تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، ئىككى قولدا تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قوش غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك

ئاپتونوم رايون سىن يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى قاتارلىق خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، ئىككى قولدا تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قوش غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك

چېن چۈەنگو سۆز قىلدى شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايون سىن يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى قاتارلىق خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەپ، يۇقۇم ۋەزىيىتى ۋە تەسىرىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشنىڭ نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرى ۋە مۇھىم، زور تەدبىرلىرىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىزنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇشىمىزنى كۈچلۈك يېتەكچىلىك ۋە تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي تۈردە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىنچىكە تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋە «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

بىرىنچى، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىسى، ئىرادىسىنى چىڭىتىش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە ئاكتىپ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى كېڭىيىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت ئىلمىي ھۆكۈمنى توغرا ئىگىلەپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاققىچە ياخشىلىنىش ئاساسىي تەرىپىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكى، يۇقۇم زەربىسىنىڭ قىسقا مۇددەتلىك ئىكەنلىكى، ئومۇمىي جەھەتتىن تىزگىنلىگىلى بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئىلمىي ھۆكۈمنى توغرا ئىگىلەپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىشەنچنى، ئىرادىنى چىڭىتىپ، كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسىنى ساقلاپ، ۋەزىيەتنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا ھۆكۈم قىلىپ، خىزمەت غەيرىتىنى كۈچەيتىپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىپ، رايونغا ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ، ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇش، ئىككىلىسىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىك، قوش غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ئىككىنچى، رايونغا ئايرىپ، دەرىجىگە ئايرىپ دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك. ھەقىقىي تۈردە بىخۇدلۇق ئىدىيەسى، ئۇرۇشتىن بىزار بولۇش كەيپىياتى، تەلەي سىناش پىسخىكىسى، بوشىشىش روھىي ھالىتىنى تۈگىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى قىلچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ۋاقتىدا مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەلالاشتۇرۇپ، رايون بويىچە يېتەكچىلىك قىلىپ، كىشىلەر توپى بويىچە باشقۇرۇپ - تىزگىنلەپ، ساھەلەر بويىچە ئالغا سىلجىتىپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ھەرىكەت ھالىتىدە تەڭشەش كېرەك؛ ئاغرىقلارنى مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇتەخەسسىسلەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ، بايلىقنى مەركەزلەشتۈرۈپ، قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى مەركەزلەشتۈرۈپ، داۋالاش كۈچلىرىنى ئىلمىي يۆتكەپ، تەقسىملەپ، جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇپ - داۋالاپ، داۋالاپ ساقايتىش نىسبىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك؛ داۋاملىق تۈردە تېببىي مۇداپىئەلىنىشنى، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «كۆك - تاق» «ئاشلىق» مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توشۇش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك ماددىي ئەشيا بىلەن تەمىنلەشتىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك؛ تېببىي خادىملارغا بولغان پىسخىك يېتەكچىلىك ۋە ئادىمىيەت جەھەتتىن غەمخورلۇق قىلىشنى كۈچەيتىپ، غەم - ئەندىشىنى تۈگىتىپ، روھىي بېسىمىنى يېنىكلىتىپ، ئىلمىي مۇداپىئەلىنىش تەربىيەسىنى ياخشى ئىشلەپ، نۆۋەت بىلەن ئىشلەش، نۆۋەتلەشتۈرۈپ دەم ئالدۇرۇشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ساغلام ھالەتتە يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش كۈرىشىگە ئاتلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئۈچىنچى، قەتئىي تەۋرەنمەي يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئارقىلىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمغا ئوبيېكتىپ باھا بېرىپ، بېسىمنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇش، خەۋپنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى چۆرىدەپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» تەدبىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۈكنى يەڭگىللىتىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىشنى تەڭ قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تەرتىپلىك تۈرتكە بولۇپ، ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇپ، ھەقىقىي تۈردە خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ھەرىكەت ھالىتىدە ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ، تىرىشىپ يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ تەكشى، مۇقىم ئايلىنىشىنى ساقلاش كېرەك.

تۆتىنچى، قەتئىي تەۋرەنمەي دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىناق بولۇشى، مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش كېرەك. ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىش، ھوشيارلىقنى دائىم ساقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر يۈرگۈزۈپ، جەمئىيەت قاتلىمىدىن باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى قەتئىي كەسكىن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر، ئىنچىكىلىك بىلەن ئامما خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تەشۋىق - تەربىيە ۋە ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىشنى ياخشى تۇتۇپ، قانۇن بويىچە داۋالاشنى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى، بازارنى، جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنى قاتتىق جازالاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك.

بەشىنچى، قەتئىي تەۋرەنمەي «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» نىشانىنى چۆرىدەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يۇقۇمنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۆرسىتىدىغان تەسىرىگە ئىلمىي تاقابىل تۇرۇپ، دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلار ۋە ئالاھىدە نامرات كىشىلەر توپىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يەتتە بىر تۈركۈم» «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، كۈچەپ كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، يوچۇقلارنى ئېتىپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى داۋاملىق ياخشى تۇتۇپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش ۋە ھەرىكەت ھالىتىدە ياردەم بېرىش - يۆلەشنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئاخىرقى قورغىنىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن ھۇجۇم قىلىش كېرەك.

ئالتىنچى، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى تىزگىنلەش ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش قوماندانلىقى، بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇشى، بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قەتئىي بويسۇنۇپ، رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشقا بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك كادىرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچى، مەسئۇلىيەتچانلىقى، مېھرىبانلىقى، ئېھتىياتچانلىقىنى كۈچەيتىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ھەرىكىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇرچ، مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئېلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ سىردىشى ۋە يۆلەنچۈكى بولۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئاۋانگارت بولۇپ، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىشقا جۈرئەت قىلىپ، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئاممىغا كۆيۈنۈپ، ئاممىغا تايىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىن ئىبارەت قوش غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى بۇ مەيدان قاتتىق جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلىشى كېرەك.

شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ۋاڭ جۈنجېڭ، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.