تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

خوتەنلىك 171 دېھقان ئىشلەمچى ھۆددە ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ، خۇنەندىكى ئىش ئورنىغا ئىشلەشكە ماڭدى

2 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، خوتەن ئايرودۇرۇمىدا 171 دېھقان ئىشلەمچى جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ھۆددە ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ، خۇنەن چاڭشادىكى ئىش ئورنىغا ئىشلەشكە ماڭدى.

(شۈ شياۋلۇڭ فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل، ئىختىيارىي مۇخبىرلار نيۇ بىن، جۇ خۇڭجيې خەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، خوتەن ۋىلايىتىدىكى 171 دېھقان ئىشلەمچى جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ھۆددە ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ، خۇنەن چاڭشادىكى ئىش ئورنىغا قايتىپ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ماڭدى. بۇ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدە يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشى ھېسابلىنىدۇ.

ئىش ئورنىغا قايتىپ ئىشلەيدىغان خادىملارنىڭ بىخەتەر سەپەر قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، خوتەن ۋىلايىتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، سەھىيە تارماقلىرى بۇ قېتىم يولغا چىقىدىغان ئىشلەمچىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈردى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلىدى ھەم ماسكا تارقىتىپ بەردى. خوتەن ۋىلايىتى بىرتۇتاش ئايرودۇرۇمغا ئاپىرىپ ئۇزىتىپ قويدى، ئادەم ئىشلىتىدىغان كارخانىلار ئايرودۇرۇمغا بېرىپ بىرتۇتاش كۈتۈۋالدى، ئىشلەمچىلەرنىڭ سىرتقا چىقىشى يېپىق ھالەتتە بولۇش، نۇقتىدىن نۇقتىغا بولۇش، بىر كۆزنەكتە كاپالەتلىك قىلىش مۇلازىمىتىنى ئىشقا ئاشۇردى.

شەھىدە سادىر خوتەن ناھىيەسى يېڭىئاۋات يېزىسى جاغلىغى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى، بۈگۈن ئۇ چاڭشاغا قايتىپ ئىشلىمەكچى. 2018 - يىلى 8 - ئايدا شەھىدە تۇنجى قېتىم ئۆيىدىن چىقىپ چاڭشاغا بېرىپ، خۇنەن لەنسى پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى بولدى. «مېنىڭ چاڭشادا ئىشچى بولغان بىر يىللىق كىرىمىم ئىلگىرىكى پۈتۈن ئائىلەمدىكىلەرنىڭ كىرىمىنىڭ نەچچە ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.» شەھىدە مۇنداق دېدى: مېنىڭ داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، تىرىشىپ پۇل تېپىپ، ئۆز ئارزۇيۇمنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىشەنچىم بار.

يۇقۇم يۈز بەرگەندىن بۇيان، خوتەن ۋىلايىتى پۈتۈن كۈچ بىلەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىلەن بىللە، باشتىن - ئاخىر ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى توختاتماسلىق، ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى توختاتماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خادىملار، ئىش ئورنىدىن ئىبارەت «ئىككى زاپاس» خىزمىتىنى سىجىل ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى كارخانىلار ھەم ئېتىز - ئېرىق باشقۇرۇش چوڭ ئائىلىلىرى بىلەن بولغان ئالاقە، ئالاقىلىشىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خادىملار زاپىسىنىڭ بوشىشىپ قالماسلىقىغا، ئىش ئورنىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش لىنىيەسىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشقا پۇختا ئاساس سالدى.

بۇ قېتىم ئىش ئورنىغا قايتىپ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان 171 دېھقان خوتەن ناھىيەسى، قاراقاش ناھىيەسى، كېرىيە ناھىيەسى قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 95 ى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە. نۆۋەتتە، خوتەن ۋىلايىتى ئەنخۇي، شەندۇڭ، خۇنەن، فۇجيەن قاتارلىق 13 ئۆلكە، شەھەر بىلەن ئۇدۇللىشىپ، ئادەم ئىشلىتىدىغان ئىش ئورنىدىن 10 مىڭدىن ئارتۇقنى بېكىتتى، ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە ئارقا - ئارقىدىن تۈركۈمگە بۆلۈپ، ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىچكىرى رايونلاردىكى ئۆلكە، شەھەرلەردىكى كارخانىلارغا بېرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىشقا تەرتىپلىك تەشكىللەيدۇ.

خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى زېڭ گۇەنجۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، خوتەن ۋىلايىتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى باشلاپ، يۇقۇمنى كىرگۈزمەسلىك، يۇقۇملانماسلىقنى ئىشقا ئاشۇردى. كېيىنكى قەدەمدە، خوتەن ۋىلايىتى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كاپالەت مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، بىخەتەر، ساغلام چىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئىشلەمچىنى ئەمگەكچان ئىككى قولى ئارقىلىق گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى