تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدا كۆكتات ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەش مۇقىم بولدى، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى ئىشنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا كاپالەتلىك قىلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز يۈ جياڭيەن): ھازىر جەنۇبىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭنىڭ دەل ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەزگىلى، 2-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى-يېزا نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى شۈ تاۋ زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «ھازىر، شىنجاڭدا ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلماقتا. بولۇپمۇ، يېزا، كەنتلەردە دېھقانلار ئېتىز-ئېرىقلارنى تۈزلەپ، يەر تېرىۋاتىدۇ ۋە سۇغۇرىۋاتىدۇ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كۈزگى بۇغداينىڭ كۆلىمى كەڭ بولغاچقا، سوغۇرۇش ۋە قايتا ئوغۇتلاش چىڭ تۇتۇلۇپ، كۈزگى بۇغداينىڭ ئۆسۈشىگە كاپالەتلىك قىلىنىۋاتىدۇ».

  ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭدىكى كۆپ قىسىم يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى. نۆۋەتتە يەنە ئەشيا ئوبوروتى راۋانلاشتۇرۇلۇپ، تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنىڭ راۋان ئوبوروت قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئېھتىياجلىق كەنتلەرگە ئوڭۇشلۇق توشۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىۋاتىدۇ.

  يېزا ئىگىلىكى-يېزا نازارىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە شىنجاڭنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا كاپالەتلىك قىلىدىغان يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى زاپىسى ئىچىدە، سۇلياۋ يوپۇق تەمىنات مىقدارى يېتىشمىگەندىن باشقا، ئۇرۇق، خىمىيەۋى ئوغۇت قاتارلىق كۆپ قىسىم يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى تەمىناتى %80كە يېتىدىكەن. «پەقەت توشۇش ۋە ئەشيا ئوبوروتى يېتىشەلىسىلا، ئەتىيازلىق تېرىلغۇنى يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشتە ئاساسىي جەھەتتىن مەسىلە يوق» دېدى شۈ تاۋ.

  شىنجاڭنىڭ كۆكتات ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى مۇقىم ئاشتى. ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىكىدە يىراق مۇساپىلىك ئالاقىدار سىستېما تەڭشەش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى ھەپتە ئاپتونوم رايون بويىچە  ئەسلىھەلىك كۆكتات تېرىش كۆلىمى 64 مىڭ موغا يېتىپ، ئالدىنقى ھەپتىسىدىكىدىن 11 مىڭ 300 مو كۆپەيگەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى-يېزا نازارىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2-ئاينىڭ 17-كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە قىشلىق زاپاس كۆكتاتتىن 280 مىڭ توننا، كۆكتات ئېتىزلىقىدىن تەخمىنەن 80 مىڭ 500 مو بار ئىكەن، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇنىڭ مەھسۇلات مىقدارى 298 مىڭ توننىغا يېتىدىكەن، ھازىر بار بولغان كۆكتات ئىشلەپچىقىرىش، زاپاس ساقلاش مىقدارى ۋە ئۇنىڭغا شىنجاڭغا سىرتتىن يۆتكەپ كېلىنگەن كۆكتاتنى قوشقاندا، شەھەر، بازار ئاھالىلىرىنى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىكەن.

  نۆۋەتتە، شىنجاڭدىكى كۆكتات بازىرى تەمىناتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇۋاتىدۇ. ئالدىنقى ھەپتە شىنجاڭغا سىرتتىن كىرگۈزۈلگەن كۆكتاتلار ئاساسىي جەھەتتىن راۋان يۈرۈشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايون بويىچە 40 مىڭ 330 توننا كۆكتات يۆتكەپ كېلىندى، ئاپتونوم رايونىمىز سىرتىدىكى كۆكتاتلار بازار ئومۇمىي سودا مىقدارىنىڭ تەخمىنەن %85ىنى ئىگىلىدى. تۈرلۈك كۆكتاتلارنى كىرگۈزۈش، سېتىش ئاساسىي جەھەتتىن نورماللاشتى، مال ئۈزۈلۈپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى