تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

مەملىكەت بويىچە 17 نۇقتىلىق تۆمۈريول قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ 341 ئىش نۇقتىسىدا ئارقا-ئارقىدىن ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  ئىشچىلار گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ جىڭ): مۇخبىرنىڭ يېقىندا جۇڭگو دۆلەت تۆمۈريول گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ دۆلەت تۆمۈريول گۇرۇھى دېيىلدى)دىن ئىگىلىشىچە، تۆمۈريول تارماقلىرى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، تۆمۈريول نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە قايتا ئىش باشلاشنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرگەن.

  بۇ يىل 2-ئاينىڭ 18-كۈنىگىچە، دۆلەت تۆمۈريول گۇرۇھى بىۋاسىتە باشقۇرىدىغان بېيجىڭ-شېنياڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ بېيجىڭ بۆلىكى، بېيجىڭ-شىيۇڭئەن شەھەرلەر ئارا تۆمۈريولى داشىڭ ئايرودۇرۇمىدىن شيۇڭئەنگىچە بولغان بۆلىكى، لاسا-لىنجى تۆمۈريولى قاتارلىق 17 نۇقتىلىق تۆمۈريول قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ 341 ئىش نۇقتىسىدا ئارقا-ئارقىدىن ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، چاڭدې-يىياڭ-چاڭشا تۆمۈريولى، جاڭجياجيې-جىشوۋ-خۇەيخۇا تۆمۈريولى، چېڭدۇ-كۇنمىڭ تۆمۈريولىنىڭ قوش لىنىيەلىك مىپەن بۆلىكىدە ئىش ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. چېڭدۇ-كۇنمىڭ تۆمۈريولى قۇرۇلۇش قىلىش ئەڭ قىيىن تۆمۈريول دەپ ئاتالغان، چېڭدۇ-كۇنمىڭ تۆمۈريولى قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان جۇڭگو تۆمۈريولى 23-ئىدارىسى گۇرۇھى تۈر مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، نۆۋەتتە نەق مەيداندىكى ئىشچىلارنىڭ ئىش ئورنىغا قايتىش نىسبىتى %95كە يەتكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل تۆمۈريول قۇرۇلۇشى پىلانلانغان ۋە داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقان تۈر 116 بولۇپ، نۆۋەتتە 28 تۈر، 384 مۇھىم ئىش نۇقتىسىدا قۇرۇلۇش تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈۋېتىپتۇ، نەق مەيداندىكى خادىملارنىڭ سانىمۇ 70 مىڭغا يېتىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى