تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تېببىي خادىملارغا كۆيۈنىمىز تېببىي خادىملارنىڭ مېھرىبان قەلبىنى قوغدايمىز

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ مۇنداق بىلدۈردى −

تېببىي خادىملارغا كۆيۈنىمىز تېببىي خادىملارنىڭ مېھرىبان قەلبىنى قوغدايمىز

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە قاتنىشىۋاتقان تېببىي خادىملارغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئۇلارنى ئاسراش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كەڭ تېببىي خادىملار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن جەڭگە ئاتلىنىپ، شەخسىيەتسىز، قورقماس بولۇپ، ئالىيجاناب دوختۇرلۇق ئەخلاقى، كامالەتكە يەتكەن داۋالاش تېخنىكىسى بىلەن ئاغرىقلارنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزۇپ، داۋالاپ، ھاياتى ۋە جاپالىق ئەجرى بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغدىدى، ئۇلار يېڭى دەۋردىكى ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەر. باش شۇجىنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوقۇم قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېببىي خادىملارنى تېخىمۇ قوغداپ، كۆڭۈل بۆلۈپ، ئاسراپ، ھەرقايسى جەھەتتىن قوللاپ، كاپالەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنى كۈچلۈك جەڭگىۋارلىقى، كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسى، تولۇپ تاشقان زېھنىي كۈچىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، سىجىل ساغلام ھالەتتە يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش كۈرىشىگە ئاتلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.

«باش شۇجى شى جىنپىڭ تېببىي خادىملارغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئۇلارنى ئاسراشنى تەكىتلىدى، سۆزى مېغىزلىق، چىن مۇھەببەتلىك.» ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللەر دوختۇرخانىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، دوختۇرخانا باشلىقى لى مىڭ مۇنداق دېدى: بۇ دوختۇرخانا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاشتىكى بېكىتىلگەن دوختۇرخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، باش شۇجىنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 158 تېببىي خادىمنى ئۈچ ئەترەتكە بۆلۈپ نۆۋەت بىلەن ئىش ئورنىغا قويۇپ، ئۇلارنىڭ تولۇپ تاشقان جەڭگىۋارلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى؛ بىرىنچى سەپتىكى تېببىي خادىملارنى مۇداپىئە بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلەشكە تولۇق كاپالەتلىك قىلىپ، تېببىي خادىملارنىڭ ئوزۇقلۇقىنى كۈچەيتىپ، پىسخىكا مۇتەخەسسىسلىرىنى قەرەللىك ھالدا پىسخىكىلىق يېتەكلەشكە تەشكىللىدى.

«باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ قوللىشى تېببىي خادىملارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى.» شىنجاڭنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترەتلىرىنىڭ باش يېتەكچىسى ساۋ يۈجىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بارلىق داۋالاش ئەترىتى ئەزالىرى داۋاملىق بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، مۇھىم تاپشۇرۇقنى يەردە قويماي، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇپ - داۋالاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق دوستلۇق دوختۇرخانىسىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان سېسترا لىن رۇجيېنىڭ دادىسى تۇيۇقسىز سەكتە بولۇپ قېلىپ، 120 ئارقىلىق دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، دوختۇرخانا پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ ۋېنگې ئۇنى يوقلاپ باردى. «بىرىنچى سەپتىكى تېببىي خادىملار كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ، ئۇدا جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، ئىنتايىن جاپا تارتتى. بىز چوقۇم باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە، تېببىي خادىملارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، كۆيۈنۈپ، غەمخورلۇق قىلىپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىياتىمىز بىلەن ئۇلارنى غەم - ئەندىشىدىن خالاس قىلىمىز» دېدى جاڭ ۋېنگې.

ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى يامالىق تېغى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى تيېشى مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى چېڭ شياۋيەن شىنجاڭنىڭ 3 - تۈركۈمدە خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، مەھەللە قەرەللىك ئۆيىگە بېرىش، قەرەللىك ھال سوراش ھەمدە تېلېفون، ئۈندىدار قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇنىڭ ئۆيىدىكى ياشانغانلارنىڭ داۋالىنىش، بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ۋاكالىتەن سېتىۋېلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى. «تېببىي خادىملار ئاتاكىغا ئۆتۈپ ئالدىدا مېڭىۋاتقاندا، بىز ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ كۈچلۈك ئارقا تىرىكى بولۇشىمىز كېرەك» دېدى تيېشى مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى چىن جىنبياۋ.

شىنجاڭ لېبىئېر سودا چەكلىك شىركىتى شىنجاڭدىكى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماسكا ئىشلەپچىقىرىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن تۇنجى شىركەت. «داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز چوقۇم پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، سۈپىتى تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ بىخەتەر بولغان داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان مۇداپىئە بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىپ، بىرىنچى سەپتە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان تېببىي خادىملارنى بىخەتەرلىك كاپالىتىگە ئىگە قىلىمىز» دېدى شىنجاڭ لېبىئېر سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جاڭ جيې.

ئۇدا بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپقا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش فوندى جەمئىيىتى جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئۈستىگە ئېلىپ، كۆپ تەرەپ ئىئانە قىلغان دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى، ماسكا، مۇداپىئە كىيىمى، كۆز ئاسراش ئەينىكى قاتارلىق 2 مىليون 333 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى ماددىي ئەشيانى قىسمەن داۋالاش، سەھىيە ئاپپاراتلىرىغا تارقىتىپ بەردى. فوندى جەمئىيەتنىڭ باش كاتىپى باۋ گۈيفېڭ مۇنداق دېدى: «كېيىنكى قەدەمدە، بىز جەمئىيەتتىكى تېخىمۇ كۆپ كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، <قارشى يۆنىلىشتە يۈرگۈچى>لەرگە مۇكاپاتلاش مەبلىغى توپلاپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى تېببىي خادىملارنى غەمخورلۇق پۇلى ۋە كاپالەت پۇلى بىلەن تەمىنلەيمىز».

«نەدىمۇ ئەجىرسىز تىنچ - خاتىرجەم دەۋر بولسۇن، پەقەت باشقىلار بىز ئۈچۈن ئېغىر يۈكنى كۆتۈرۈپ ئالغا ئىلگىرىلەۋاتىدۇ.» ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى شىمالىي شىنخۇا يولى كوچا باشقارمىسى قۇرۇلۇش غەربىي يولى مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى جاڭ تيېجۈن مۇنداق دېدى: «تېببىي خادىملارنىڭ خالىس تۆھپە قوشۇشتەك قىممەتلىك روھى ھەربىرىمىزنىڭ ئۆگىنىشىگە ئەرزىيدۇ، پۈتكۈل جەمئىيەت تېببىي خادىملارنى ھۆرمەت قىلىشى، زوراۋانلىق قىلىپ دوختۇرلارنى زەخىملەندۈرۈش قىلمىشىنىڭ يۈزبېرىشىگە ھەرگىز يول قويماسلىقى، غەمخورلۇق ئارقىلىق دوختۇرلارنىڭ مېھرىبانلىقىنى قەدىرلىشى كېرەك».

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى لى چۇنشيا، چاۋ جىن، لى لىن، رېن خۇا، سۇ لۇپىڭ، يۈ مېڭرەن، جاڭ تىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر لۇ جۇڭ يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى