تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

نىشانلىق ياردەم بېرىپ ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش كۈچىنى مۇجەسسەملەيلى

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىش دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكلىرىنىڭ بىرى.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى قۇتقۇزۇش - داۋالاش، مۇداپىئەلىنىش بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ تەقسىملەپ، ۋۇخەن قاتارلىق يۇقۇم ئېغىر رايونلارغا مەركەزلىك ياردەم بېرىپ، ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش كۈچلىرىنى رايون بويىچە بىرتۇتاش پىلانلاشنى ياخشى تۇتۇپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش مېخانىزمى ئورنىتىشنى تەلەپ قىلدى، 19 ئۆلكىنىڭ خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخەندىن باشقا ۋىلايەت، شەھەرلىرىگە نىشانلىق ياردەم بېرىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بىزنىڭ ۋۇخەندە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، خۇبېيدا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، پۈتۈن مەملىكەتتە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇ كەسكىن كۈرەشتە ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈشىمىزنى تۈپ كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

نىشانلىق ياردەم بېرىش دۆلىتىمىز تۈزۈم ئەۋزەللىكىنىڭ جانلىق ئىپادىسى. ۋېنچۇەندىكى يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشتىن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانىغىچە، نىشانلىق ياردەم بېرىش مېخانىزمى غايەت زور رولىنى جارى قىلدۇردى. ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، 19 ئۆلكە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش قوماندانلىقى، بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇشى، بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنۇپ، بىرىنچى ۋاقىتتا ياردەم بېرىلىدىغان ۋىلايەت، شەھەرلەر بىلەن دەل جايىدا ئۇدۇللىشىپ، بىرىنچى ۋاقىتتا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەت لايىھەسىنى تۈزدى، بىرىنچى ۋاقىتتا سەرخىل كۈچلەرنى ياردەم بېرىلىدىغان ۋىلايەت، شەھەرلەرگە بېرىپ، شۇ جايدىكىلەر بىلەن بىللە بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، بۇ مەيدان توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشقا سەپەرۋەر قىلدى، توپلىدى. ھازىر، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئەڭ كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق باسقۇچقا كەلدى، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ يۇقۇم ۋەزىيىتى يەنىلا ئىنتايىن كەسكىن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تىركىشىش ھالىتىدە تۇرۇۋاتىدۇ، جەزمەن قىلچە بوشاشماي يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، سالمىقى تېخىمۇ زور، تېخىمۇ كەسكىن تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، نىشانلىق ياردەم بېرىشكە دائىر تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلەرنى قەتئىي دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، چوڭ ۋەزىيەت ئېڭى ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت قارىشىنى كۈچەيتىش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىر مەيدان ئومۇمىي جەڭ، جەزمەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش، ھەمكارلىشىپ جەڭ قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. خۇبېي بىلەن ۋۇخەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتىكى ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان جاي بولۇپ، جەزمەن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ تەقسىملەپ، خۇبېي ئۆلكىسى ۋە ۋۇخەن شەھىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى جىددىي ئېھتىياجىنى ئالدىن كاپالەتلەندۈرۈپ، ۋۇخەننى قوغداش جېڭى، خۇبېينى قوغداش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش كېرەك. خۇبېي بىلەن ۋۇخەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ھازىرقى ئەڭ چوڭ ئىش سۈپىتىدە تۇتۇپ، قوماندانلىق سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، بۇيرۇققا قاتتىق ئەمەل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قەتئىي، كۈچلۈك، ياخشى تۇتۇش كېرەك. ياردەم بېرىدىغان ھەرقايسى ئۆلكىلەر مەركەز يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ۋە گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىش، ماسلىشىپ، بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەم ئۆز جايىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى، ھەم ياردەم بېرىلىدىغان ۋىلايەت، شەھەرلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللانغاندا، ھەم ئۆز رايونى، ئۆز ساھەسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئېھتىياجىنى ئويلىشىشى، ھەم نۇقتىلىق رايونلارغا، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلىشىگە بولغان تەسىرىنىمۇ ئويلىشىشى كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تېببىي دورا، سەھىيە مەسىلىسىلا ئەمەس، بەلكى ئومۇميۈزلۈك خىزمەت، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى قوللىشى كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كۈچلۈك بولمىغان، بىرتۇتاش قوماندانلىق قىلىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشقا بويسۇنمىغان، تار مەھكىمىچىلىكى ئېغىر بولغانلارنى جەزمەن دادىللىق بىلەن تەنقىدلەش، تۈزىتىشكە بۇيرۇش، مەسىلىسى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى قەتئىي سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، مەسئۇلىيەتنى ھۆددىگە ئېلىش، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاچقۇچ. 19 ئۆلكىنىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىشىگە «يىغىلىش سىگنالى» چېلىندى، «مەسئۇلىيەت ئېتىزى» ئايرىلدى، «ۋەزىپەنامە» ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، ھازىر ئەڭ مۇھىم بولۇۋاتقىنى خىزمەتلەرنى پۇختا تۇتۇش، ئىنچىكە تۇتۇش. ھەرقايسى ياردەم بېرىدىغان ئۆلكىلەر ياردەم بېرىلىدىغان ۋىلايەت، شەھەرلەر بىلەن ئورتاق كېڭىشىپ، ياردەم بېرىش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بېكىتىپ، شۇ جاينىڭ داۋالاش - سەھىيە بايلىقى جەھەتتىكى كەمتۈكلۈكىنى ھەل قىلىشنى ئاساس قىلىپ، تېببىي خادىملار، باشقۇرغۇچى خادىملار، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كەسپىي خادىملىرىدىن تەشكىللەنگەن ياردەم بېرىش قوشۇنى قۇرۇپ، نەق مەيداندا ياردەم بېرىش بىلەن يىراقتىن داۋالاش مۇلازىمىتىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى كۆپ تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ قانات يايدۇرۇپ، تىرىشىپ قوبۇل قىلىپ داۋالاش نىسبىتى، داۋالاپ ساقايتىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش، يۇقۇملىنىش نىسبىتى ۋە كېسەل بىلەن قازا قىلىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. ياردەم بېرىلىدىغان ۋىلايەت، شەھەرلەر خىزمەتتىكى تەشەببۇسكارلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئامالنىڭ بارىچە ياردەم بەرگەن خادىملارنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرى ۋە تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ياخشى كاپالەتلەندۈرۈپ، ياخشى خىزمەت شارائىتى يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

«كۆپنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملىگەندىلا، ھەممە ئىشتا غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ». يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، دۆلىتىمىزنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەيسەرلىك بىلەن جەڭ قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلساقلا، بىز چوقۇم بۇ مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت خەلق ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلالايمىز!

(2 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىكى «خەلق گېزىتى»گە بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى