تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتىدىكى 66 يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى

     2-ئاينىڭ 17-كۈنىگىچە، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى 66 يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى، پۈتۈن ۋىلايەتتە يېمەكلىك تۈرلىرى بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولۇپ، ۋىلايەت بويىچە ئاممىنىڭ كۈندىلىك ئېھتىياجى ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كاپالەتلەندۈرۈلدى.

  نەندا يېڭى يېزا ئىگىلىكى پاي چەكلىك شىركىتى سۈت مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان چوڭ تىپتىكى كارخانا، شۇنداقلا ئەڭ بۇرۇن ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن كارخانىلارنىڭ بىرى. 2-ئاينىڭ 15-كۈنى قەشقەر ۋىلايەتلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەلىپى بويىچە بۇ شىركەتنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈپ،  نەندا شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ئادەتتە مىكرو ئورگانىزملارنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى ئەڭ قاتتىق تەدبىرلىرىنى بارلىق زاۋۇت رايونلىرىغا كېڭەيتىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. بۇ كارخانىنىڭ مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز يېتەرلىك تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، چاغان مەزگىلىدە نورمال ئىشلەپچىقىرىشنى داۋاملاشتۇردۇق. ئىش ئورنىغا چىققان خىزمەتچىلەرنى تەلەپ بويىچە ئىز قوغلاپ، قاتلاممۇ قاتلام تەكشۈردۇق. ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن بۇيان، كۈندىلىك سۈت مەھسۇلاتىمىز 15 توننىغا يېتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىمىز چاغاندىن ئىلگىرىكىنىڭ % 40 ئەتراپىدا ئەسلىگە كەلدى.

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، قەشقەر ۋىلايەتلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى كۆپ قېتىم ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىدىن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى بويىچە بىرىنچى مەسئۇل كىشىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، خادىملارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش ۋە زاۋۇت ئۆيلىرىنى تازىلاش، دېزىنفېكسىيە قىلىش قاتارلىق تۈزۈملەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىش، يۇقۇم تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى قاتتىق تەلەپ قىلدى.

  ھەر قايسى ناھىيە(شەھەر)لىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىلىرى ھەر ۋاقىت تەۋەلىكىدىكى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ تۇردى، قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن كارخانىلارنى نازارەت قىلىپ تەكشۈردى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى قايتا-قايتا تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خام ئەشيانىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن ياكى ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتنى ساختا يېزىۋالغان قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار بارمۇ-يوق دېگەنلەرگە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ، ھەم يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى، ھەم يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى.

  قەشقەر ۋىلايەتلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ياڭ نەن مۇنداق دېدى: ۋىلايىتىمىزنىڭ يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىۋاتىدۇ. بىر قىسىم يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىمۇ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇۋاتىدۇ. بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، يېمەكلىك بازىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، كارخانىلارنىڭ مۇقىملىقى ۋە خادىملارنىڭ ساغلاملىقىغا ھەققىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى