2-ئاينىڭ 1-كۈنى، ۋۇخەن جىنيىنتەن دوختۇرخانىسىدا، قۇرۇقلۇق ئارمىيە ھەربىي تېببىي داشۆسى داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى پارتىيە بايرىقى ئالدىدا قەسەم بەرمەكتە.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چېڭ مىن فوتوسى
1-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئوتتۇرا قىسىم ئۇرۇش رايونى باش دوختۇرخانىسىنىڭ ۋۇخەن شەھەرلىك ئۆپكە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى ئېغىر ئاغرىقلارنى كۆزىتىش ئۆيىدە ئاغرىقنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.
ياۋ ياۋ فوتوسى
2-ئاينىڭ 17-كۈنى، شىئەن شىمالىي ۋوگزالىدا، شىئەن تارماق رايونى داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى «ئاق خالاتلىق پەرىشتە» يۇقىرى سۈرئەتلىك مەخسۇس پويىزىغا ئولتۇرۇپ، ۋۇخەنگە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ياردىمىگە مېڭىش ئالدىدا.
جاڭ دەنخۇا، ليۇ شياڭ خەۋىرى، فوتوسى
2-ئاينىڭ 6-كۈنى، ۋۇخەن خوشېنشەن دوختۇرخانىسى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر 7-بۆلۈمى 1-كېسەللىكلەر رايونىدىكى كاندىدات مۇدىر ۋىراچ شيې خۇا(سولدا) ئاغرىق بىلەن جەينەكنى تەگكۈزۈپ ئەھۋاللىشىپ، ئاغرىققا مەدەت بەرمەكتە.
مۇخبىر چېڭ يۈەنجوۋ فوتوسى
1-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئوتتۇرا قىسىم ئۇرۇش رايونى باش دوختۇرخانىسىدىن ۋۇخەن شەھىرىدىكى بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ سېستراسى ۋاڭ لى ئاغرىق ئېھتىياجلىق بولغان دورىلارنىڭ مىقدارىنى سېلىشتۇرماقتا.
ۋاڭ خاۋيۈ فوتوسى(سۈرەتتىكى جۇڭگو)
1-ئاينىڭ 30-كۈنى، دېڭىز ئارمىيە ھەربىي تېببىي داشۆسى داۋالاش ئەترىتى ئېغىر كېسەللىكلەرنى كۆزىتىش بۆلۈمىدىكى تېببىي خادىملار ICUغا كىرىش ئالدىدا كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشۈپ، قوللىرىدا يۈرەك شەكلىنى چىقىرىپ ئۆزئارا مەدەت بەرمەكتە.
چېن چېن فوتوسى(شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان)
2-ئاينىڭ 15-كۈنى، ۋۇخەن خوشېنشەن دوختۇرخانىسىنىڭ تېببىي خادىمى دېرىزە ئارقىلىق ئايرىۋېتىلگەن كېسەلخانا ئىچىدىكى سېستراغا داۋالاش بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بەرمەكتە.
جياڭ ۋۇجۈن فوتوسى
(«خەلق گېزىتى»دىن تەرجىمە قىلىندى)