تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشىنى ئۆتكۈزدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ 2020 - يىللىق 2 - قېتىملىق نەزەرىيە ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، ئۆگىنىشتە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار يىغىن ۋە ئۇقتۇرۇشلىرىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بۇ يىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىدىغان يىل، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جەزمەن تاماملايدىغان قاتتىق ۋەزىپە، يەنە نۇرغۇن قاتتىق جەڭلەرنى قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ھۆكۈمەت پارتىيە گۇرۇپپىسى ۋە ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكى ھەرقايسى تارماقلار ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپىگە ئاساسەن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇشتا بوشاڭلىق قىلماسلىق، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتا تەۋرەنمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش، قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، بىر تەرەپتىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ھازىرقى ئەڭ مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە تۇتۇپ، بىر تەرەپتىن يۇقۇمنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرىنى تولۇق مۆلچەرلەپ، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ، ئىلمىي تاقابىل تۇرۇپ، تىرىشىپ يۇقۇمنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى «قىش پەسىللىك ھۇجۇم»نى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تۈرلىرىدە تەرتىپلىك ئىش باشلاش، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى قوللاش ۋە تەشكىللەش كېرەك. نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، ئېغىر نامراتلىق قورغىنىنى قەتئىي ھۇجۇم بىلەن ئېلىپ، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان نامراتلارنى يۆلەش ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەم ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ قالماسلىق، ئۆلچەمنى ئۆستۈرۈۋەتمەسلىك، كۆزلىمىنى ئاشۇرۇۋەتمەسلىك، ھەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا ساختىلىق ئىشلەتمەسلىك، ئۆلچەمنى تۆۋەنلىتىۋەتمەسلىك، سۈپەتكە تەسىر يەتكۈزمەسلىك كېرەك. دىققەتنى ئېغىر نامرات رايونلار ۋە ئالاھىدە نامرات كىشىلەر توپىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇش بىلەن بىللە، تۈر مەبلىغى، ياردەم بېرىش - يۆلەش بايلىقىنى تېخى نامراتلىقتىن قۇتۇلمىغان نامرات ناھىيەلەر ۋە نامرات كەنتلەرگە مايىللاشتۇرۇش، مەركەزلەشتۈرۈشكە يېتەكلەپ، قەتئىي تۈردە قېپقالغان نامرات ناھىيەلەر ۋە نامرات كەنتلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى زىچ چۆرىدەپ، قىيىنچىلىقى ئەڭ ئېغىر جايلارنى چىڭ كۆزلەپ، قىيىنچىلىقى ئەڭ ئېغىر ئاممىنى نىشانلاپ، ھەل قىلىش ئەڭ زۆرۈر بولغان مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ، دىققەتنى ئەڭ ئاجىز ھالقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە يۇقىرى سۈپەتتە غەلىبە قىلىش تەلىپىگە بىرلەشتۈرۈپ، بىر قولدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى تۇتۇش، بىر قولدا قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قالپاقنى تاشلىسىمۇ مەسئۇلىيەتنى تاشلىماسلىق، قالپاقنى تاشلىسىمۇ سىياسەتنى تاشلىماسلىق، قالپاقنى تاشلىسىمۇ ياردەم بېرىش - يۆلەشنى تاشلىماسلىق، قالپاقنى تاشلىسىمۇ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى تاشلىماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇش، نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. قايتا نامراتلىشىپ كېتىشتىن ئالدىن سىگنال بېرىش، كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، نىسپىي نامراتلىقنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش كېرەك. ھەقىقىي قول سېلىپ قىيىنغا تېگىش قىلىپ، دەل جايىدا بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ھەقىقىي ئىش قىلىپ، ھەقىقىي قول سېلىپ، مەسىلىنى تۈزىتىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىستىلنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، ئاپتونوم رايون ئومۇمىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، ۋىلايەت - ناھىيەلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش، يېزا - كەنتلەر جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك نامراتلارنى يۆلەش ئەندىزىسىدە چىڭ تۇرۇپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى، 1 - شۇجىلار ۋە نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس كادىرلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى - تۆۋەن بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىدىغان، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى