بايىنغولىن گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر جىڭ لىجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىر جۇ شياڭمىڭ): «شۇنچە كەچتىمۇ ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋېتىپسىلەر، جاپا تارتتىڭلار، بىز ئازراق خەنباۋ ۋە ئىسسىق ئىچىملىكلەرنى تەييارلىدۇق، تېز كېلىپ ئىسسىقىدا يەۋېلىڭلار...» 2-ئاينىڭ 20-كۈنى سەھەر سائەت 1:00 ئەتراپىدا، بۈگۈر ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى چارلاش-تىزگىنلەش چوڭ ئەترىتى شىنشىن شەرقىي يولى خەلققە قولايلىق ساقچى ئىشلىرى پونكىتىدا نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان خەلق ساقچىلىرى ۋە ياردەمچى ساقچىلار 200دىن ئارتۇق «مېھىر-شەپقەت كېچىلىك تامىقى» تاپشۇرۇۋالدى.
«مېھىر-شەپقەت كېچىلىك تامىقى»نى خەلققە قولايلىق ساقچى ئىشلىرى پونكىتىنىڭ يېنىدىكى بىر تېز تاماقخانىنىڭ خوجايىنى لى خانىم ئېلىپ كەلگەن. 1-ئاينىڭ 19-كۈنى كەچتە، لى خانىم خىزمەتچىلىرى بىلەن كېچىلەپ ئىشلەپ 200دىن ئارتۇق خەنباۋ، ئىسسىق ئىچىملىك قاتارلىق «مېھىر-شەپقەت كېچىلىك تامىقى» تەييارلاپ، شىنشىن شەرقىي يولى خەلققە قولايلىق ساقچى ئىشلىرى پونكىتىغا ئاپىرىپ بەرگەن، چارلاش-تىزگىنلەش چوڭ ئەترىتى مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىر قىسىم «مېھىر-شەپقەت كېچىلىك تامىقى»نى ناھىيە بازىرىدىكى باشقا ساقچى ئىشلىرى پونكىتى، تەكشۈرۈش پونكىتىدىكى كېچىلىك ئىسمېنىدا ئىشلەۋاتقان خەلق ساقچىلىرى ۋە ياردەمچى ساقچىلارنىڭ قولىغا يەتكۈزگەن.