تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش-روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

شۆھرەت زاكىر، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايون نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ۋاڭ جۈنجېڭ، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 2020 - يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىدىغان يىل. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىزگە تاپشۇرغان مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە. ھازىر، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى ئەڭ كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق باسقۇچقا كەلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە كىردى، ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇشتا بوشاڭلىق قىلماسلىق، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتا تەۋرەنمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئىككى قولدا تۇتۇپ، ئىككىلىسىگە دەخلى يەتكۈزمەي، قوش غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، خەۋپ - خەتەر ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، ئىلمىي تاقابىل تۇرۇپ، تۈرلەر بويىچە تەدبىر قوللىنىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، ھەقىقىي تۈردە تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشكە كۈچەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى قىلچە بوشاشتۇرماي ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتىدە، يۇقۇمنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، تېخىمۇ قاراتمىلىقى بولغان تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، تۈر مەبلىغى، ياردەم بېرىش - يۆلەش بايلىقىنى تېخى نامراتلىقتىن قۇتۇلمىغان نامرات ناھىيە ۋە نامرات كەنتلەرگە مايىللاشتۇرۇش، مەركەزلەشتۈرۈشكە يېتەكلەپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ قىيىننىڭ قىيىنىغا ھۇجۇم قىلىش كېرەك. نىشان - ۋەزىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خىزمەت تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى زىچ چۆرىدەپ، دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلار ۋە ئالاھىدە نامرات كىشىلەر توپىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يەتتە بىر تۈركۈم» «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى ئالغا سىلجىتىپ، كۈچەپ كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ياخشى ھەل قىلىپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەسىلىنى تۈزىتىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، مەركەزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى مەخسۇس كۆزىتىش بويىچە «قايتا قاراپ چىقىش»ى، 2019 - يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈپ باھالاش، چوڭ رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش قاتارلىقلاردا قايتا ئىنكاس قىلىنغان ۋە بايقالغان مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، قەتئىي تۈردە مەسىلە ئېنىقلانمىغۇچە قويۇۋەتمەسلىك، مەسئۇلىيەت ئەمەلىيلەشمىگۈچە قويۇۋەتمەسلىك، تۈزىتىش جايىدا بولمىغۇچە قويۇۋەتمەسلىك، ئامما رازى بولمىغۇچە قويۇۋەتمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەسىلىنى تۈزىتىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى كۈچەپ مۇستەھكەملەپ كېڭەيتىپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنى كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە ھەرىكەت ھالىتىدە ياردەم بېرىش - يۆلەشنى كۈچەيتىپ، قالپاقنى تاشلىسىمۇ مەسئۇلىيەتنى تاشلىماسلىق، قالپاقنى تاشلىسىمۇ سىياسەتنى تاشلىماسلىق، قالپاقنى تاشلىسىمۇ ياردەم بېرىش - يۆلەشنى تاشلىماسلىق، قالپاقنى تاشلىسىمۇ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى تاشلىماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە يۇقىرى سۈپەتتە غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنداق تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايون ئومۇمىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، ۋىلايەت - ناھىيەلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش، يېزا - كەنتلەر جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «قوش گۇرۇپپا باشلىقى» مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ بىرىنچى قول رەھبىرى ئۆزى تۇتۇپ، ئىش تەقسىماتى بويىچە مەسئۇل بولغان يولداشلار كونكرېت تۇتۇپ، بەنزە ئەزالىرى ماسلىشىپ تۇتۇپ، ۋىۋىسكا ئېسىپ نازارەت قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، مەخسۇس تۈر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ساھەلەر نامراتلارنى يۆلەش، جەمئىيەت نامراتلارنى يۆلەش، شىنجاڭغا ياردەم بېرىپ نامراتلارنى يۆلەشتىن ئىبارەت «تۆت بىر گەۋدە» بويىچە نامراتلارنى يۆلەش چوڭ ئەندىزىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتىكى قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش كېرەك.

يىغىن سىن يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ھەم ئەزا ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.