تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلمىي بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى بىخەتەر، تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك

چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى شەھىرىدە كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلمىي بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى بىخەتەر، تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك

2 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى شەھىرىدە كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى جولاڭ شىنجاڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا چەكلىك شىركىتىدە، چېن چۈەنگو تەشەببۇسكارلىق بىلەن بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەشنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا كىرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئىش ئورنىغا چىقىش، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ئىگىلىدى.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى شەھىرىدە كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى بىخەتەر، تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇش، ئىككىلىسىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت قوش غەلىبىنى جاسارەت بىلەن تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان جولاڭ شىنجاڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا چەكلىك شىركىتى ئىش ئورنىغا قايتقان ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىش ئاساسىدا، ئىشلەپچىقىرىشنى رەسمىي ئەسلىگە كەلتۈردى. شىركەت ھەر كۈنى زاۋۇت رايونى، تۇرمۇش رايونىنى تۆت قېتىم دېزىنفېكسىيە قىلدى ھەم ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى ماسكا، مۇداپىئە كىيىمى، كۆز ئاسراش ئەينىكى قاتارلىق مۇداپىئە جابدۇقلىرى بىلەن تەمىنلىدى، غىزالىنىشتا ئۇچراشتۇرماي ئايرىپ غىزالاندۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويدى. چېن چۈەنگو تەشەببۇسكارلىق بىلەن بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەشنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا كىرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئىش ئورنىغا چىقىش، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ئىگىلىدى. ئۇ كارخانا مەسئۇلىغا تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ مۇداپىئەلىنىش، ساغلاملىقىنى كۆزىتىش - ئۆلچەش، مۇھىتنى دېزىنفېكسىيە قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلمىي، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەشنى تاپىلىدى.

چېن چۈەنگو تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قىلچە بوشاشماي يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ تەكشى، مۇقىم ئايلىنىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ساقلاش كېرەك. تۈرلەر بويىچە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، شارائىتقا ئاساسەن، كەسىپكە ئاساسەن، كارخانىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن تەدبىر يۈرگۈزۈپ، رايون بويىچە، ساھەلەر بويىچە، ۋاقىت بۆلىكى بويىچە بىخەتەر، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى چىڭىتىش كېرەك، مەسئۇل ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە مەسئۇل قىلىپ، ئىش ئورنىغا قايتقان خىزمەتچىلەرنىڭ ساغلاملىقىنى كۆزىتىش - ئۆلچەشنى ئومۇميۈزلۈك ئىنچىكە ياخشى ئىشلەپ، خىزمەتچىلەرنىڭ شەخسىي مۇداپىئەلىنىشىنى كۈچەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش قىلىش، ياتاق مەيدان - سورۇنلىرىنىڭ تازىلىقىنى تۈزەش، دېزىنفېكسىيەلەش - ھاۋا ئالماشتۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش تەييارلىق لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانىدا تارقىلىشى، يامرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. سىياسەت جەھەتتىن يۆلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك، تۈرلۈك باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى پەرقلىق ئېتىبار بېرىش پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا يېتەكلەپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، كارخانىلارنىڭ بولۇپمۇ ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش كېرەك. ئەمەلىي قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش كېرەك، كارخانىلار ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش داۋامىدا دۇچ كەلگەن خىزمەتچىلەر ئىش ئورنىغا قايتىش، خام ماتېرىيال تەمىناتى، بازاردا سېتىش، مەبلەغ ئوبوروتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى قىيىنچىلىق، مەسىلىلەرنى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا ھەل قىلىپ، كارخانىلارنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ياردەم بېرىش كېرەك. مۇھىم ئامىل كاپالىتىنى كۈچەيتىش كېرەك، كۆمۈر، توك، ماي، گاز، توشۇش، تەمىنلەش، ئېھتىياجنى جىپسىلاشتۇرۇشنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەمىناتقا كاپالەتلىك قىلىپ، كارخانىلارنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىشىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك. مۇلازىمەت ئېڭىنى كۈچەيتىش كېرەك، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ۋە ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئىستىلنى ياخشىلاپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئالدىغا ئۆتۈپ مۇلازىمەت قىلىپ، ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىش، جىددىي ئىشنى جىددىي بېجىرىشتە چىڭ تۇرۇپ، يېشىل يول ئېچىپ، خىزمەت تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈشى، سىجىل ساغلام تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شۈ خەيرۇڭ بىللە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.