تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

يېڭى دەۋردە مائارىپ نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك تۈزۈلمە مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «پىكىر» بېسىپ تارقاتتى

يېڭى دەۋردە مائارىپ نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك تۈزۈلمە مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «يېڭى دەۋردە مائارىپ نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك تۈزۈلمە مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

«پىكىر»دە مۇنداق يېتەكچى ئىدىيە ئوتتۇرىغا قويۇلدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئايلىنىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، نەتىجىدىن پايدىلىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، مائارىپ نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىكىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئالاقىدار تارماقلار، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر، ھەر دەرىجىلىك، ھەر تۈرلۈك مەكتەپلەر ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى(تۆۋەندە بىردەك مەكتەپ دەپ ئاتىلىدۇ)نىڭ تەربىيەلەش ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

«پىكىر»دە مۇنداق ئاساسىي نىشان ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2022 - يىلىغا بارغاندا، ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان، ئايلىنىشى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، نەتىجىسى نوپۇزلۇق، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش كۈچلۈك بولغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپ نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك تۈزۈلمە مېخانىزمى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىلىدۇ. ھۆكۈمەت نازارەتچىلىكى جەھەتتە، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرگە قارىتىلغان دەرىجىگە ئايرىلغان مائارىپ نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك مېخانىزمى بەرپا قىلىنىپ، ئۆلكە، شەھەر، ناھىيەدىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەربىيەلەش ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىنىدۇ. مەكتەپ نازارەتچىلىكى جەھەتتە، دۆلەت بىرتۇتاش ئۆلچەم بېكىتكەن، يەرلىك ئاساس قىلىنىپ يولغا قويۇلۇش تەشكىللەنگەن، مەكتەپلەرنى نازارەت قىلىش - يېتەكلەش خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىلىپ، مەكتەپلەرنىڭ مائارىپ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىنىدۇ. باھالاش، كۆزىتىش - ئۆلچەش جەھەتتە، مائارىپ نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك تارماقلىرى سىستېما بويىچە بىرتۇتاش باشقۇرىدىغان، كۆپ تەرەپ قاتنىشىدىغان مائارىپ باھالاش، كۆزىتىش مېخانىزمى ئورنىتىلىپ، مائارىپ باشقۇرۇشىنى ياخشىلاش، مائارىپ تەدبىرىنى ئەلالاشتۇرۇش، مائارىپ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش ئىلمىي ئاساس بىلەن تەمىنلىنىدۇ.

«پىكىر»دە مائارىپ نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، مائارىپ نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك ئايلىنىش مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، مائارىپ نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىكى بويىچە جاۋابكارلىققا تارتىش مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، مائارىپ نازارەتچىلىكى، تەكلىپلىك ئىشلىتىش ۋە باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، مائارىپ نازارەتچىلىك - ھەيدەكچىلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىقلارغا قارىتا ئېنىق تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى