تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ كۇتۇپخانىسى توردىكى مۇلازىمەتنى سەرخىللاشتۇردى ۋە ئەلالاشتۇردى

  شىنجاڭ گېزىتى، 2-ئاينىڭ 17-كۈنى خەۋىرى: «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، بىز تور ئارقىلىق كۇتۇپخانىنىڭ مۇلازىمىتىنى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قېشىغىچە يەتكۈزدۇق ھەمدە مەزمۇنلارنى ئۈزلۈكسىز سەرخىللاشتۇردۇق، ئەلالاشتۇردۇق، ئەلا سۈپەتلىك مەنىۋى ئوزۇق ئارقىلىق ئاممىغا مەدەت بەردۇق!» دېدى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى شىنجاڭ كۇتۇپخانىسىنىڭ باشلىقى لى لى.

   يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ كۇتۇپخانىسى ۋاقتىنچە تاقالدى، ئەمما مۇلازىمەت ئۈزۈلۈپ قالمىدى. شىنجاڭ كۇتۇپخانىسى تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى يۈ جىمىن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «ھەر مىللەت ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۆيىدە تۇرۇۋاتقان مەزگىلدىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، بىز ئىلگىرى كۇتۇپخانىغا بارسىلا ئىشلىتەلەيدىغان رەقەملىك بايلىقنى تورغا قويۇپ، IP زىيارەت قىلىش چەكلىمىسىنى بىكار قىلدۇق. ئوقۇرمەنلەر بىزنىڭ ئۈندىدار ئاممىۋى نومۇرىمىزنى، كىچىك پىروگراممىمىزنى قوشۇۋالسا ياكى شىنجاڭ كۇتۇپخانىسى تور بېكىتىگە تىزىملىتىپ كىرسە، ئۆيدىن چىقماي تۇرۇپلا كىتاب ئوقۇش، مۇزىكا، تۈرلۈك لېكسىيەلەرنى ئاڭلاش قاتارلىقلاردىن ھۇزۇرلىنالايدۇ».

   ئوقۇرمەنلەرنى تېخىمۇ سۈپەتلىك رەقەملىك ئوقۇش بايلىقى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، شىنجاڭ كۇتۇپخانىسى يەنە جۇڭگو جىۋاڭ تورى(中国知网)، ۋەنفاڭ سانلىق مەلۇمات ئاساسىي مائارىپى (万方数据基础教育)، ۋېيپۇ، QQ ئوقۇشلۇقى قاتارلىق بىر تۈركۈم نوپۇزلۇق رەقەملىك بايلىق ئىشلەپچىقارغۇچى كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، بۇلارنى شىنجاڭدىكى ئوقۇرمەنلەرگە ھەقسىز ئېچىۋەتكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى