تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

نىشان - ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ بوشاشماسلىق

− ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت كارخانىلىرى تۈرلەر بويىچە، تۈركۈملەر بويىچە ئىشلەپچىقىرىشنى بىخەتەر، تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈردى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى شى شىن، فۇ شياڭلۇڭ

ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى «ئاساسىي قوشۇن»لۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى نىشانلاپ، تۈرلەر بويىچە، تۈركۈملەر بويىچە ئىشلەپچىقىرىشنى بىخەتەر، تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈردى.

ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى بوشاشتۇرماسلىق ئىشلەپچىقىرىپ تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش

ئىسىم - فامىلىسىنى مەلۇم قىلىش، ماسكا تاقاش، دېزىنفېكسىيەلەش رايونىدىن ئۆتۈش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش... 2 - ئاينىڭ 19 - كۈنى سائەت 10 دا، شىنجاڭ شىنيې ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ھەرقايسى ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا، خىزمەتچى خادىملار ئىشقا چىققان ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈۋاتاتتى. ھازىر بۇ، شىنيې ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىشقا چىقىشتىن بۇرۇنقى چوقۇم قىلىدىغان ھەرىكىتىگە ئايلاندى. بىر قولدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تۇتۇلدى، بىر قولدا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تۇتۇلدى، نۆۋەتتە، شىنيې ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىلىرىنىڭ ھەممىسى نورمال ئايلىنىۋاتىدۇ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ئورنىغا چىقىش نىسبىتى %87كە يەتتى. 2 - ئاينىڭ 17 - كۈنىگە قەدەر، 12 مىليون 100 مىڭ كۇب مېتىر تەبىئىي گاز، 27 مىڭ 515 توننا مېتانول، 1692 توننا BDO ئىشلەپچىقىرىلىپ، پۇقرالار ئىشلىتىدىغان تەبىئىي گازنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىلىشى ۋە تەمىنلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىندى.

2 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)غا جايلاشقان كارخانا − جولاڭ شىنجاڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنىسازلىق چەكلىك شىركىتى ئىشنى رەسمىي ئەسلىگە كەلتۈردى. نۆۋەتتە، شىركەتتە ئىش ئورنىدا بار ئىشچى - خىزمەتچى 40قا يېقىن بولۇپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى ھەر كۈنى شىركەتنىڭ نۆۋەتچى ئاپتوبۇسى زاۋۇت رايونىغا ئېلىپ كىرىدۇ، ئىشچى - خىزمەتچىلەر تاماق يېگەندە ئايرىم غىزالىنىش تۈزۈمى قوللىنىلغان بولۇپ، بىر - بىرى بىلەن ئۇچراشمايدۇ. شىركەت ياتاقنى ئىككى قىسىمغا ئايرىغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئىشقا چىققان ئىشچى - خىزمەتچىلەر قىسمەن زاللاردا ئايرىم تۇرىدۇ، ئېشىپ قالغان ياتاقلار كېيىنكى مەزگىلدە ئىشقا چىقىدىغان ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشلىتىشىگە قالدۇرۇلغان. ئىش ئورنىدىكى خىزمەتچىلەرگە ھەر كۈنى ۋاقتىدا داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماسكا تارقىتىلىدۇ، ھەرقايسى ئىشلەپچىقىرىش تارماقلىرى ئىش ئورنىدىكى خىزمەت ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ كۆز ئاسراش ئەينىكى، پەلەي ۋە باشقا مۇداپىئە بۇيۇملىرىنى تارقىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەخسۇس ئەخلەت تۆكۈش ئورنى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بارلىق ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئەخلەتنى جەزمەن بەلگىلەنگەن ئورۇنغا تاشلايدۇ، تازىلىق خادىملىرى بىرتۇتاش يىغىپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.

شىنجاڭ لەنشەن تۇنخې پولىئېستېر چەكلىك شىركىتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى يۈرۈش لايىھەنى جىددىي قوزغىتىپ، باغچە رايونىدىن كوللېكتىپ ياتاق ئىجارىگە ئېلىپ، 24 سائەت ئىچىدە ماددىي ئەشيا سەپلەش، ئاپتوموبىل ئورۇنلاشتۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك دېزىنفېكسىيە قىلىشنى تاماملىدى.

2 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، شىنجاڭ جۇڭتەي توقۇمىچىلىق گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ توقۇمىچىلىق توقۇش - پىششىقلاش 2 - سېخىدا، ئۈچ يۆتكەش - توشۇش ماشىنىسى موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، شوپۇرلار ماسكا تاقاپ، توقۇش - پىششىقلاش، ئوراش سېخى بىلەن تەييار مەھسۇلات 9 - ئامبىرى ئارىلىقىدا رىسكوزا تالاسى توشۇۋاتاتتى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى قەتئىي ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، جۇڭتەي توقۇمىچىلىق گۇرۇھى تولۇق يۈكلۈك ئىشلەپچىقىرىشنى ساقلاپ، يۇقىرى - تۆۋەن لىنىيەدىكى كارخانىلارنىڭ ئىشنى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى.

شىنجاڭ جۇڭتەي خىمىيەسى فۇكاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى دائىرىلەشتۈرۈپ يۈرۈشتۈرۈش، باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىلىرىنىڭ «بىخەتەر، مۇقىم، ئۇزاق، تولۇق، ئەلا» يۈرۈشۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنىڭ ھەر ئىككىسىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

مۇلازىمەتنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش تىرەك تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇش

ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئامانەت - قەرز كوپىراتىپلىرى بىرلەشمىسى، شىنجاڭ بانكا پاي چەكلىك شىركىتى پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى «بىرىكمە مۇشت»ىنى ياخشى ئېتىپ، كىرېدىت تارقىتىشنى زورايتىش، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىقلار ئارقىلىق، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى كەسىپلەرنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە پائال تۈرتكە بولدى. ھازىرغا قەدەر، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئامانەت - قەرز كوپىراتىپلىرى بىرلەشمىسىنىڭ 64 تور نۇقتىسى سىرتقا قارىتا تىجارەت قىلىپ، ATM ئاپتوماتىك ئۈسكۈنىسى ۋە تور كەسىپلىرى نورمال يۈرۈشۈپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەزگىلىدە ئاممىنىڭ پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىگە بولغان ئېھتىياجىغا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلدى.

شىنجاڭ دۆلەت مۈلكىگە مەبلەغ سېلىش، تىجارەت قىلىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى جەڭ سېپىگە بۇرۇلۇشتا، توردا ئىش بېجىرىش+تور سىرتىدا تەشكىللەشنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى پائال ئورۇنلاشتۇرۇپ، OA ھەمكارلىشىپ ئىش بېجىرىش سىستېمىسى، ئىشخانا ئۈندىدار توپى قاتارلىق ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋاسىتىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، توردا كېڭىشىش، ئالاقىلىشىش، كەسىپ تەستىقلاش، توختام ئىمزالاش، ئىجرا قىلىشنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ۋە تۈرلۈك مەمۇرىي باشقۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. شىنجاڭ ئايروپورت گۇرۇھىنىڭ 20 ئايرودۇرۇمى نورمال ئېچىۋېتىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ شەرتسىز ئالدىن توشۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى. 1 - ئاينىڭ 23 - كۈنىدىن بۇيان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ 7529قېتىم ئۇچۇشى ۋە قونۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

شىنجاڭ ئېنېرگىيە (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ھازىر، بارلىق مەيدان، پونكىتلىرىنىڭ توك ئىشلەپچىقىرىشى نورمال بولۇۋاتىدۇ، فۇكاڭ سانائەت باغچە رايونىدىكى گاز تۇرۇبىسى تورى كەسپى نورمال تىجارەت قىلىۋاتىدۇ.

كادىرلار ئۈلگە بولۇش پارتىيە ئەزالىرى ئاۋانگارت بولۇش

«يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش ھەم بىر قېتىملىق چوڭ جەڭ، ھەم بىر قېتىملىق چوڭ سىناق.» شىنجاڭ رەڭلىك مېتال سانائىتى (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتتى، بىرىنچى سەپتىكى ئورۇنلار ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشقا تىرىشتى. گۇرۇھ رەھبەرلىرى ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئالدىغا ئۆتۈپ قوماندانلىق قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش داۋامىدىكى قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش خام ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەش ۋە ئارقا سەپ كاپالىتىگە كاپالەتلىك قىلدى؛ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، نۇقتىلىق ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار زاۋۇتتا كوللېكتىپ يېتىپ - قوپۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلىسىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇردى.

شىنجاڭ لەنشەن تۇنخې خىمىيە سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار ئۈلگە بولۇپ، كەڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، قىيىن ئۆتكەلنى ئورتاق يەڭدى. پارتىيەلىك كادىرلار باشتىن - ئاخىر ئالدىدا مېڭىپ، بىر تەرەپتىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇرسا، بىر تەرەپتىن ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنىڭ نورمال قانات يايدۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

2 - ئاينىڭ 9 - كۈنىگە قەدەر، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭ لەنشەن تۇنخې پولىئېستېر چەكلىك شىركىتىدىكى 361 ئىشچى - خىزمەتچى كارخانىدا تاماق يەپ، كارخانىدا يېتىپ - قوپۇپ ئىشلىدى. ئىككى يۈرۈش قۇرۇلما، ئۈچ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى پۈتۈن سۈرئەتتە ئايلاندى، PBSA2 ، PBSA1 ۋە ئاممىۋى قۇرۇلۇش سېخىدىكى ئۈچ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى پۈتۈن سۈرئەتتە ئىشلەپچىقاردى، PBSA2 ، PBSA1نىڭ كۈندىلىك مەھسۇلات مىقدارى ئايرىم - ئايرىم 96 توننا، 145 توننىغا يەتتى. بىرىنچى قارارلىق يىلىغا 2×3 تۈمەن توننا PBSA تۈرىدە ئىشلەپچىقىرىش، كۆزلىمە نىشانغا يېتىشنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، ئىككىنچى قارارلىق يىلىغا 240 مىڭ توننا تولۇق بىيولوگىيەلىك سۇسلاشتۇرۇلغان دېۋىرقاي ئىشلەپچىقىرىش تۈرىنىڭ ئالدىنقى قارارلىق خىزمىتىنى باشلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى