تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

30 چاقىرىملىق شامال رايونىدىكى قارلىق چۆل - باياۋاندا چىڭ تۇرۇپ، «يۇقۇم»غا قارشى جەڭ قىلىش

شياۋساۋخۇ G30 يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدىكى مۇھىم ئۆتكەل، تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ غەربىي چېتىگە جايلاشقان، غەربتە ئۈرۈمچى شەھىرىگە 110 كىلومېتىر، شەرقتە تۇرپان شەھىرىگە 60 كىلومېتىر كېلىدۇ. شياۋساۋخۇنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ شەرققە قاراپ ماڭغاندا، 30 چاقىرىملىق شامال رايونى بار، بۇ يەردە تاش - شېغىللار ئۇچۇپ يۈرىدۇ، بۇ جايدىن ئۆتىدىغان پويىز، ئاپتوموبىللار بوراندا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، قاپسىلىپ قالغان بەزى ئاپتوموبىللار بىر كېچىدىلا بوران ئۇچۇرغان قۇم – شېغىللار دەستىدىن سىرلىرى چۈشۈپ كەتكەن ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ.

2 - ئاينىڭ 12 – كۈنى، مۇخبىر ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىپ، ئاپتوموبىل بىلەن شياۋساۋخۇغا جايلاشقان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تارماق ئەترىتى تۇرپان چوڭ ئەترىتىگە قاراپ ماڭدى.

مەنزىلگە يېقىن جايدا، ئازادە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئىككى تەرىپىدە بىپايان چۆل - جەزىرە ۋە چوقچىيىپ چىققان ئېدىرلىقلار بار ئىدى. يولدا ئاپتوموبىللار ناھايىتى ئاز بولغاچقا، بىرئاز تىمتاس ئىدى. «بۇ يىل تۇرپاننىڭ كىلىماتى بىرئاز بىنورمال بولدى، ئۇدا نەچچە قېتىم قېلىن قار ياغدى. ئىلگىرى بۇ يەردە دۆۋلىنىپ قالغان قارلارنى كۆرگىلى بولمايتتى، ھازىر قاراپ بېقىڭ، يولنىڭ ئىككى تەرىپىنى قېلىن قار قاپلىدى.» تارماق ئەترەت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى خۇا فېڭ ئاپتوموبىل ھەيدىگەچ مۇخبىرغا تونۇشتۇردى. كۆز يەتكۈسىز چۆل- جەزىرىدىكى قارلىق دالىغا نەزەر سالغىنىمىزدا، گەرچە تىمتاسلىق ھۆكۈم سۈرگەن بولسىمۇ، يەنىلا يەنىلا گۈزەل مەنزىرىلەر كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى.

بىر يېرىم سائەت يول يۈرگەندىن كېيىن، مۇخبىر تۇرپان چوڭ ئەترىتىگە ئوڭۇشلۇق يېتىپ كەلدى. چوڭ ئەترەت باشلىقى جاڭ خۇڭ مۇخبىرغا ئەھۋال تونۇشتۇردى: چوڭ ئەترەتتە ھازىر 23 ساقچى بار، 92 كىلومېتىرلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنى باشقۇرىدۇ. 30 چاقىرىملىق شامال رايونىدىن ئۆتىدىغان ئاپتوموبىللارنى قوغداپ، ئاپتوموبىللارنىڭ بىخەتەر يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ھەمدە قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان شوپۇرلارنى جىددىي قۇتقۇزۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشخەلق ساقچىلىرىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ھېسابلىنىدۇ. پەقەت 1 - ئاينىڭ 28 – كۈنىلا، چوڭ ئەترەتتىكى خەلق ساقچىلىرى 12 تۈركۈم (قېتىم)دە 6300 دىن ئارتۇق ئاپتوموبىلنى قوغداپ مېڭىش، يېتەكلەش مۇلازىمىتىنى تاماملىدى.

تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغانلىقتىن، تۇرپان چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن چوڭ ئەترەت باشلىقى چېڭ جىۋېيگە ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى ئورگان پارتىيە كومىتېتى تەرىپىدىن مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى دەپ نام بېرىلىپ، جەڭ مەزگىلىدىكى ئومۇمىي بۇيرۇق بويىچە تەقدىرلەشكە ئېرىشتى.

1- ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈش سائەت 14 لەردە، چېڭ جىۋېي بىر جىددىي ياردەم تەلەپ قىلغان تېلېفوننى تاپشۇرۇۋالدى: شەندۇڭلۇق بىر شوپۇر ھەيدىگەن چوڭ يۈك ئاپتوموبىلىدا كاشىلا كۆرۈلۈپ مېڭىشقا ئامالسىز قېلىپ، قاتناش ساقچىلىرىدىن ياردەم تەلەپ قىلدى. چېڭ جىۋېي دەرھال خىزمەتداشلىرى بىلەن چارلاش ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، چوڭ يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ ئالدى ئوقىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى بايقىدى، شوپۇرنىڭ چىرايىدىن تىت – تىتلىق ۋە ئىلاجىسىزلىق چىقىپ تۇراتتى. چوڭ يۈك ئاپتوموبىلىغا ئۈرۈمچىدىكى يۇقۇم مۇداپىئەسىگە جىددىي ئىشلىتىلىدىغان داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى بېسىلغان، ئاپتوموبىلنىڭ ئالدىغا يۇقۇم مۇداپىئە توشۇش بەلگىسى ئېسىلغان، ئاپتوموبىلدا يەنە ئالاھىدە يول خېتى بار ئىدى. چېڭ جىۋېي يۇقۇم مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ راۋان يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ھەمدە ئۇلارنى زۆرۈر ياردەم بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئۆزىنىڭ نۆۋەتتىكى مۇھىم مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكىنى چۈشىنەتتى. ئۇ سەپداشلىرى بىلەن بىر تەرەپتىن شوپۇرغا تەسەللىي بېرىپ، بىر تەرەپتىن ئاپتوموبىلنىڭ ئارقىسىغا ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى قويدى، ئاندىن چارلاش ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ شوپۇرنى ئېلىپ ئەڭ يېقىن بولغان تۇرپان شەھىرىگە بېرىپ ئالماشتۇرۇشقا تېگىشلىك زاپچاسلارنى سېتىۋالدى. تۇنجى قېتىم سېتىۋالغان زاپچاسلارنىڭ تىپى توغرا كەلمىگەچكە، ئۇلار يەنە بىر قېتىم بېرىپ سېتىۋالدى. سوغۇق شامالدا ئىككى قېتىم بېرىپ - كېلىش، 240 كىلومېتىردىن ئارتۇق يول يۈرۈپ، يەتتە سائەتكە يېقىن ۋاقىت سەرپ قىلىش نەتىجىسىدە ئاخىرى ئاپتوموبىل ئوڭشالدى، چوڭ يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرى كېچىگە قارىماي قايتا يولغا چىقتى.

شياۋساۋخۇدىن شەرققە 20 كىلومېتىر ماڭغاندا، توقسۇن ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى نۆۋەتچىلىك قىلىپ ساقلاشقا مەسئۇل 165جامائەت خەۋپسىزلىكى تەكشۈرۈش پونكىتى بار. تەكشۈرۈش پونكىتىدا، مۇخبىر ساقچى ئەترىتىگە كىرگىنىگە ئەمدىلا ئىككى ئاي بولغان ياردەمچى ساقچى شاكىر روزى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى، ئۇ شامال ئۆتمەيدىغان ئاق رەڭلىك مۇداپىئە كىيىمى كىيىپ يولدىن ئۆتكەن ئاپتوموبىللارنى تەكشۈرۈۋاتاتتى. 28 ياشلىق شاكىر روزى قامەتلىك بولۇپ، ساقچى بولۇشنى ئىزچىل ئارزۇ قىلىپ كەلگەچكە، ئىمتىھانغا تىزىملىتىش ئارقىلىق ئاخىرى ياردەمچى ساقچى بولغانىدى.

شاكىر روزى ساقچى ئەترىتىگە كىرىشى بىلەنلا تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. مەن ئۇنىڭدىن ھەر كۈنى ئۇياق - بۇياققا ئۆتۈۋاتقان ئاپتوموبىللارغا يولۇققاندا يۇقۇم بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشىڭىزدىن قورقمامسىز؟ ساقچى كىيىمىنى كىيگىنىڭىزگە پۇشايمان قىلامسىز؟ دەپ سورىغىنىمدا، شاكىر روزى كۈلۈپ قويۇپ: «بۇ مەسىلىنى ئويلىماپتىمەن، بىراق مەن قورقمايمەن، شۇنىسى قىزىمنى ئازراق سېغىندىم» دېدى. ئۇنىڭ يېنىدىكى خىزمەتدىشىنىڭ تونۇشتۇرۇشى ئارقىلىق شۇنى بىلدىكى 1 – ئاينىڭ 13 – كۈنى، شاكىر روزىنىڭ ئايالىنىڭ ھامىلە باش سۈيى يېرىلىپ كېتىپ، شۇ كۈنى كەچتە تۇغقانلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا دوختۇرخانىدا تۇغۇت ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغانىدى، ئۇ دادا بولغانىدى، دادا بولغان شاكىر ناھايىتى ھاياجانلاندى، ئۇ قىزىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشنى، ئۇنى سۆيۈپ، قۇچاقلاشنى ناھايىتى ئويلىدى. لېكىن، بۇ ئالاھىدە مەزگىلدە، ئۇ ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئېنىق بىلەتتى، ئۇ چوقۇم خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇشى كېرەك ئىدى. ئىش ئورنىدىكى ئايرىۋېتىش ئۆز نۆۋىتىدە ئائىلىسىدىكىلەرگە، قىزىغا بولغان يەنە بىر خىل قوغداش ھېسابلىناتتى.

تۈن پەردىسى يېيىلىشقا باشلىدى، چۆل - باياۋاندىكى قارلىق دالىدا تېمپېراتۇرا بىردىنلا تۆۋەنلەپ، سوغۇق شامال سۆڭەكتىن ئۆتكۈدەك سوغۇقنى ئۇچۇرۇپ كەلدى. شامال ئېغىزىغا جايلاشقان تۇرپان چوڭ ئەترىتىدىكى خەلق ساقچىلىرى چارلاش ئاپتوموبىلىنىڭ يىراقنى يورىتىش چىرىغى نۇرى ئاستىدا، يەنىلا يولدا ئاپتوموبىللارنى يېتەكلەپ، ئېھتىياجلىق ئاممىغا مۇلازىمەت قىلدى. كەچ سائەت 20 لەردە، شىنجاڭ سىرتىدىن قايتىپ كەلگەن 100 دىن ئارتۇق ئاپتوموبىل چوڭ ئەترەت تەۋەلىك رايونىدىن ئۆتتى، ئۇلار ئاپتوموبىللارنى ماي قاچىلاشقا يېتەكلەپ، بىر - بىرلەپ تىزىملىشى ھەمدە ساقچى ئاپتوموبىلى يول ئېچىش ئۇسۇلى ئارقىلىق بۇ ئاپتوموبىللارنى بىخەتەر ئۆتۈشكە يېتەكلىشى كېرەك ئىدى.

(شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى )

شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىدىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى