تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىككى قولدا تۇتۇش، قوش غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق لاياقەتلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇش كېرەك

ئاپتونوم رايون سىن يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا قايتا ئورۇنلاشتۇردى، قايتا ئورۇنلاشتۇرما قىلدى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىككى قولدا تۇتۇش، قوش غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق لاياقەتلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇش كېرەك

چېن چۈەنگو سۆز قىلدى شۆھرەت زاكىر رىياسەتچىلىك قىلدى شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايون پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە سىن يىغىنى ئېچىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈپ، ئۆگىنىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشنى قايتا ئورۇنلاشتۇردى، قايتا ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى شۆھرەت زاكىر، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، ليۇ ۋەنلۇڭ، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ۋاڭ جۈنجېڭ، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن، گوۋۇيۈەن 30 - خىزمەت يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ۋاڭ شۆتاۋ يىغىنغا قاتناشتى.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتىدە ئاكتىپ ياخشىلىنىش ھالىتى كېڭىيىۋاتقان ئاچقۇچلۇق پەيتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، بىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشىمىز، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇشىمىزغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلدى، مۇھىم مىزان بىلەن تەمىنلىدى، قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بېغىشلىدى. قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇش، ئىككىلىسىگىلا دەخلى يەتكۈزمەسلىك، قوش غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ پارتىيە ۋە خەلققە لاياقەتلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئەڭ كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق باسقۇچتا تۇرۇۋاتىدۇ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى تاماملاش جاپالىق، مۈشكۈل، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى ساقلاش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىزگە تاپشۇرغان مۇھىم، زور ۋەزىپە، بىزگە نىسبەتەن مۇھىم، زور سىناق. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى قىلچە بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش جاسارىتى، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش پاراسىتى، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىش تەدبىرى، تەشكىللەپ يولغا قويۇش ئىقتىدارى بىلەن ھەم تېخىمۇ پۇختا، ھەم تېخىمۇ ئىنچىكە تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، تىرىشىپ پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋە «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

بىرىنچىدىن، ۋەزىيەت، ۋەزىپىلەرنى ئىلمىي، توغرا ئىگىلەش كېرەك. ھەم نەتىجىنى كۆرۈش، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىش، ھەم قىيىنچىلىق، خىرىسلارنى سوغۇققانلىق بىلەن تەھلىل قىلىپ، كاللىنى سەگەك تۇتۇپ، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەسىلە يۆنىلىشى، نىشان يۆنىلىشى، نەتىجە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىپ، رايونغا ئايرىپ تەدبىر يۈرگۈزۈپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، خەۋپ - خەتەرنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، قەتئىي تۈردە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى پۇختا تۇتۇش، ئىنچىكە تۇتۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش كېرەك.

ئىككىنچىدىن، قىلچە بوشاشماي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. قەتئىي تۈردە بوشاڭلىق، بىخۇدلۇق ئىدىيەسىنى، بوشىشىپ قېلىش، ئۇرۇشتىن بىزار بولۇش كەيپىياتىنى تۈگىتىپ، چىشنى چىڭ چىشلەپ، ئۇدا جەڭ قىلىپ، پەرقلىق، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى يولغا قويۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەرنى تۇتۇپ، ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى ئىگىلەپ، ئۆتكەلنى ئالدىغا سۈرۈپ، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈش كېرەك؛ بايلىق ۋە كۈچنى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، كەڭ كۆلەمدە ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىش، ئاممىنى تەشكىللەش، ئاممىغا تەشۋىق قىلىش، ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇش، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەش كېرەك؛ قىزىق لىنىيەلىك تېلېفون قاتارلىق يوللارنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ دەۋا - تەلىپىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، چىن ھېسسىيات بىلەن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك؛ ئاغرىقلارنى مەركەزلەشتۈرۈش، مۇتەخەسسىسلەرنى مەركەزلەشتۈرۈش، بايلىقنى مەركەزلەشتۈرۈش، قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى مەركەزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇپ - داۋالاپ، داۋالاپ ساقايتىش نىسبىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك؛ ئىشلەپچىقىرىشنى تەشكىللەشنى ياخشى تۇتۇپ، توشۇش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ماددىي ئەشيالارنى ئىلمىي تەقسىملەپ، داۋالاش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشكە سىجىل، ياخشى كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئۈچىنچىدىن، تېببىي خادىملارنى قوغداش، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئۇلارنى ئاسراش كېرەك. ئەمەلىي، كۆڭۈلدىكىدەك، جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، تۇرمۇش كاپالىتى، نۆۋەت بىلەن دەم ئالدۇرۇش - تەرتىپكە سېلىش، پىسخىكىلىق تەڭشەش، ئائىلىسىدىن خەۋەر ئېلىش، مۇكاپاتلاش، تەقدىرلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، غەم - ئەندىشىدىن خالاس قىلىپ، ئۇلارنىڭ سىجىل ساغلام بولۇشىغا، دىققەتنى يىغىپ يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش كۈرىشىگە ئاتلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

تۆتىنچىدىن، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە پۇختا قەدەم بىلەن تەرتىپلىك تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. رايونغا ئايرىپ، دەرىجىگە ئايرىپ دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تاكتىكىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۈرۈشۈش تەرتىپىنى ئورنىتىپ، مۇھىم ئامىللار كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، توسۇقلارنى ئېچىپ، ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىنى ماسلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەشكىللەش كېرەك. ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىش كېرەك. تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانىدا تارقىلىشى، يامرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

بەشىنچىدىن، پۈتۈن كۈچ بىلەن كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا يار - يۆلەك بولۇش كېرەك . ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى تەڭشەشنى كۈچەيتىپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ئالدىغا ئۆتۈپ مۇلازىمەت قىلىپ، ياردەم بېرىش - يۆلەش، قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، مەركەزنىڭ سىياسىتىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ياخشى پايدىلىنىپ، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرلىرىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىنى تېزلىتىپ، ھەقىقىي تۈردە كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشچى ئىشلىتىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەمەلىي قىيىنچىلىقى ۋە مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىپ، كارخانىلارنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا، ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك.

ئالتىنچىدىن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى قورغانغا پۈتۈن كۈچ بىلەن ھۇجۇم قىلىش كېرەك. «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ كۆزلەپ، «يەتتە بىر تۈركۈم» «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ھەرىكەت ھالىتىدە ئۆلچەپ تەكشۈرۈپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى كېڭەيتىپ، نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ تەرتىپلىك ھالدا ئىش ئورنىغا قايتىشىغا ياردەم بېرىپ، نامراتلارنى يۆلەش باشلامچى كارخانىلىرى، نامراتلارنى يۆلەش سېخلىرىنىڭ ئىشنىئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى قوللاپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى تىرىشىپ پەسەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يەتتىنچىدىن، ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇش كېرەك. يېتەكچىلىك، مۇلازىمەتنى كۈچەيتىپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، نۇقتىلىق يېزا ئىگىلىكى ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت قىلىش، تەمىنلەشنى ياخشى تەشكىللەپ، ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىپ، تېرىقچىلىق پەيتىنى كېچىكتۈرۈپ قويماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.

سەككىزىنچىدىن، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا سىجىل زور كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مۇقىملىق، تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىدىن ئىبارەت ئۈچنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلەرنى پۇختا، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ياردەم بېرىش - يۆلەش، كۆيۈنۈش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك.

توققۇزىنچىدىن، تەشۋىقات - تەربىيە يېتەكچىلىكىنى چوڭقۇر ياخشى ئىشلەش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىرىنچى سېپىدىكى تەسىرلىك ھېكايىلەرنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ئىلمىي مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەر ۋە ئاممىۋى پىكىر دىققەت نۇقتىسىغا پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، چىنلىق، ياخشىلىق، گۈزەللىكنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپ، ئىشەنچنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، كىشىلەر قەلبىنى تېخىمۇ ئىللىتىپ، خەلقنىڭ قەلبىنى تېخىمۇ مۇجەسسەملەپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى بىرلىكتە يېڭىشنىڭ قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

ئونىنچىدىن، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش كېرەك. دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى قانۇن بويىچە ئالغا سىلجىتىپ، بىخ خاراكتېرلىك، خاھىش خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەيدىغان ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشقا بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلق ماسلىشىپ بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىشتە چىڭ تۇرۇپ، رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتى، بۆلۈپ ھۆددىگە ئېلىش مەسئۇلىيىتى، نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابى بىرتۇتاش قوماندانلىق قىلىش، ماسلاشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئۆز ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك، ئاساسىي قاتلامدىكى ھەرقايسى خىزمەت كۈچلىرى پارتىيەنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى، تەشكىلىي ئەۋزەللىكى، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئوخشاش مەقسەتتە، ئوخشاش يۆنىلىشتە، ئوخشاش قەدەمدە بولۇپ، ئوخشاش كۈچ چىقىرىپ، جاپا - مۇشەققەتتىن قورقماي، ئاخىرغىچە چىڭ تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاقىدار ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلار ۋە شى، شەھەر، تۇەن - مەيداندىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.