تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

خۇبېيدىكى «توردا ئالقىشقا ئېرىشكەن» شىنجاڭ كاۋىپى دۇكىنىنىڭ خوجايىنى پۇل ۋە ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلدى ھەم پىدائىي بولدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز گو لىڭ خەۋىرى، سۈرەتلەرنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن): «دادا، غەيرەت قىلىڭ!» 2-ئاينىڭ 23-كۈنى، تۇرسۇنتوختى ئىمىنتوختى ئادەتتىكىگە ئوخشاشلا ئولتۇراق رايونىدىكى دېزىنفېكسىيەلەش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇردى، ئۇ ھەر قېتىم ئۆز ئۆيىنىڭ ئەتراپىغا كەلگەندە، دېرىزىدىن قىزلىرىنىڭ توۋلىغان ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ، ئۇ «غەيرەت قىلايلى!» دېگەن ھەرىكەت قىياپىتى بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ.

تۇرسۇنتوختى ئىمىنتوختى دېرىزىدىن «غەيرەت قىلىڭ!» دەپ توۋلىغان قىزلىرىغا «غەيرەت قىلايلى!» دېگەن ھەرىكەت قىياپىتى بىلەن جاۋاب قايتۇرماقتا.

  37 ياشلىق تۇرسۇنتوختى ئىمىنتوختى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ خوتەن ناھىيەسىدىن بولۇپ، ھازىر بىر ئائىلە كىشىلىرى خۇبېي ئۆلكىسى شىيەن شەھىرى ماۋجيەن رايونى ئېريەن كوچا باشقارمىسى سەنيەن مەھەللىسىدە تۇرىدۇ.

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىن، تۇرسۇنتوختى ئىمىنتوختى شىيەن شەھىرىدىكى ئۈچ كاۋاپخانىسىدا چاغان مەزگىلىدە ئىشلىتىش ئۈچۈن تەييارلاپ قويغان بارلىق كۆكتات ۋە 500 ناننى شۇ جايدىكى ياشانغانلار ساناتورىيەسىگە ئىئانە قىلدى، يەنە شىيەن شەھىرىگە 9200 يۈەن قىممىتىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىئانە قىلدى. ھازىر، ئۇ يەنە ئۆزى تۇرۇشلۇق مەھەللىگە كېلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سېپىگە قاتناشتى.

  «مەن ئەسلىدىنلا شىيەن شەھىرىنىڭ پىدائىيسى، مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ يېتىشەلمەيۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، مېنىڭمۇ ياردەم قىلغۇم كەلدى» دېدى تۇرسۇنتوختى ئىمىنتوختى.

  سەنيەن مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى دۇ شياۋخۇا مۇنداق دېدى: «مەھەللىمىز دېزىنفېكسىيە سايمانلىرىنى تەييارلاپ بېرىدۇ، تۇرسۇنتوختى ھەر كۈنى ۋاقتىدا كېلىدۇ، دېزىنفېكسىيەنىمۇ ناھايىتى ئەستايىدىل قىلىدۇ. تۇرسۇنتوختى ھەر كۈنى سائەت 8:00، 14:00دە، ھەر قېتىمدا ئىككى سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىتتا تۆت تۇڭ، جەمئىي 100 كىلوگىرام دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقىنى ئالتە ئولتۇراق رايون، 40 ئەخلەت ساندۇقىغا چېچىپ، دېزىنفېكسىيەلەش خىزمىتىنى ۋاقتىدا تاماملايدۇ».

   تۇرسۇنتوختى ئىمىنتوختى ئىزچىل ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپ كەلدى.

  1999-يىلى، تۇرسۇنتوختى دادىسى بىلەن يۇرتىنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئېلىپ، شىيەن شەھىرىگە كەلگەن. يەرلىكتىكى كىشىلەرنىڭ ياردىمىدە تۇرمۇشى ئاستا-ئاستا ياخشىلىنىپ، ئۈچ چاقلىق ۋېلىسىپىت مىنىپ كوچا-كويلارنى ئارىلاپ يايما ئېچىپ كاۋاپ ساتقان ھەم كاۋاپخانا ئاچقان، كېيىن يەنە ئىككى تارماق دۇكان ئېچىپ، شۇ جايدىكى «توردا ئالقىشقا ئېرىشكەن» كاۋاپخانىغا ئايلانغان، شىيەن شەھىرى ئۇنىڭ ئىككىنچى يۇرتى بولۇپ قالغان.

  ھەر قېتىم بايرام يېتىپ كەلگەندە، تۇرسۇنتوختى شىيەن شەھىرىدىكى مۇھىت ئاسراش ئىشچىلىرىنى دۇكىنىغا كېلىپ شىنجاڭنىڭ ئېسىل تائاملىرىنى ھەقسىز تېتىپ بېقىشقا تەكلىپ قىلدى؛ لىق بىر ماشىنا شىنجاڭنىڭ چىلىنى، ياڭاقلىرىنى ئېلىپ، شۇ جايدىكى تاغلىق كەنتتىكى 100دىن ئارتۇق نامرات ئائىلىنى يوقلىدى؛ نامرات كەنت ئاھالىلىرىگە چاپان، پوپايكا، قىشلىق ئاياغ ئاپىرىپ بەردى؛ يۇرتى خوتەن ناھىيەسىگە قايتقاندىمۇ نۇرغۇن سوۋغاتنى ئېلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى ئۆگىنىشىگە ئىلھام بەردى... 2019-يىلى ئۇ «مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك شەخس» بولۇپ باھالاندى.

    ھازىر ئۇنىڭ ئۈچ كاۋاپخانىسىدا يۇرتىدىن كەلگەن 21 خىزمەتچى بار.

  شىيەن شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، تارماق ئەترەت باشلىقى سۈن فېڭجى تۇرسۇنتوختى بىلەن تونۇشقىلى سەككىز يىل بولدى. ئۇ: «تۇرسۇنتوختىنىڭ تۇرمۇشى ياخشىلانغاندىن كېيىن، ھەر يىلى دېگۈدەك ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرى بىلەن شوغۇللىنىپ، پۇل ۋە ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلىۋاتىدۇ» دېدى.

  «بىرىنچى يۇرتۇمدىن ئىككىنچى يۇرتۇمغىچە، نۇرغۇن ئادەم ماڭا ياردەم قىلدى، ھازىر تۇرمۇشۇم ياخشىلاندى، جاۋاب قايتۇرىدىغان ۋاقتىم كەلدى» دېدى تۇرسۇنتوختى.

تۇرسۇنتوختى ئىمىنتوختى ماددىي ئەشيا ئىئانە قىلماقتا.

تۇرسۇنتوختى ئىمىنتوختى 2019-يىلى «مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك شەخس» دېگەن نامغا ئېرىشتى.

تۇرسۇنتوختى ئىمىنتوختى ئىلگىرى شۇ جايدىكى مۇھىت ئاسراش ئىشچىلىرىنى ھەقسىز تاماق يېيىشكە تەكلىپ قىلغان.

تۇرسۇنتوختى ئىمىنتوختى ھەر يىلى ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.

تۇرسۇنتوختى ئىمىنتوختى شىيەن شەھىرىدىكى ئۈچ كاۋاپخانىسىدا چاغان مەزگىلىدە ئىشلىتىش ئۈچۈن تەييارلاپ قويغان بارلىق كۆكتات ۋە 500 ناننى شۇ جايدىكى ياشانغانلار ساناتورىيەسىگە ئىئانە قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى