تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان بىرىنچى سەپتىكى تېببىي خادىملارغا ئېھتىرام بىلدۈرەيلى

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

تېخنىكىسى كامالەتكە يەتكەن دوختۇرلار ئالىيجاناب پەزىلىتى بىلەن چەكسىز مېھىر - مۇھەببىتىنى يەتكۈزمەكتە. تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ تېببىي خىزمەتچىلەر ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىگە ئاتلىنىپ، ۋاقىت بىلەن بەسلىشىپ، كېسەللىك بىلەن كۈچ سىنىشىپ، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، كېچە - كۈندۈز جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، پارتىيەگە، خەلققە يۈكسەك مەسئۇل بولىدىغان روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلدى. بىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان تېببىي خادىملارغا ئەڭ ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمىز!

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغداشتىكى بىر مەيدان كەسكىن كۈرەش، كەڭ تېببىي خىزمەتچىلەر جەڭ مەيدانىدىكى مۇستەھكەم تۈۋرۈك. باش شۇجى شى جىنپىڭ بىرىنچى سەپتە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان تېببىي خىزمەتچىلەرنىڭ مېھرىبان، ئالىيجاناب روھىنى يۈكسەك تەرىپلەپ، ئۇلارنىڭ غايەت زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكى، مۇھىم، زور تۆھپىلەرنى قوشقانلىقىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، كەڭ تېببىي خادىملارنىڭ بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ، ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىشىغا ئىلھام بەردى ۋە رىغبەتلەندۈردى.

يۇقۇم − بۇيرۇق، ئاق خالات − جەڭ كىيىمى، دوختۇر سېسترالار − جەڭچى. ۋىرۇس ھە دەپ يامراۋاتقان يۇقۇم ئالدىدا، كەڭ تېببىي خىزمەتچىلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، قانچە جاپالىق بولغانسېرى شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلەشتەك قورقماس روھنى جارى قىلدۇرۇپ، بۇيرۇقنى ئاڭلىغان ھامان ھەرىكەتكە كېلىپ، قۇربان بېرىشتىن قورقماي، ئاۋۋال ئاتاكىغا ئۆتۈپ، ئۇدا جاسارەت بىلەن جەڭ قىلدى. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن 200 دىن ئارتۇق داۋالاش ئەترىتى، 25 مىڭدىن ئارتۇق تېببىي خادىم خۇبېيغا تېزدىن بېرىپ ياردەم بەردى، ئارمىيەدىكى 1400 تېببىي خادىم ۋۇخەن خوشېنشەن دوختۇرخانىسىدا جاسارەت بىلەن جەڭ قىلدى. بەزى تېببىي خادىملار بەختكە قارشى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملاندى، بەزىلىرى ھەتتا ھاياتىنى تەقدىم قىلدى. دوختۇرخانا قۇتقۇزۇش - داۋالاش بىرىنچى سېپىدىن پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئالدىنقى سېپىگىچە، دىياگنوز قويۇش - داۋالاش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئاغرىقلارنى كۆڭۈل قويۇپ قۇتقۇزۇش - داۋالاشتىن، ساقىيىش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز ئۆرلەش، كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈش نىسبىتى داۋاملىق تۆۋەنلەشكىچە، ھەرقايسى جايلاردىن ئاغرىقلارنىڭ ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلىقىدەك خۇشخەۋەرلەر ئۈزلۈكسىز تارقالدى. بۇ ئىس - تۈتەكسىز جەڭدە، كەڭ تېببىي خادىملار ئالاھىدە جاپاغا چىداپ، ئالاھىدە جەڭ قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن ھاياتلىق مۇداپىئە لىنىيەسىنى قۇردى، كەسپىي جەھەتتە تىرەك بولدى. ھازىر، يۇقۇم ۋەزىيىتىدە ئىجابىي ئۆزگىرىش بارلىققا كېلىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدە پائال نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇنىڭدا كەڭ تېببىي خادىملارنىڭ تۆھپىسى زور! بىز تېببىي خادىملارغا ئېھتىرام بىلدۈرىمىز، ئۇلارنىڭ پارتىيە، خەلققە يۈكسەك مەسئۇل بولۇشتەك ئالىيجاناب روھىغا ئېھتىرام بىلدۈرىمىز، ئۇلارنىڭ باشتىن - ئاخىر خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتەك قەتئىي ئېتىقادىغا ئېھتىرام بىلدۈرىمىز.

مەرد مەيداندا سىنىلار، ھەقىقىي ئالتۇن كۈچلۈك ئوتتا سىنىلار. بىرىنچى سەپتە تۇرۇۋاتقان ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەر قەيسەر ئىرادىسى، پەزىلىتىنى نامايان قىلىپ، قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچىنى نامايان قىلىپ، ئاغرىقلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە ئۈمىد ئېلىپ كەلدى، مىليونلىغان خەلقنى تەسىرلەندۈردى. 84 ياشقا كىرگەن جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى جۇڭ نەنشەن جاپا - مۇشەققەتتىن باش تارتماي، خەۋپ - خەتەردىن قورقماي، بىرىنچى ۋاقىتتا ۋۇخەنگە باردى؛ جەنۇب تېببىي داشۆسى جەنۇب دوختۇرخانىسى داۋالاش ئەترىتى تەشەببۇسكارلىق بىلەن جەڭگە ئاتلىنىشنى تەلەپ قىلىپ، «ئەگەر جەڭ بولسا، چاقىرغان ھامان كېلىمىز، جەڭدە چوقۇم غەلىبە قىلىمىز!» دەپ قەسەم قىلدى؛ خەلقنىڭ پەرزەنت قوشۇنىدىكى خىللانغان ئەسكەرلەر جەڭگە ئاتلىنىپ، «پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى خاتىرجەم قىلىمىز» دېگەن جاراڭلىق ۋەدىنى بەردى؛ ۋۇخەن جىنيىنتەن دوختۇرخانىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، دوختۇرخانا باشلىقى جاڭ دىڭيۈ مۇسكۇل يان خوردىسى قېتىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولسىمۇ يەنىلا ئەڭ ئالدىنقى سەپتە جەڭ قىلدى؛ ۋۇخەن جياڭشيا رايونى جىنكۇ شىپاخانىسىنىڭ فەنخۇ شۆبىسىدىكى «95 - يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان» ئايال دوختۇر گەن رۇيى ۋېلىسىپىت مىنىپ تۆت كۈندۈز ئۈچ كېچە يول يۈرۈپ، يۇقۇمغا قارشى جەڭنىڭ بىرىنچى سېپىگە يېتىپ كەلدى... كەڭ تېببىي خادىملار ئېغىر يۈكنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا بېسىپ، كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ، كېسەللىك بىلەن باتۇرلارچە ئېلىشتى، ئۇلار يېڭى دەۋردىكى ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەر. بىز تېببىي خادىملارغا ئېھتىرام بىلدۈرىمىز، ئۇلارنىڭ «ھاياتلىقنى قەدىرلەيدىغان، ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىدىغان، ئۆزىنى بېغىشلايدىغان، چەكسىز مۇھەببىتىنى ئايىمايدىغان» كەسىپ روھىغا ئېھتىرام بىلدۈرىمىز، ئۇلارنىڭ «خەۋپ - خەتەردىن قورقماي، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ھاياتىدىن كېچىپ باشقىلارنى قۇتقۇزۇش»تەك مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشىغا ئېھتىرام بىلدۈرىمىز.

ئەڭ ياخشى ئېھتىرام بىلدۈرۈش تېببىي خادىملارغا كۆڭۈل بۆلۈش، غەمخورلۇق قىلىشتەك ئەمەلىي ھەرىكەت. كەڭ تېببىي خادىملار ئۇدا جاسارەت بىلەن جەڭ قىلدى، ئىنتايىن جاپا تارتتى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ئەمەلىي، سەمىمىي تەدبىر قوللىنىپ، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقى ۋە مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، غەم - ئەندىشىسىنى تۈگىتىشى كېرەك. تۇرمۇش كاپالىتىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەت ۋە دەم ئېلىش شارائىتىنى ياخشىلاپ، تېببىي خادىملارنى نۆۋەت بىلەن دەم ئېلىشقا مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئالاقىدار تەمىناتلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياخشى ئارقا سەپ مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. بىخەتەرلىك كاپالىتىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، داۋالاش، مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرىدا ئالدى بىلەن بىرىنچى سەپتىكى تېببىي خادىملارنىڭ ۋە ئاغرىقلارنىڭ قۇتقۇزۇش - داۋالاش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، تېببىي خادىملارنى زوراۋانلىق بىلەن زەخىملەندۈرىدىغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا زەربە بېرىش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. ئادىمىيەت غەمخورلۇقىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پىسخىكىلىق كىرىزىسكە تەسىر كۆرسىتىش ۋە پىسخىكىلىق يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، تېببىي خادىملارنىڭ جىسمانىي، روھىي جەھەتتىكى ساغلاملىقىنى ياخشى قوغداش كېرەك. پۈتۈن جەمئىيەت تېببىي خادىملارغا كۆڭۈل بۆلۈشى، ئاسرىشى كېرەك، تېببىي خادىملار بىرىنچى سەپتە كۈرەش قىلىۋاتىدۇ، بىز ئۇلار بىلەن بىللە تۇرۇپ، بىللە ئويلاپ، ئۇلارنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئارقا تىرىكىگە ئايلىنىشىمىز كېرەك.

ھازىر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئەڭ كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق باسقۇچقا كېلىپ، تىركىشىش ھالىتىدە تۇرۇۋاتىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كۈچلۈك رەھبەرلىك قىلىۋاتقان بولغاچقا، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىۋاتقان بولغاچقا، مىليونلىغان خەلق جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇۋاتقان بولغاچقا، كەڭ تېببىي خادىملار پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىۋاتقان بولغاچقا، بىز چوقۇم بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز!

(2 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىكى «خەلق گېزىتى»گە بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى