تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت قوش غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش كەسكىن جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايون سىن يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 12-قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەتقىق قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت قوش غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش كەسكىن جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، ئاپتونوم رايون يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى سىن يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 12 - قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھەم يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش، ھەم يۇقۇمنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ، بۇ يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش − يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىزگە تاپشۇرغان مۇھىم، زور ۋەزىپە، بىر قېتىملىق چوڭ جەڭ، چوڭ سىناق، شۇنداقلا ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى، ھۆكۈمەتلەر ۋە ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيىتى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار، ھەرقايسى تارماقلار «تۆت ئاڭ»نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى باشتىن - ئاخىر بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، قانچە جاپالىق، خەتەرلىك بولغانسېرى شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش روھى بىلەن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت قوش غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش كەسكىن جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ۋە «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

بىرىنچىدىن، چوڭ جەڭ، چوڭ سىناققا دۇچ كەلگەنلىكىمىزنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك. ھازىر، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئەڭ كۈچەيدىغان ھالقىلىق باسقۇچتا تۇرۇۋاتىدۇ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا ۋەزىپە مۈشكۈل، ئېغىر. تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، مەسىلە يۆنىلىشى، نىشان يۆنىلىشى، نەتىجە يۆنىلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك، قىيىنچىلىقتىن قورقۇپ بوشاڭلىق قىلىشقا بولمايدۇ، قارىغۇلارچە ئۈمىدۋار بولۇپ كېتىشكە تېخىمۇ بولمايدۇ، ھەقىقىي تۈردە قىيىنچىلىقلارنى يەنىمۇ تولۇقراق مۆلچەرلەپ، مەسىلىلەرنى يەنىمۇ چوڭقۇرراق ئويلىشىپ، تەدبىرلەرنى يەنىمۇ ئەتراپلىقراق تۈزۈپ، يېتەرسىزلىكلەرنى كۈچەپ تولۇقلاش، يوچۇقلارنى ئېتىش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشكە كۈچەپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى قىلچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى تەڭشەشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك.

ئىككىنچىدىن، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش روھى بىلەن چوڭ جەڭ، چوڭ سىناققا يۈزلىنىشىمىز كېرەك. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار ئېغىر يۈكنى بىلىپ تۇرۇپ زىممىگە ئېلىش، قىيىن ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىلگىرىلەش، سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش جاسارىتى، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش پاراسىتى، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىش پىلانى، تەشكىللەپ يولغا قويۇش ئىقتىدارى بىلەن، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چوڭ جەڭدە ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، چوڭ سىناقتا لاياقەتلىك جاۋاب قەغىزىنى تاپشۇرۇشى كېرەك؛ كەڭ تېببىي خىزمەتچىلەر بىرىنچى سەپنى چىڭ ساقلاپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، باتۇرلارچە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە جەڭ مەيدانىدىكى مۇستەھكەم تۈۋرۈكلۈك رولىنى ھەقىقىي ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ئاغرىقلارنى ياخشى قۇتقۇزۇشى، ياخشى داۋالىشى كېرەك؛ ھەر مىللەت ئامما بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، كۆپچىلىك بىر نىيەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

ئۈچىنچىدىن، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، چوڭ جەڭ، چوڭ سىناققا يۈزلىنىشىمىز كېرەك. قىلچە تەۋرەنمەي يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى چىڭ، ئەمەلىي، ئىنچىكە تۇتۇپ، ئىلمىي، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ھالقىنى چىڭ تۇتۇپ، مەھەللە ۋە يېزىلارنى دائىرىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شىنجاڭغا كەلگەن، شىنجاڭغا قايتقان كىشىلەرنى تولۇق تەكشۈرۈش ۋە سالامەتلىكىنى كۆزىتىپ ئۆلچەشنى ياخشى ئىشلەپ، گۇمانىي كىشىلەر، قىزىپ قالغان كىشىلەر، قويۇق ئۇچراشقان كىشىلەرگە قارىتا ئايرىۋېتىش، قالدۇرۇپ كۆزىتىش، تەكشۈرۈش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاتناش قوراللىرى، مەيدان - بېكەتلەرنى دېزىنفېكسىيەلەش، ھاۋا ئالماشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇم مەنبەسىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەپ، تارقىلىش يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلاش كېرەك؛ بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر ئايرىۋېتىش، بالدۇر داۋالاشتا چىڭ تۇرۇپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپى، نۇقتىلىق رايونلارغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ھەل قىلغۇچ قەدەمنى ياخشى تاشلاپ، تەشەببۇسكارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىش كېرەك؛ ئاغرىقلارنى مەركەزلەشتۈرۈش، مۇتەخەسسىسلەرنى مەركەزلەشتۈرۈش، بايلىقنى مەركەزلەشتۈرۈش، قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى مەركەزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەۋزەل بايلىق كۈچىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دىياگنوز قويۇش - داۋالاش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سەرخىللاشتۇرۇپ، جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ داۋالاپ ساقايتىش نىسبىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك؛ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئاممىۋى سەھىيە ئىشلىرىنىڭ قانۇنچىللىق كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسى ۋە مۇھىم، زور يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، قۇتقۇزۇش - داۋالاش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاش سۇغۇرتىسى ۋە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، بىرلىككە كەلگەن جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرىنى كاپالەتلەندۈرۈش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك؛ داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى ۋە تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «ئاشلىق» «كۆك - تاق» مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ خاتىرجەم، تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

تۆتىنچىدىن، ئىلمىي بىرتۇتاش پىلانلاپ، چوڭ جەڭ، چوڭ سىناققا يۈزلىنىشىمىز كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى تۇتۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىدىن ئىبارەت ئۈچنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشقا چېتىلىدىغان نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇش كېرەك. يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى تۈگىتىدىغان تۈرلۈك سىياسەت - تەدبىرلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تۈرلەر بويىچە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئەتراپلىق، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ، بولۇپمۇ پۇقراۋى كارخانىلار ۋە ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى پائال كېڭەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى زور كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم يۈرۈشۈشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش كېرەك.

بەشىنچىدىن، ئېسىل ئىستىل بىلەن چوڭ جەڭ، چوڭ سىناققا يۈزلىنىشىمىز كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، پەۋقۇلئاددە مەزگىلدە پەۋقۇلئاددە مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، پەۋقۇلئاددە ماھارەتنى ئىشقا سېلىپ، پەۋقۇلئاددە نەتىجە يارىتشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بەرداشلىق بېرىپ، جان پىدالىق كۆرسىتىپ، ئىشەنچلىك بولۇپ، تىرىشىپ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ سىردىشى ۋە تايانچى بولۇشى كېرەك؛ شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي توسۇپ ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈش سالمىقىنى كۈچەيتىپ، ياخشى يۆنىلىش ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، پولاتتەك ئىنتىزام ئارقىلىق پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە چوڭ جەڭ، چوڭ سىناقتا ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇشنى ياخشى گەۋدىلەندۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىدىن ئىبارەت قوش غەلىبىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، ليۇ ۋەنلۇڭ، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ۋاڭ جۈنجېڭ، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.