تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جايلار بەس-بەستە مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقاردى، شىنجاڭدا 13 كارخانا ئىشلەپچىقىرىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ جياڭيەن خەۋىرى، فوتوسى): 2-ئاينىڭ 20-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق دورا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2-ئاينىڭ 19-كۈنىگىچە، شىنجاڭ بويىچە 13 كارخانا ماسكا، ئايرىش كىيىمى، مۇداپىئە كىيىمى قاتارلىق مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقىرىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن.

شىنجاڭ لېبېيئېر سودا چەكلىك شىركىتىدىكىلەر پۈتۈن كۈچ بىلەن ئايرىش كىيىمى ئىشلەپچىقارماقتا.
شىنجاڭ لېبېيئېر سودا چەكلىك شىركىتىدىكىلەر پۈتۈن كۈچ بىلەن ماسكا ئىشلەپچىقارماقتا.

  بۇ 13 كارخانا شىنجاڭ لېبېيئېر سودا چەكلىك شىركىتى، توققۇزتارا ناھىيەسى جۇڭكاڭ داۋالاش ماتېرىياللىرى چەكلىك شىركىتى (توققۇزتارا ناھىيەسىدىكى زاۋۇت رايونى بىلەن ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇت رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، شىنجاڭ جىخۇا 7555 كەسپىي كىيىم-كېچەك چەكلىك شىركىتى، شايار ناھىيەسى شېنۋېي كىيىم-كېچەك چەكلىك شىركىتى، گۇما ناھىيەسى خېئەن سودا چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ جۇڭشا ياڭگۇاڭ ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتى، كورلا بىڭجۈەن كىيىم تىكىش چەكلىك شىركىتى، خوتەن خاۋيۈن داۋالاش پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، خوتەن شەھىرى تەيخې توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ تىيانشان يۇڭ توقۇمىچىلىق پاي چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ ديېۋاڭ ئىلمە توقۇمىچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتى، بۈگۈر ناھىيەسى شىڭبو كىيىم-كېچەك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  «بىز خوتەن ۋىلايىتىنىڭ خېرىدار چاقىرىش ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش كارخانىسى، بۇلتۇر 7-ئايدا بۇ يەرگە كېلىپ زاۋۇت قۇرۇشقا تەييارلىق كۆردۇق، يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، بىز مۇداپىئە ماسكىسى، ئايرىش كىيىمى ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىدۇق، 2-ئاينىڭ 1-كۈنى مەھسۇلات رەسمىي پۈتۈپ چىقتى، ھازىر كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1500 يۈرۈش ئايرىش كىيىمى، 20 مىڭ دانە مۇداپىئە ماسكىسى ئىشلەپچىقىرىمىز» دېدى گۇما ناھىيەسى خېئەن سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى تاڭ جيەنجۈن.

  شىنجاڭ ديېۋاڭ ئىلمە توقۇمىچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 2003-يىلى سارس مەزگىلىدە ماسكا ئىشلەپچىقارغان بولۇپ، ئەينى چاغدا شىنجاڭدىكى سارس مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرىنى نۇقتىلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلارنىڭ بىرى ئىدى. «بىز ماسكا ۋە ئايرىش كىيىمى ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىدۇق، بارلىق خادىملارنىڭ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ئەگىشىپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە 300 دانە ئايرىش كىيىمى، 5000-10000 دانە ماسكا ئىشلەپچىقىرالايدىغان بولدۇق.» مەزكۇر شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش-سېتىش بۆلۈمى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى چېن ۋېيدۇڭ شۇنداق دېدى. نۆۋەتتە، كارخانىمىز داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ئايرىش ماسكىسى، ئايرىش كىيىمى ئىشلەپچىقىرىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى