تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق قوماندانلىق ئىشتابى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدىكى ئاممىغا قولاي مۇلازىمەت قىزىق لىنىيە تېلېفونىنى كۆپەيتتى

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى ئۇچۇر ئالاقە يوللىرىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇش، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە، بولۇپمۇ پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كونكرېت تەلىپىگە ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى ئالدىنقى مەزگىلدىكى 12320 قىزىق لىنىيەسى ئاساسىدا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە 24 سائەت ئاممىغا قولاي مۇلازىمەت قىزىق لىنىيە تېلېفونىدىن ئۈچنى كۆپەيتتى. ھەر مىللەت ئامما يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ئەگەر ئالاقىدار تەلەپلىرى بولسا تۆۋەندىكى نومۇرلارغا تېلېفون قىلسا بولىدۇ: 12320، 2391334 ,5190871 ,5190878 -0991.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى