تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدىكى 22 دورا ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى

  شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 2-ئاينىڭ 18-كۈنى خەۋىرى (پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى رېن خۇا، شيې خۇيبيەن، جاڭ يۈنمېي خەۋىرى): يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ دورا ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن ھالدا ئىشلەپچىقىرىشنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بەردى. ھازىرغا قەدەر، ئاپتونوم رايون بويىچە 22 دورا ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، سان - سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلدى ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە كېرەكلىك ماددىي ئەشيالارنى تەمىنلىدى.

  «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە ئالاقىدار دورا ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ ئەھۋالىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ، كارخانىلارغا تەستىقلاشتا يېشىل يول ئېچىپ بېرىش، تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق مۇلازىمەتنى يولغا قويۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى پائال قانات يايدۇرۇپ، دورا ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بەردى.» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى جاڭ يۈشياڭ. ھازىرغا قەدەر، ئاپتونوم رايونلۇق دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تەستىقلاشتا يېشىل يول ئېچىپ بېرىشى بىلەن، تېببىي ماسكا، مۇداپىئە كىيىمى، مۇداپىئە نىقابى ئىشلەپچىقىرىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن كارخانا 11 گە يەتتى.

  2-ئاينىڭ 18-كۈنى، شىنجاڭ يىندولەن ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئىشچىلار ئالدىراش بولۇپ كەتتى. يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، بۇ شىركەت ھەر كۈنى 16 سائەت ئىشلەپچىقىرىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، مۇرەككەپ يىزىخو ئەمىنى جەۋھىرى قاتارلىق دورىلار بىلەن تەمىنلەشكە پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلدى.

  «ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش دورىلىرىنىڭ سان-سۈپىتىگە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن كاپالەتلىك قىلىمىز.» دېدى شىنجاڭ يىندولەن ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى لى جۈن.

  «يۇقۇمغا قارىتا، بىز چاغاننىڭ 2-كۈنىلا ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرىنى رەتلەپ، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ماسلاشتۇق.» 2-ئاينىڭ 18-كۈنى، شىنجاڭ چىكاڭ دورىگەرلىك پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى چېن جىنچېڭ مۇنداق دېدى: «كارخانا ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان ئىشلەپچىقىرىش بازىسىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە ئۈسكۈنىلەرگە قارىتا ئۈچ ئىسمېنا ئالمىشىپ ئىشلەش خىزمەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن زاپاس مال تەييارلاپ، زۇكام جەۋھىرى، زۇپا جەۋھىرى، شىپايى غار-غار سۈيى، ئوسما يىلتىزى جەۋھىرى قاتارلىق دورىلارنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئاغرىقنىڭ قولىغا يەتكۈزۈپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىمىز.»

  «بىز چاغاننىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئۈسكۈنىلەرنى تەڭشەپ، چاغاننىڭ 7-كۈنى رەسمىي ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۇق، ھەربىر ھالقىدا مىنۇت-سېكۇنتنىمۇ قولدىن بەرمەي، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ زۇكام جەۋھىرى قاتارلىق دورىلارنى جىددىي ئىشلەپچىقاردۇق.» شىنجاڭ ئۇيغۇر دورىگەرلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى يىن چياڭ مۇنداق دېدى: «شىركەت زاۋۇت رايونىنى قەرەللىك دېزىنفېكسىيە قىلىپ، ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى.»

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى