تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

خوشۇت ناھىيەسى «كۆك-تاق»، «ئاشلىق»نىڭ مىقدارى يېتەرلىك، باھاسى مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى

  بايىنغولىن گېزىتى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلار خې خۇڭلياڭ، جياڭ دۇڭجۈ خەۋىرى): يېقىندا، خوشۇت ناھىيەسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى تەڭ قوللىنىپ «كۆك-تاق»، «ئاشلىق»نىڭ مىقدارى يېتەرلىك، باھاسى مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

    يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، خوشۇت ناھىيەسى بىر قولدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى، يەنە بىر قولدا بازارنى تەمىنلەشنى تۇتتى، بولۇپمۇ ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان «كۆك-تاق»، «ئاشلىق» قاتارلىق مەسىلىلەردە، شۇ كۈنى كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى شۇ كۈنى تەھلىل قىلىپ، شۇ كۈنى ھەل قىلالايدىغان مەسىلىلەرنى شۇ كۈنى چوقۇم ھەل قىلىپ، ھەر قانداق تارماق، ھەر قانداق ۋاقىتتا يېرىم-يارتا ئىش قىلماي، مۇقىم باھادا تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلدى.

  بۇ ناھىيەدە نورمال تىجارەت قىلىۋاتقان 39 يېمەكلىك تىجارىتى دۇكىنى بارلىق تاۋارلارغا بىردەك ئېنىق باھا يازدى. مەھەللە كادىرلىرى، بىنا باشلىقلىرى ۋە پىدائىيلار ئۆيدە كۆزىتىلىۋاتقان ۋە ياشانغان، تېنى ئاجىز، سىرتقا چىقىپ مال سېتىۋېلىشى قولايسىز كىشىلەر بىلەن ھەر كۈنى يان تېلېفون، ئۈندىدار قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ، ئاھالىلەر زاكاز قىلغان مالنى دەرھال ئىشىك ئالدىغا يەتكۈزۈپ بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى