تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

مەسىلە بولسا دەرھال ھەل قىلىش! باشلەڭگەر يېزىسى كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى پائال قوللىدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز يۈ جياڭيەن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز شياۋ گاۋخۇا خەۋىرى، فوتوسى): خالتا-خالتا قارا شېكەر يەشىكلەرگە قاچىلاندى، ئوراپ-قاچىلاندى، ئاندىن زاۋۇتتىن سېتىش نۇقتىلىرىغا يۆتكەلدى. 2-ئاينىڭ 18-كۈنى، خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسى باشلەڭگەر يېزىسى گۇاڭمىڭ يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىدا، ئىشچىلار تەرتىپلىك مەشغۇلات قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى چىڭ تۇتماقتا ئىدى.

  گۇما ناھىيەسى باشلەڭگەر يېزىسى گۇاڭمىڭ يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىدىكى ئالدىراش مەنزىرە.

  گۇاڭمىڭ يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى بىر ھەمراھ زاۋۇت بولۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، گۇاڭمىڭ يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىنىڭ خام ئەشيا يىغىش، يۆتكەش، شۇنداقلا مەھسۇلاتنى سىرتقا توشۇپ سېتىشى تەسىرگە ئۇچرىدى، ئالاھىدە مەزگىلدە تۇرۇۋاتقاچقا، گۇاڭمىڭ يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىنىڭ مەسئۇلى نۇرئابلا مەخمۇت يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىغا بۇ ئەھۋالنى ئېيتمىدى. بىراق 2-ئاينىڭ 14-كۈنى، گۇما ناھىيە باشلەڭگەر يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ شياڭپېڭ بۇ زاۋۇتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرگىلى كەلگەندە بۇ ئەھۋالنى بايقىدى.

    «ھازىر ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە قانداق مەسىلە بار؟ يېزىلىق پارتىيە كومىتېتى ھەل قىلىپ بېرىدىغان ئىشلار بارمۇ؟» دەپ سورىدى خۇاڭ شياڭپېڭ.

    «شۇجى، ھازىر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى مۇھىم، ھېچقانداق قىيىنچىلىق يوق، خاتىرجەم بولۇڭ! مەن ئۆزۈم ھەل قىلالايمەن» دېدى نۇرئابلا جاۋاب بېرىپ.

    گەپ ئارىلىقىدا، خۇاڭ شياڭپېڭ ھەممىنى ئاڭلاپ چىقتى. ئەھۋالنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، گۇاڭمىڭ يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىنىڭ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە قىيىنچىلىقى بارلىقىنى بايقىدى.

  باشلەڭگەر يېزىسىدا گۇاڭمىڭ يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىدەك ھەمراھ زاۋۇتتىن تۆتى بار بولۇپ، نۆۋەتتە ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن پەقەت گۇاڭمىڭ يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىلا ئىدى، بۇ زاۋۇت پەسىلنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، شۇ جاينىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى يېقىن ئەتراپتا پىششىقلاپ ئىشلەيتتى. بۇ زاۋۇت ئاساسلىق لازا قىيامى، خالتىلىق قارا شېكەر، چاقماق قەنت ئىشلەپچىقىرىدىغان بولۇپ، شۇ جايدىكى دېھقانلارنى يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشۇۋاتقان كارخانا ئىدى.

  گۇاڭمىڭ يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى 2019-يىل 3-ئايدا قۇرۇلۇشقا باشلىغان بولۇپ، 2019-يىل 6-ئايدا پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. نۇرئابلانىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، نورمال ئەھۋالدا بۇ زاۋۇت كۈنىگە 6400 خالتا ئەتراپىدا(ھەر خالتىسى 320 گىرام)قارا شېكەر، 1500 بوتۇلكا لازا قىيامى ئىشلەپچىقىرىدىكەن. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، بۇ زاۋۇت 2-ئاينىڭ 13-كۈنى ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، قارا شېكەرنى نۇقتىلىق ئىشلەپچىقىرىپ، كۈنىگە 3400 خالتا ئەتراپىدا ئىشلەپچىقارغان.

  گۇما ناھىيە باشلەڭگەر يېزىسى گۇاڭمىڭ يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىدىكى ئالدىراش مەنزىرە.

  ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن، باشلەڭگەر يېزىلىق پارتىيە كومىتېتى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئالاقىدار تارماقلارنى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى گۇاڭمىڭ يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىنىڭ توشۇش ئاپتوموبىلىغا تەۋەلىك رايون ئىچىدە يۈرۈش خېتىنى دەرھال بېجىرىشكە ئورۇنلاشتۇردى، شۇنداقلا يېزىلىق شىپاخانا بىلەن ئالاقىلىشىپ، دېزىنفېكسىيەلەش ئەسلىھەلىرىنى سەپلەپ بەردى.

  خۇاڭ شياڭپېڭ مۇنداق دېدى: «كەسىپ تەرەققىياتىنى قوللاش دېھقانلارغا ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش، دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇپ، بېيىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈندۇر. يېزىلىق پارتىيە كومىتېتى بۇنداق ئىشنى چوقۇم قوللايدۇ ھەم دەرھال بېجىرىپ بېرىدۇ!»

  ئاينۇر مەمەت باشلەڭگەر يېزىسىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە ئىدى، گۇاڭمىڭ يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى قۇرۇلغاندىن بۇيان بۇ كارخانىدا ئىشلەپ كېلىۋاتاتتى، «بىز چاغاندا زاۋۇتنىڭ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمەي قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن، ئويلىمىغان يەردىن يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ قوللىشى بىلەن، بىز ناھايىتى تېزلا قايتىپ كېلىپ ئىشقا چۈشتۇق» دېدى ئاينۇر خۇشال ھالدا، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئىشىك ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلاشقاندا، پۇل تاپقىلى بولۇپلا قالماي، ئائىلىدىكىلەرنىڭ ھالىدىنمۇ خەۋەر ئالغىلى، خىزمەت بىلەن تۇرمۇشقا تەڭ كۆڭۈل بۆلگىلى، ئىشىك ئالدىدىلا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىغىلى بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى