تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسىنى ساقلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تېببىي خادىملار ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

پۈتۈن مەملىكەتتە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئەڭ كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق باسقۇچقا كىرگەندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە قاتنىشىۋاتقان تېببىي خادىملارغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئۇلارنى ئاسراش توغرىسىدا مەخسۇس مۇھىم يوليورۇق بەردى. باش شۇجىنىڭ مۇھىم يوليورۇقىدىن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت تېببىي خادىملار زور ئىلھام ئالدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: چوقۇم كۈچلۈك جەڭگىۋارلىق بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىگە ئاتلىنىپ، باشتىن - ئاخىر كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسىنى ساقلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىمىز.

2 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، شىنجاڭدىن 1 - تۈركۈمدە خۇبېيغا ياردەم بېرىشكە بارغان داۋالاش ئەترىتى بارلىق ئەزالىرىغا بىرىنچى ۋاقىتتا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى. «باش شۇجىنىڭ مۇھىم يوليورۇقى بىزگە ئىنتايىن ئىللىقلىق ھېس قىلدۇردى، روھىمىزنى ئۇرغۇتتى.» داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئالاقىلەشكۈچىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى پارتىيە - مەمۇرىيەت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى خۇاڭ لياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 1 - تۈركۈمدىكى داۋالاش ئەترىتىنىڭ 142 ئاق خالاتلىق جەڭچىسى چوقۇم باش شۇجىنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، باشتىن - ئاخىر كۈچلۈك جەڭگىۋارلىقنى ساقلاپ، كەسپىي تېخنىكىسى، تەۋرەنمەس كۈرەش ئىرادىسى بىلەن ھەقىقىي تۈردە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقلىرىنى داۋالاپ ساقايتىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنىڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.

«مېنىڭ ئۈنلۈك ئاۋازدا باش شۇجىغا شۇنداق دېگۈم كېلىۋاتىدۇ، خۇبېيغا ياردەم بېرىش مېنىڭ پۇشايمانسىز تاللىشىم، بىز چوقۇم غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىمىز.» شىنجاڭدىن 2 - تۈركۈمدە خۇبېيغا ياردەم بېرىشكە بارغان داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەزاسى، خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسى غەربىي دوختۇرخانا رايونى ئاياللار كېسىلى 2 - بۆلۈمىنىڭ سېسترالار باشلىقى شۈ سۈيپىڭ مۇنداق دېدى: «ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىش تېببىي خادىملارنىڭ بۇرچى، مەن چوقۇم باش شۇجىنىڭ سەمىمىي ئۈمىدىنى يەردە قويماي، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئاساسىي جەڭ مەيدانىدا تېببىي خىزمەتچىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى تولۇق نامايان قىلىمەن».

يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى ليۇ يۈليەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلتىماس قىلىپ، ئۆزى 40 نەچچە يىل خىزمەت قىلغان قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى ئاستانە بازارلىق شىپاخانىغا قايتىپ كېلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كېسىلىنى كۆرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشىدى. «باش شۇجىنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ھەم ئىللىقلىق ھېس قىلدۇردى، ھەم روھىمىزنى ئۇرغۇتتى. بىر پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن داۋاملىق يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئاتلىنىپ، مەسئۇلىيىتىم ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىم ئارقىلىق كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنى ئەمەلىيىتىمدە كۆرسىتىمەن» دېدى ليۇ يۈليەن.

«باش شۇجى تېببىي خادىملار يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتىكى تايانچ كۈچ، جەزمەن ئۇلارغا بولغان قوغداش، كۆڭۈل بۆلۈش، ئاسراشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. ئاساسىي قاتلامدىكى تېببىي خىزمەتچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن چوڭقۇر ئىلھام ئالدىم، چوقۇم ئىش ئورنۇمدا چىڭ تۇرۇپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىپ، باش شۇجىنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويمايمەن». قۇتۇبى ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى جىددىي كېسەللەر بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم مۇدىرى جاڭ لېي مۇنداق دېدى: «مېنىڭ دوختۇرخانىنىڭ جىددىي كېسەللەر بۆلۈمىدە خىزمەت قىلىۋاتقىنىمغا 18 يىل بولدى، جىددىي كېسەللەرنى كۆرۈشتە نۇرغۇن تەجرىبىلەرنى توپلىدىم. <يۇقۇم>غا قارشى جەڭ مەزگىلىدە، مەن چوقۇم داۋاملىق ئاتاكىغا ئۆتۈپ ئالدىدا مېڭىپ، كۈچۈمنىڭ بارىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا كۈچ قوشىمەن».

2 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 5 - دوختۇرخانا پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شيۇ يەن شىنجاڭدىن 1 - تۈركۈمدە خۇبېيغا ياردەم بېرىشكە بارغان داۋالاش ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 5 - دوختۇرخانىنىڭ دوختۇرخانا باشلىقى دۇڭ شۈنەننىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. «دوختۇرخانىدىكى نۇرغۇن تېببىي خادىملار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىۋاتىدۇ، ئىنتايىن جاپا چەكتى، ئەڭ ياخشى ئېھتىرام بىلدۈرۈش ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق تېببىي خادىملارغا كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈشتۇر.» شيۇ يەن مۇنداق بىلدۈردى: دوختۇرخانىمىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېببىي خادىملار بىلەن بىللە تۇرۇپ، تەڭ ئويلاپ، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقى ۋە مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، غەم - ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، ئۇلارنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئارقا تىرىكى بولىدۇ».

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللاندى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە قاتنىشىۋاتقان تېببىي خادىملارغا كۆڭۈل بۆلدى، كۆيۈندى. ئاپتونوم رايون مالىيەسىدىن خىزمەت مەبلىغى كاپالىتى سۈپىتىدە شىنجاڭدىن خۇبېيغا ياردەم بېرىشكە بارغان داۋالاش ئەترىتىگە جىددىي 1 مىليون يۈەن ئاجراتتى؛ ئىككى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش پەلەمپەيسىمان ئەترىتى قۇرۇپ، ئىسمېنىلارنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، نۆۋەت بىلەن ئىش ئورنىغا چىقىرىپ، تېببىي خادىملارنىڭ يېتەرلىك ئارام ئېلىش ۋاقتى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى؛ تېببىي خادىملارغا بولغان پىسخىك يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، پىسخىكىلىق ئارىلىشىش مۇتەخەسسىسلىرىنى تەشكىللەپ ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشىدى ۋە بېسىمىنى يەڭگىللەتتى. بۇنىڭدىن سىرت، يەنە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە بىۋاسىتە قاتناشقان تېببىي خادىملارغا ۋاقىتلىق ياردەم پۇلى قاتارلىقلارنى بەردى.

ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى داۋالاش مەمۇرىيىتى، داۋالاشنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى ياڭ خەيفېڭ مۇنداق دېدى: «بىز باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە، ھەرقايسى جەھەتلەردىن تېببىي خادىملارنى قوغداپ، كۆڭۈل بۆلۈپ، كۆيۈنۈپ داۋاملىق ئۇلار ئۈچۈن كاپالەتنى ياخشى قىلىپ، ئۇلارنى باشتىن - ئاخىر كۈچلۈك جەڭگىۋارلىقنى، كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسىنى، ئۇرغۇپ تۇرغان زېھنىي كۈچنى ساقلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئۇلارنى سىجىل ساغلام ھالدا يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش كۈرىشىگە ئاتلاندۇرىمىز».

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى لى چۇنشيا، يۈەن لېي، چاۋ جىن، سۇ لۇپىڭ، يۈ مېڭرەن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ليۇ پەن، تاۋ ۋېيمىڭ يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى