تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئېلېكتر ئېنېرگىيە كارخانىلىرى ئۇچراشماي تۇرۇپلا بېجىرىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويدى

 79 تۈرلۈك توك ئىشلىتىش كەسپى توردا بېجىرىلىدۇ

    شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 2-ئاينىڭ 18-كۈنى خەۋىرى: پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز چېن چياڭۋېينىڭ دۆلەت ئېلېكتر تورى شىنجاڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، يۇقۇم ئەھۋالى يۈز بەرگەندىن بۇيان، دۆلەت ئېلېكتر تورى شىنجاڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى توردا كەسىپ بېجىرىشنى پائال كېڭەيتىپ، توك پۇلى تاپشۇرۇش، ھېسابات تالونى سۈرۈشتۈرۈش، كاشىلا مەلۇم قىلىپ رېمونت قىلدۇرۇش، توك ئۇلاشنى ئىلتىماس قىلىش قاتارلىق 79 تۈرلۈك توك ئىشلىتىش كەسپىنى ئۇچراشماي تۇرۇپلا توردا بېجىرىشنى ئىشقا ئاشۇرغان.

  دۆلەت ئېلېكتر تورى شىنجاڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى «网上国网»(توردىكى دۆلەت ئېلېكتر تورى) ئەپ دېتالى، دۆلەت ئېلېكتر تورى شىنجاڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيەسى ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى، 95598 قىزىق لىنىيەسى قاتارلىق يوللار ئارقىلىق توردا توك بېجىرىش مۇلازىمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتتى ۋە پائال يېتەكلىدى.

  «ئۇچراشماي تۇرۇپ» توك بېجىرىشنى ئەڭ زور ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، دۆلەت ئېلېكتر تورى شىنجاڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى ئىلگىرىكى خېرىدارلارنىڭ ئىشىكى ئالدىغا بېرىپ توك بىلەن تەمىنلەش لايىھەسىنى بېكىتىش، توك بىلەن تەمىنلەش-توك ئىشلىتىش توختامى ئىمزالاش، توك پۇلى تالونى بېسىپ چىقىرىش قاتارلىق كەسىپلەرنى «网上国网»(توردىكى دۆلەت ئېلىكتىر تورى) ئەپ دېتالىدا بېجىرىشكە ئۆزگەرتتى؛ قوشۇلما قىممەت بېجى مەخسۇس تالونى بېسىپ چىقىرىش كەسپى پوچتا ئارقىلىق ھەل قىلىندى؛ سىغىمنى كېمەيتىش، ۋاقتىنچە توختىتىش، سىغىم كېمەيتىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ۋاقتىنچە توختىتىش قاتارلىق كەسىپلەردە، تور ئارقىلىق كەسپىي جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش، ماتېرىيال يەتكۈزۈش، ئۈندىدار ئارقىلىق ئورۇن بەلگىلەش، سىن ئىقتىدارى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىلىپ، نەق مەيدانغا كېلىش قېتىم سانى ئازايتىلدى.

  «بىز ئاچقان توردا ھەق تاپشۇرۇشتا توردىكى دۆلەت تورى، ئېلېكتر e گۆھىرى، ئۈندىدار، چىقىمدان، توك پۇلى تور بانكىسى قاتارلىق سەككىز خىل ئۇسۇل بار بولۇپ، <توردا بېجىرىش، كۆرۈشمەسلىك، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش>نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئادەملەرنىڭ توپلىشىشىنى ھەقىقىي، ئۈنۈملۈك ئازايتتۇق» دېدى دۆلەت ئېلېكتر تورى شىنجاڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى تىجارەت بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ياردەمچىسى جاڭ چاۋ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى