تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قەشقەر ۋىلايىتى ۋۇخەندىكى ئۈچ دوختۇرخانىغا 100 توننا تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى ئىئانە قىلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ساۋ خۇا، ئىختىيارىي مۇخبىرلار شۈ تاۋ، ياڭ لې، ليۇ خوڭدەنلەر خەۋىرى، فوتوسى): 2- ئاينىڭ 18- كۈنى سائەت 19:02دە، ياڭاق، سۈت، چىلان، تەييار چۆپ قاتارلىق تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى باسقان يۈك پويىزى قەشقەر ۋوگزالىدىن ئاستا-ئاستا يولغا چىقىپ، 4500 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ۋۇخەن ۋۇجياشەن ۋوگزالىغا يۈرۈپ كەتتى، قەشقەر ۋىلايىتى بۇ تۈركۈمدىكى تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى ۋۇخەن لېيشېنشەن دوختۇرخانىسى، تەنتەربىيە مەركىزى چاسا بۆلمە دوختۇرخانىسى ۋە توڭجى تيەنيوۋ دوختۇرخانىسىغا ئىئانە قىلغان.

  قەشقەر ۋىلايىتى ۋۇخەندىكى ئۈچ دوختۇرخانىغا ئىئانە قىلغان ماددىي ئەشيالارنى توشۇشقا تەييارلىق قىلماقتا.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ ئومۇمىي ئېغىرلىقى 100 توننا بولۇپ، قىممىتى تەخمىنەن 3 مىليون 170 مىڭ يۈەنگە يېتىدىكەن.

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تارقالغاندىن بۇيان، ۋۇخەننى قوللاش ئۈچۈن، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى، مەمۇرىي مەھكىمە ۋۇخەندىكى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن پائال ئۇدۇللىشىپ، ۋۇخەن شەھىرىدىكى لېيشېنشەن دوختۇرخانىسى، تەنتەربىيە مەركىزى چاسا بۆلمە دوختۇرخانىسى، توڭجى تيەنيوۋ دوختۇرخانىسىغا تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىئانە قىلىشنى قارار قىلغان.

  2- ئاينىڭ 12- كۈنىدىن باشلاپ، قەشقەر ۋىلايىتى قەشقەر شەھىرى، قاغىلىق ناھىيەسى، پوسكام ناھىيەسى ۋە مەكىت ناھىيەسىدىكى ئالاقىدار كارخانىلارنى سەپەرۋەر قىلىپ، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ بىر تۈركۈم تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقىرىپ ۋۇخەندىكى بىرىنچى سەپكە ئىئانە قىلغان. تۇنجى تۈركۈمدە 15000 يەشىك سۈت، 3516 يەشىك تەييار چۆپ، 2376 يەشىك چىلان، 3570 يەشىك ياڭاق ئەۋەتكەن، بۇلارنىڭ ھەممىسى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېشىل مەھسۇلاتلىرى ئىكەن.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ماددىي ئەشيالارنى ۋۇخەنگە دەل ۋاقتىدا توشۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى بىرىنچى ۋاقىتتا يېشىل يول ئېچىپ، ئادەم كۈچى، ماشىنا ۋە قاچىلاپ توشۇش ئاپتوموبىللىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، ياردەم ماددىي ئەشيالىرىنى تېزلىكتە قەشقەر يۈك مەيدانىنىڭ ئايرىش ئىسكىلاتىغا يىغىشقا ياردەم بەرگەن.

  ماددىي ئەشيالارنىڭ ھەممىسى يېمەكلىك بولغاچقا، قايتا-قايتا بېسىش-چۈشۈرۈش جەريانىدا بۇزۇلۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى قاچىلاش لايىھەسى تۈزۈپ، يېپىلىشى ياخشى بولغان 12 مېتىردىن ئاشىدىغان كونتېينېرغا قاچىلاپ، توشۇش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغان.

  ئىگىلىنىشىچە، قەشقەر ۋىلايىتى ئىئانە قىلغان تۇنجى تۈركۈمدىكى ماددىي ئەشيالار ۋۇخەن ۋۇجياشەن ۋوگزالىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ئىئانىنى قوبۇل قىلىدىغان ئۈچ دوختۇرخانا ئاپتوموبىللارنى تەشكىللەپ، ماددىي ئەشيالارنى ھەرقايسىسى ئۆزلىرىنىڭ زاپاس ساقلاش نۇقتىسىغا توشۇيدىكەن. ئارقىدىن، قەشقەر ۋىلايىتى يەنە 2-تۈركۈمدىكى ياردەم بېرىش ماددىي ئەشيالىرىنى قەشقەر يۈك مەيدانىدىن يولغا سالىدىكەن.

  ياڭاق، سۈت، چىلان، تەييار چۆپ قاتارلىق تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى باسقان ماددىي ئەشيا پويىزى قەشقەر ۋوگزالىدىن ئاستا-ئاستا يولغا چىقىپ، 4500 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ۋۇخەن ۋۇجياشەن ۋوگزالىغا يۈرۈپ كەتتى.

  ئىشچىلار قاچىلاش مەشغۇلاتى قىلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى