تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى «ئۇقتۇرۇش» تارقاتتى

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، ھەرقايسى جايلاردىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ھازىرقى ئەڭ مۇھىم خىزمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە، ئومۇميۈزلۈك تاماملاشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىن ئىبارەت قوش غەلىبىنى جاسارەت بىلەن قولغا كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بۇ يىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىدىغان يىل، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جەزمەن تاماملايدىغان قاتتىق ۋەزىپە، يەنە نۇرغۇن قاتتىق جەڭنى قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ھازىر، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى ئەڭ كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق باسقۇچقا كەلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى ھەل قىلغۇچ جەڭدە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە كىردى، بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاساسىدا، يۇقۇمنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئىز قوغلاپ تەھلىل قىلىپ، ھۆكۈم قىلىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىنى يەنىمۇ ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى «قىش پەسىللىك ھۇجۇم»نى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خىزمەت ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئاساسلىق يېزا ئىگىلىكى ئەشيالىرىنى تەڭشەپ يۆتكەش، زاپاس ساقلاش ۋە تەمىنلەش سالمىقىنى كۈچەيتىپ، كۆپ خىل شەكىللەرنى جانلىق قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە يېزا ئىگىلىكى ئەشيالىرى تەمىناتىنىڭ يېتەرلىك، سۈپىتىنىڭ ئىشەنچلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشى ۋە كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پايدىلىق پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، نامرات ئاھالىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ «ئالاقە تورى+» دىن پايدىلىنىپ سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق قەرز پۇل سىياسىتىنىڭ مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، قەرەلى توشقان بولسىمۇ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ قەرزنى ۋاقتىدا قايتۇرالمىغانلارنىڭ قەرز قايتۇرۇش مۇددىتىنى مۇۋاپىق ئۇزارتىش كېرەك؛ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇش شەرتى ئاستىدا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تۈرىدە ئىش باشلاش، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، توردا بىرلىشىپ تەكشۈرۈش، بىرلىشىپ تەستىقلاش، توردا مۇتەخەسسىسلەر باھالاش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىشتا يېڭىلىق يارىتىپ، تۈرلەرنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سەۋەبىدىن تۇرمۇشى قىيىنچىلىقتا قالغان نامرات ئاممىنى ۋاقتىدا قۇتقۇزۇپ، ياردەم بېرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە نامرات ئاممىنىڭ داۋالىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، نامرات ئاممىنىڭ ئاغرىپ قالسا ۋاقتىدا داۋالىنالايدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇش بىلەن بىللە، بۇ يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئەڭ ئاخىرقى قورغانغا ھۇجۇم قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭنى نازارەت قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھالدا چۈشۈپ قالغانلىرىنى ئېنىقلاپ، كەم قالغانلىرىنى تولۇقلاپ، نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەش - ئۆستۈرۈش، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، ئالدىن سىگنال بېرىش، باشقا جايغا كۆچۈرگەندىن كېيىنكى ياردەم بېرىش - يۆلەش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، ئىستىلنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى