تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

گۇما ناھىيەسىدىكى 34 كارخانا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىرلار سەيپىدىن ئابابەكرى، يۈسۈپجان مەمەت خەۋىرى، فوتوسى): مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش توغرىسىدىكى ئەڭ يېڭى تەلىپى بويىچە، خوتەن ۋىلايىتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سىياسىتىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىياتقا، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

    يېقىندا، مۇخبىرلار شىنجاڭ كوئېنلۇن لۈيۈەن يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا تەرەققىيات(گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئېشەك سۈتى ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىتىپ، دېزىنفېكسىيە قىلدۇرۇپ، خىزمەت كىيىمى ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، تەرتىپ بىلەن يېپىق ھالەتتىكى سېخقا كىرىپ ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆردى.

  ھازىر، بۇ شىركەتنىڭ بەش ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە جەمئىي 1281 ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشقان بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەر ئىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ كارخانا ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن بۇيان، مەخسۇس قوغدىنىش بۇيۇملىرى سېتىۋېلىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشقا چىققاندا ماسكا تاقىشىغا كاپالەتلىك قىلغان، دېزىنفېكسىيەلەش خىزمىتىنى ھەر كۈنى بەلگىلەنگەن ئۆلچەمدە، بەلگىلەنگەن ئورۇندا ئېلىپ بېرىپ، قول دېزىنفېكسىيەلەش سۇيۇقلۇقى ئىشلىتىشنى ھەممە ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرگەن.

  گۇرۇھنىڭ باش مۇدىرى فېڭ جيەنشىن مۇنداق دېدى: «بىز ھەر كۈنى ئىش باشلاشتىن بۇرۇن خىزمەت ئورنى ۋە ئاپتوموبىللارنى ئومۇميۈزلۈك دېزىنفېكسىيە قىلىمىز. پات ئارىدا ئىش ئورنىغا قايتىدىغان خىزمەتچىلەرنى مەخسۇس ئاپتوموبىل بىلەن ئاپىرىپ-ئەكىلىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، ھەر كۈنى ئىشقا چىققاندا، ئىشتىن چۈشكەندە خىزمەتچىلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ، بىر قېتىملىق ماسكا ۋە بىر قېتىملىق پەلەينى ئالماشتۇرۇپ، ئىشنى بىخەتەر ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىمىز».

    2-ئاينىڭ 23-كۈنىگىچە، گۇما ناھىيەسىدىكى 34 كارخانا ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن بولۇپ، ئىشقا چىققان، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 6855كە يەتكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بىزگە تونۇش ئۈرۈمچى قايتىپ كەلدى...
  • توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ كىرىمنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىش
  • خوتەندىكى كەچلىك بازارلار ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى