تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ يۇقۇم مەزگىلىدە ئىشقا ئورۇنلاشقان، ئىگىلىك تىكلىگەن مېيىپلەرگە تۇرمۇش قىيىنچىلىقى ياردەم پۇلى بېرىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز جاڭ دۇڭمېي، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جاڭ سۇڭگې): يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى مەزگىلىدە، شىنجاڭ ئىشقا ئورۇنلاشقان، ئىگىلىك تىكلىگەن مېيىپلەرگە تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىدۇ.

  2-ئاينىڭ 24-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئىشقا ئورۇنلاشقان، ئىگىلىك تىكلىگەن مېيىپلەرنىڭ يۇقۇم مەزگىلىدىكى ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى، مېيىپلەر بىرلەشمىسى يېقىندا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى مەزگىلىدە ئىشقا ئورۇنلاشقان، ئىگىلىك تىكلىگەن مېيىپلەرگە تۇرمۇش قىيىنچىلىقى ياردەم پۇلى بېرىلىدىغانلىقى توغرىسىدا بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش تارقاتقان.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: يەككە سودا-سانائەت تىجارەت كىنىشكىسى ئالغان ئۇۋۇلاش ئاپپاراتلىرى ھەمدە شەخسلەر قۇرغان مېيىپلەرنى يۆلەش خاراكتېرلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ ھەر بىرىگە 8000 يۈەندىن تۆۋەن بولمىغان ئۆلچەم بويىچە بىر قېتىملىق ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ.

  يەككە سودا-سانائەت تىجارەت كىنىشكىسى ئېلىپ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەن ۋە يەككە ئىشقا ئورۇنلاشقان مېيىپلەرگە ھەر بىر دۇكانغا 3000 يۈەندىن تۆۋەن بولمىغان ئۆلچەم بويىچە بىر قېتىملىق ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ. كېرەكلىك خىراجەت ۋىلايەت، ئوبلاست( شەھەر، ناھىيە)لارنىڭ مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالەت پۇلى كىرىمىدىن چىقىم قىلىنىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، ھەر دەرىجىلىك مېيىپلەر بىرلەشمىلىرى خادىملارنى ئىستاتىستىكا قىلىپ يۇقىرىغا يوللاش ۋە تەكشۈرۈپ رويخەتكە ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئالاقىدار خىزمەت تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئادەمنى، دۇكاننى چۈشۈرۈپ قويماسلىققا كاپالەتلىك قىلىدىكەن. مالىيە تارماقلىرى مەبلەغنى ۋاقتىدا ئاجرىتىپ، 3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە تولۇق تارقىتىپ بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى