تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز شېن زۇشياۋ خەۋىرى): 2-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭ تولۇق 3-يىللىقنىڭ توردا «مەخسۇس ئوقۇتۇش» دەرسلىكىنى يولغا قويىدۇ.
2-ئاينىڭ 17-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ مائارىپ پەنلەر تەتقىقات يۇرتىدىن ئىگىلىشىچە، تولۇق 3-يىللىقنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئوقۇتۇشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، شىنجاڭ مائارىپ پەنلەر تەتقىقات يۇرتى، شىنجاڭ مائارىپ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى تولۇق 3-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىغا توردا «مەخسۇس ئوقۇتۇش» بويىچە ئۆيدە ئۆگىنىش دەرسلىكىنى يولغا قويىدىكەن.
شۇ چاغدا، تولۇق 3-يىللىق مەخسۇس ئوقۇتۇش دەرسلىكى شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 10 دىن چۈشتىن كېيىن سائەت 6 گىچە شىنجاڭ مائارىپ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا كۆرسىتىلىدۇ (تەپسىلاتىنى كېيىن قوشۇمچە دەرس جەدۋىلىدىن كۆرۈڭ)، شىنجاڭ ئاساس مائارىپ بايلىقى ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسى (http://edu.xjcxedu.com)، شىنجاڭ مائارىپ پەنلەر تەتقىقات يۇرتىنىڭ تور بېكىتى (http://jky.xj.edu.cn)دە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار ماس قەدەمدە يوللىنىدىغان بولۇپ، تولۇق 3-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپتە رەسمىي ئوقۇش باشلىغاندا ئاخىرلىشىدۇ، كونكرېت ۋاقتى ئايرىم ئېلان قىلىنىدۇ.
شىنجاڭ مائارىپ پەنلەر تەتقىقات يۇرتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «مەخسۇس ئوقۇتۇش» دەرسلىكىنى ئاپتونوم رايون تۈرلۈك بايلىقلارنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئۈلگىلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە باشقا قىسمەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى داڭلىق ئوقۇتقۇچىلار بايلىقىغا تايىنىپ، تولۇق 3-يىللىق مەخسۇس ئوقۇتۇش مۇتەخەسسىسلەر ئەترىتى قۇرۇپ، تولۇق 3-يىللىقنىڭ ئوقۇتۇش ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بويىچە، ئۆگىنىش ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، مەخسۇس لېكسىيە شەكلىنى ئاساس قىلىپ، قاراتمىلىقى بولغان ھالدا دۆلەت ئىچىدىكى ئەلا سۈپەتلىك تولۇق 3-يىللىق مەخسۇس تېمىلىق توردا ئوقۇتۇش مەزمۇنىنى سۈرەتكە ئېلىپ ۋە تاللاپ، ئاپتونوم رايون بويىچە تولۇق 3-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا تاللاپ ئۆگىنىشى ئۈچۈن تەمىنلەيدۇ.