تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا يەنە ئىككى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىق مىسالى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى

ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلار جەمئىي 22گە يەتتى

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 2 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، شىنجاڭ (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يەنە ئىككى ئاغرىق مىسالى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى، ئىككىلىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاغرىق مىسالى بولۇپ، بۇنىڭ بىرى، ئاپتونوم رايوندىكى تۇنجى خەتەرلىك، ئېغىر كېسەل ئاغرىق مىسالى.

بۇ خەتەرلىك، ئېغىر كېسەل ئاغرىق مىسالىنىڭ دوختۇرخانىغا كىرگەن چاغدىكى كېسەل ئەھۋالى بىرقەدەر ئېغىر بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق قۇتقۇزۇش - داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ باھالىشى ئارقىلىق، خەتەرلىك، ئېغىر ئاغرىق مىسالى، دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان، ئارقىدىن مەخسۇس ئېغىر كېسەللەرنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش كوللېكتىپى قۇرۇلۇپ، قەتئىي ئەڭ يېڭى نۇسخىدىكى دىياگنوز قويۇش - داۋالاش لايىھەسى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ھەر كۈنى بىرلىشىپ دىياگنوز قويۇپ يېتەكچىلىك قىلىپ، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشىگە قارىتا، ۋاقتىدا داۋالاش لايىھەسىنى تەڭشىگەن، ھەم جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى قوللىنىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇنى داۋالىغان، 25 كېچە - كۈندۈز سىجىل داۋالاش ئارقىلىق، ئاغرىقنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى تەدرىجىي ياخشىلىنىپ، تۈرلۈك ھاياتلىق ئالامەتلىرى كۈنسېرى مۇقىملاشقان، كۆپ قېتىم نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشتە مەنپىي چىقىپ، دوختۇرخانىدىن چىقىش ئۆلچىمىگە يەتكەن.

ئىككى نەپەر ئاغرىق ئاپتونوم رايونلۇق تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ بىرلىشىپ دىياگنوز قويۇپ باھالىشى ئارقىلىق، دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىنى ئايرىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە دوختۇرخانىدىن چىقىش ئەڭ يېڭى ئۆلچىمىگە يېتىپ، 2 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى.

ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭ (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىق مىسالى جەمئىي 22 گە يەتتى، ھازىر دوختۇرخانىدا يېتىپ ئايرىپ داۋالىنىۋاتقانلاردىن 53ى بار.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى