تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ مەدەت بېرەيلى

  شىنجاڭنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى تۇرۇشلۇق جايدا «كىچىك تاللا بازىرى» بار بولدى __

  شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چاۋ جىن

  «بىزنىڭ مېھىر-شەپقەت ‹كىچىك تاللا بازىرى›مىز بۈگۈن رەسمىي ‹تىجارەت› باشلىدى! ئەترەت ئەزالىرى تىزىمغا ئالدۇرغاندىن كېيىن كېرەكلىك بۇيۇملارنى ھەقسىز ئالالايدۇ!» 2-ئاينىڭ 18-كۈنى، شىنجاڭنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئۈندىدار توپىدا بىر كىچىك ئۇقتۇرۇش پەيدا بولدى.

  «ئەمدى قولايلىق بولدى، بىز سەل تۇرۇپ بېرىپ كۆرۈپ باقايلى، مەن ماڭغاندا تىرناق ئالغۇچ ئېلىۋالماپتىكەنمەن، قەيەردىن تاپارمەن دەپ بېشىم قېتىپ تۇراتتى!» «ھە، مەنمۇ باراي، تاللا بازىرىنى ئايلىنىپ باقمىغىنىمغا ناھايىتى ئۇزۇن بوپتۇ!» ئىشتىن چۈشۈش يولىدا، داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى بۇ قىزىقارلىق ئۇچۇردىن بەھرىمەن بولغاچ بۇ توغرىسىدا پاراڭغا چۈشكەنىدى.

  «كىچىك تاللا بازىرى»نىڭ مەسئۇلى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ سېستراسى گەي جۈەن تارتقان بىر سىن كۆرۈنۈشىدە، مۇخبىر داۋالاش ئەترىتى تۇرۇشلۇق جايدىكى بىر ماددىي ئەشيالار ئۆيىدىن ئۆزگەرتىلگەن «كىچىك تاللا بازىرى»دا يۇيۇش بۇيۇملىرى، گىرىم بۇيۇملىرى، يېمەكلىك، ئىشخانا بۇيۇملىرىنىڭ ھەممىسى بارلىقىنى كۆردى. گەي جۈەننىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، سەپەرگە ئالدىراش ئاتلانغاچقا، ۋۇخەنگە دەسلەپتە كەلگەندە، نۇرغۇن ئەزالار تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى تولۇق ئېلىۋالمىغان، بەزىدە ئۇ كۆپچىلىك ئېھتىياجلىق نەرسىلەرنى تىزىملاشقا مەسئۇل بولۇپ، بىر قېتىمدا مەركەزلىك سېتىۋالغان. بىراق، كۆپچىلىكنىڭ ئىشقا چىقىش، ئىشتىن قايتىش ۋاقتى ئوخشاش بولمىغاچقا، نەرسىلەرنى تارقىتىش بىر قەدەر ئاۋارىچىلىق بولغان. بۇنىڭدىن باشقا، يېقىندا يۇرتتىن كەلگەن، ۋۇخەندىكى شىنجاڭ ياردەمچى ئەترىتى قاتارلىق جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەر ئىئانە قىلغان تۈرلۈك ماددىي ئەشيالارنى ئارقا-ئارقىدىن تاپشۇرۇۋالغان بولغاچقا، بۇ ماددىي ئەشيالارنى جايىدا ئىشلىتىش ئۈچۈن، مېھىر-شەپقەت «كىچىك تاللا بازىرى» ئېچىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئۆز ئېھتىياجى بويىچە نەرسە ئېلىۋېلىشىغا قولايلىق يارىتىشنى، ھەمدە كۆپچىلىكنىڭ «تاللا بازىرى» نى ئايلىنىپ، خىزمەت بېسىمىنى يېنىكلىتىشىنى ئويلىغان.

  «مەن مەسئۇل ئاغرىق بۇ ئىككى كۈندە ئېغىزىنىڭ ئاچچىق بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقانىدى، مەن ئۇنىڭغا بىر خالتا دابەيتۇ سۈت كەمپۈتى ئېلىۋالدىم» «مەن مەسئۇل ئاغرىقنىڭ ساقىلى ئۆسۈپ كېتىپتۇ، بىر تال ساقال ئالغۇچ لازىم» «مەن مەسئۇل ئاغرىق ھەقىقىي شىنجاڭ نېنى يەپ باقمىغانلىقىنى ئېيتقانىدى، ئۇنىڭغا بىر نان ئېلىۋالاي، تېتىپ باقسۇن» ... كەچتە، گەي جۈەن ماددىي ئەشيالارنى ئېلىش تىزىملاش دەپتىرىنى ۋاراقلىغاندا، نۇرغۇن ئەترەت ئەزالىرى تىزىملاتقان ئۇچۇرنىڭ ئارقىسىغا ئوخشاش قىلىپ : ئاغرىققا بېرىمەن، دەپ يېزىلغانلىقىنى بايقىدى.

  2-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتىن كېيىن، «كىچىك تاللا بازىرى»نىڭ تىجارەت ۋاقتى يەنە يېتىپ كەلدى. «سۆيۈملۈك شىنجاڭ داۋالاش ئەترىتىدىكى سەپداشلار، ئەگەر سىلەر تۇرۇشلۇق كېسەل رايونىدا ئاغرىقلار ئېھتىياجلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرى بولسىمۇ، بىزنىڭ <كىچىك تاللا بازىرى>مىزغا كېلىپ ئىمزا قويۇپ ھەقسىز ئېلىۋالساڭلار بولىدۇ، ھەمدە بىزنىڭ تىلەكلىرىمىزنىمۇ ئالغاچ بېرىڭلار، ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.» بۇ گەي جۈەننىڭ شۇ كۈندىكى يېڭى ئەسكەرتىشى ئىدى.

  « <كىچىك تاللا بازىرى> ئېچىشتىكى مەقسەت ئەسلىدە ماددىي ئەشيالارنى ئىسراپ قىلماسلىق، تارقىتىشتىكى خىزمەت مىقدارىنى ئازايتىش ئىدى، ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، <كىچىك تاللا بازىرى>چوڭ ئېنېرگىيەنى ئۇرغۇتتى، ماددىي ئەشيالىرىمىزنى دەل جايىدا تولۇق ئىشلىتەلەيدىغان بولدۇق.» داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئالاقىچىسى خۇاڭ لياڭ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «دوختۇر بىلەن ئاغرىق قەلبداش بولسىلا، يۇقۇم ئۈستىدىن چوقۇم غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ !»

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى