تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۈرۈمچى شەھىرى مېيىپلەرگە نەپ يەتكۈزىدىغان توققۇز تۈرلۈك تەدبىرنى ئوتتۇرىغا چىقاردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاۋ مىن خەۋىرى): روھىي توسالغۇ بىمارلىرىنىڭ ھەقسىز دورىسىنى ئۈزۈلدۈرۈپ قويماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش، مېيىپلەرگە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش ۋە يەككە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تولۇقلىمىسى تارقىتىش، مېيىپلەرگە چېتىلىدىغان ئاپپاراتلار ئۆيلىرىنىڭ ئىجارە ھەققىنى ئازايتىش ياكى كەچۈرۈم قىلىش... يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى مېيىپلەرگە نەپ يەتكۈزىدىغان توققۇز تۈرلۈك تەدبىرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، مېيىپلەرنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  2-ئاينىڭ 19-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېيىپلەر بىرلەشمىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېيىپلەر بىرلەشمىسى، شەھەرلىك مالىيە ئىدارىسى بىرلىكتە «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، توققۇز تۈرلۈك مېيىپلەرگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەت-تەدبىرىنى تەشكىللەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، مېيىپلەرگە ئىجتىمائىي كاپالەت، مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمىتى قاتارلىق جەھەتلەردىن توققۇز تۈرلۈك كونكرېت تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويغان، بۇ تەدبىرلەر ئاساسلىقى مېيىپ بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، روھىي توسالغۇ بىمارلىرىنىڭ ھەقسىز دورىسىنى ئۈزۈلدۈرۈپ قويماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش، مېيىپلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، مېھىر-شەپقەت بوغچىسى ھەدىيە قىلىش، مېيىپلەرگە خەۋەرلىشىش ئېقىم مىقدارى ياردەم پۇلى تارقىتىش، مېيىپلەرگە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش ۋە يەككە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تولۇقلىمىسى تارقىتىش، مېيىپلەر ئىشقا ئورۇنلاشقان ئاپپاراتلارغا يۇقۇم مەخسۇس تۈر تولۇقلىمىسى تارقىتىش، مەركەزلەشتۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە مېيىپلەر ئىشقا ئورۇنلىشىش تولۇقلىمىسى تارقىتىش، مېيىپلەرگە چېتىلىدىغان ئاپپاراتلار ئۆيلىرىنىڭ ئىجارە ھەققىنى ئازايتىش ياكى كەچۈرۈم قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  بۇنىڭ ئىچىدە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى يەنە 2019-يىلى پۈتۈن شەھەر بويىچە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات مېيىپلەر ئائىلىلىرىنىڭ ھەربىرىگە 500 يۈەنلىك مېھىر-شەپقەت تۇرمۇش بۇيۇمى تەقدىم قىلىدىكەن؛ يۇقۇم سەۋەبىدىن مەركەزلەشتۈرۈپ تېببىي كۆزىتىلىۋاتقان نامرات مېيىپلەر ئائىلىلىرىنىڭ ھەربىرىگە 1000 يۈەندىن مېھىر-شەپقەت تولۇقلىمىسى تارقىتىدىكەن. ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېيىپلەر بىرلەشمىسى (2019) 19-نومۇرلۇق ھۆججىتىدە بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ماس كېلىدىغان ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر، ئۆزى ئىشقا ئورۇنلاشقان مېيىپلەرگە 3000 يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە ياردەم پۇلى تارقىتىپ بېرىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى