تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«يۇقۇم» غا قارشى جەڭ بىلەن ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەڭ ئېلىپ بېرىلدى

   

   تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز ليۇ مېڭمېڭ، شېن زۇشياۋ، ۋاڭ جىڭجىڭ خەۋىرى، ئىختىيارىي مۇخبىرلار جاۋ ۋېيمىڭ، جوۋ بو، لى مېي، ياڭ جې، شاۋ خۇاۋېي فوتوسى): نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز جايلاردا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق كۆرۈش ۋە ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلەپ، بىر تەرەپتىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ئىلمىي، ياخشى تۇتۇش، يەنە بىر تەرەپتىن ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىنى چىڭ تۇتۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، «يۇقۇم» غا قارشى جەڭ بىلەن ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا دەخلى يەتكۈزمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇردى.

   يەكەن ناھىيەسى: دېھقانلار مېۋىلىك دەرەخلەرنى چاتاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى

  2-ئاينىڭ 14-كۈنى سەھەردە، يەكەن ناھىيەسى خاڭدى بازىرى گۈزەلباغ كەنتىنىڭ  كەنت ئاھالىسى ئەمەر مەمتىمىن دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى بىلەن ئۆيىنىڭ ئىچى-سىرتىنى بىر قېتىم دېزىنفېكسىيە قىلغاندىن كېيىن، ماسكىسىنى تاقاپ بېغىغا كېلىپ بادام دەرىخىنى چاتىدى.

  «ھاۋا كۈندىن-كۈنگە ئىسسىپ كېتىۋاتىدۇ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ۋاقتى بولۇپ قالدى، مەن بۈگۈن بادام دەرىخىنى چاتاپ، ئەتە لاپاس ئىچىدىكى يەرنى تۈزلەيمەن.» دېدى ئەمەر.

  ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ھۆكۈمەت مەبلەغ سالغان تۈرلەرنى باھالاش مەركىزىنىڭ خاڭدى بازىرى گۈزەلباغ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى سۇڭ جيەنجۈن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، كەنت ئاھالىلىرى بىر تەرەپتىن مۇداپىئە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىش ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى، بەزى كەنت ئاھالىلىرى مېۋىلىك دەرەخلەرنى چاتاش ۋە لاپاستا كۆكتات تېرىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، بەزىلىرى بۇغداينى ئوغۇتلاپ، ھويلا-ئارانلارنى تۈزەۋاتىدۇ، دېھقانلار بۇ يىلقى مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇپ ھوسۇل ئېلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ.

يەكەن ناھىيەسى خاڭدى بازىرى گۈزەلباغ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئەمەر مەمتىمىن ئېتىزدا ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

   لوپنۇر ناھىيەسى: مايسا يېتىشتۈرۈش بازىسىدىكى ئالدىراشچىلىق

  «پارنىكتا ئىشلىسە كۈنىگە 100 نەچچە يۈەن تاپقىلى بولىدۇ، بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، بىر تەرەپتىن كۆكتات تېرىش تېخنىكىسىنى ئۆگەندۇق، كېيىن ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدىكى يەردىن ياخشى پايدىلىنىپ كۆكتات تېرىپ، ئۆزىمىزنى قامداش بىلەن بىرگە، يەنە تېخى ساتالايمىز.» 2-ئاينىڭ 11-كۈنى، لوپنۇر ناھىيەسى گۈلباغ يېزىسىدىكى مىڭ مو ئېكولوگىيەلىك كۆكتات يېتىشتۈرۈش بازىسىدا، دېھقان ئەرشىدىن ناسىر كۆز ئالدىدىكى ياپيېشىل كۆكتات مايسىلىرىغا قاراپ خۇش بولۇپ كەتتى.

  بازىدا دېھقانلار گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ ئەمگەك قىلىپ، مايسا يېتىشتۈرۈش تەخسىسىگە ئۇرۇق سېلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، ئۇرۇق سېلىنىپ بولغان مايسا يېتىشتۈرۈش تەخسىلىرىنى بىر يانغا رەتلىك تىزدى. دېھقانلار پارنىكتا ئەمگەك قىلغاندا، ماسكا تاقاپ، ئۆزئارا بەلگىلىك ئارىلىق ساقلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا دەخلى يەتكۈزمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇردى.

  «ھازىر پارنىكتا مايسا يېتىشتۈرۈشنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلى، دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا دەخلى يەتكۈزمەسلىك ھەم يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، دېھقانلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، رايون بويىچە قەرەللىك دېزىنفېكسىيە قىلىپ، پارنىك ئايرىپ گۇرۇپپىلارغا بۆلۈپ ئىشلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، پارنىكقا كىرىپ-چىققانلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ ھەم تىزىملاپ، خىزمەت جەريانىدا پۈتۈن مۇساپىدە ماسكا تاقاش، مايسا يېتىشتۈرۈش پارنىكىنىڭ ھاۋاسىنى توختىماي ئالماشتۇرۇش، خادىملارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مايسا يېتىشتۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئەتراپلىق ئىشلىنىشى ئۈچۈن ئومۇميۈزلۈك مۇداپىئە كۆردۇق.» دېدى گۈلباغ كەنتىنىڭ بېيىش باشلامچىسى، مايسا يېتىشتۈرۈش مەسئۇلى سۈي يۇڭ.

  غۇلجا ناھىيەسى: كۆكتات مايسىسى يېتىشتۈرۈشنىڭ ياخشى پەيتى

  بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، غۇلجا ناھىيەسى ئونيار يېزىسى خوجاش كەنتىدىكى مايسا يېتىشتۈرۈش چوڭ ئائىلىسى شۈ يەنلۇ ئۆستۈرگەن 2 مىليون تۈپ كۆكتات مايسىسىنى ئوزۇقلۇق خالتىسىغا بۆلۈپ تىكىشكە باشلىدى.

  شۈ يەنلۇ ئائىلىسى 22 پارنىكقا كۆكتات مايسىسى تېرىدى. ھەر يىلى 1-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ لازا، شوخلا، جاڭدۇ، كۇگۇا، سىگۇا، چىڭسەي قاتارلىق ھەر خىل كۆكتات مايسىلىرىنى 4-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە تىكىدۇ، ھەر يىلى ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەردىكى كۆكتاتچى دېھقانلارنى 2 مىليون تۈپتىن كۆپرەك كۆكتات مايسىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇنى غۇلجا ناھىيەسىدىكى ئەڭ چوڭ كۆكتات يېتىشتۈرۈش بازىسى دېيىشكە بولىدۇ.

  «دېھقانلار ئېتىزغا بېرىپ-كېلىپ ئېتىز-ئېرىق ئىشىنى قىلغاندا، ئۇلاردىن بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەشنى، ماسكا تاقاشنى، دېزىنفېكسىيە قىلىشنى تەلەپ قىلدۇق ھەمدە دېھقانلارغا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا دەخلى يەتكۈزمەسلىكنى ئېيتتۇق،» دېدى خوجاش كەنتىنىڭ 1-شۇجىسى، غۇلجا ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ خوجاش كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى قۇربان نۇرئەخمەت.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى