۇش، ئىنچىكە تۇتۇش، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش كېرەك

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

مەرد مەيداندا سىنىلار، سادىق ئادەم بوران - چاپقۇندا بىلىنەر. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ مەيدان خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى ياخشى قىلىش - قىلالماسلىق، ئۇنىڭدا غەلىبە قىلىش - قىلالماسلىق، بۇ يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئۈچۈن مۇھىم، زور سىناق.

باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاش، ئالغا سىلجىتىشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاش، ئالغا سىلجىتىشقا بولغان رەھبەرلىكىنى جەزمەن كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىدىن رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتى، بولۇپمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، پارتىيە بايرىقىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ يۇقۇم ۋەزىيىتىگە ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى بىرىنچى چوڭ ئىش سۈپىتىدە چىڭ تۇتتى، ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش فاڭجېن - سىياسەتلىرىنى ۋاقتىدا تۈزۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ كۈچلۈك، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش قوماندانلىقى، بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇشى، بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قەتئىي بويسۇنۇپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار مەركەز يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ھەم گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىنىڭ قوماندانلىقىغا قەتئىي بويسۇنۇپ، بۇيرۇققا قاتتىق ئەمەل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۇقۇم ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى ھۆكۈمى توغرا بولدى، تۈرلۈك خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋاقتىدا بولدى، قوللانغان تەدبىرلىرى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك بولدى. دۆلىتىمىزنىڭ بۇ مەيدان ئېغىر، زور ئاممىۋى سەھىيە كىرىزىسىگە تاقابىل تۇرۇش ئەمەلىيىتى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى.

ھازىر پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنىڭ ئاكتىپ ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ھالىتى كېڭىيىۋاتىدۇ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى تېز ئەسلىگە كېلىۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، خۇبېي ئۆلكىسى ۋە ۋۇخەن شەھىرىنىڭ يۇقۇم ۋەزىيىتى يەنىلا مۇرەككەپ، كەسكىن بولۇۋاتىدۇ، باشقا ئالاقىدار رايونلاردا يۇقۇمنىڭ قايتا كۆرۈلۈش خەۋپ - خەتىرىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. دەل مۇشۇنداق ۋاقىتتا، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا تېخىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى بوشاشتۇرماي، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۆنىلىشنى ئىگىلەش، چوڭ ۋەزىيەتنى باشقۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشتىكى رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقۇم ئەھۋالى ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋەزىيىتىنى توغرا تەھلىل قىلىپ، ئىگىلەپ، ئاساسىي زىددىيەت ۋە زىددىيەتنىڭ ئاساسىي تەرىپىنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى، تەشكىلىي ئەۋزەللىكى، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاش ئەۋزەللىكىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشتىكى كۈچلۈك سىياسىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش نىشان - ۋەزىپىسىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

قەتئىي تۈردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى پۇختا تۇتۇش، ئىنچىكە تۇتۇش، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتا «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىق»لار ئاچقۇچلۇق رول ئوينىشى كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ تەلەپ قىلغاندەك، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاش، ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا، ھەر دەرىجىلىك كادىرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى كۈچەيتىپ، بارلىق دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدىغان، ھەرقانداق دۈشمەنگە باش ئەگمەيدىغان قورقماس ئىنقىلابىي جاسارەت بىلەن، باتۇرلارچە ئاۋانگارت بولۇپ، زەربىدار بولۇشقا جۈرئەت قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى نامايان قىلىشى كېرەك؛ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى چوقۇم كۈچەيتىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ھەرىكىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئۆز ئورنىدا ئۆز خىزمىتىنى ئويلاپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، پائال رول ئوينىشى كېرەك؛ مېھرىبانلىقىنى چوقۇم كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ياخشى سىردىشى بولۇپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، ئويلاۋاتقان، ھەل قىلىنىشىنى ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىشى كېرەك؛ ئېھتىياتچانلىقىنى چوقۇم كۈچەيتىپ، خەۋپ - خەتەر ئامىللىرىغا قارىتا تۆۋەن چەك تەپەككۇرىغا ئىگە بولۇپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشنى ئاخىرغىچە تۇتۇپ، تاكى ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگىچە ھەر ۋاقىت بوشاشماسلىقى، قىلچە بىپەرۋالىق قىلماسلىقى كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار ھەم مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش جاسارىتىگە، ھەم ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش پاراسىتىگە ئىگە بولۇپ، ھەم بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىش تەدبىرىگە، ھەم تەشكىللەپ يولغا قويۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، كۆڭۈلنى توختىتىپ، كەمتەر بولۇپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، قاتلام، دەرىجىگە ئايرىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تەسىر يەتكۈزىدىغان مەسىلىلەرنى ئېنىقلاپ، بىر - بىرلەپ ھەل قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

تارىخ بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئەزەلدىن ئوڭۇشلۇق بولۇپ كەلگەن ئەمەس، ئىزچىل تۈردە تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش جەريانىنى باشتىن كەچۈرگەن. بۇ مەيدان كەسكىن كۈرەش ئالدىدا، بۇ يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت مۈشكۈل ۋەزىپە ئالدىدا، بىز پەقەت قەتئىي تۈردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يەڭسەكلا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە بۇ يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت قوش غەلىبىنى چوقۇم قولغا كەلتۈرەلەيمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى