تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

چوڭ جەڭدە ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، چوڭ سىناقتا لاياقەتلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرايلى

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى ياخشى ئىشلەش، ھەم بىر قېتىملىق چوڭ جەڭ، ھەم بىر قېتىملىق چوڭ سىناق.

2 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ھازىرقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇم ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى تەتقىق قىلدى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى، ھۆكۈمەتلەر ۋە ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، سىناققا بەرداشلىق بېرىپ، ھەم مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش جاسارىتى، ھەم ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش پاراسىتى، ھەم بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىش تەدبىرى، ھەم تەشكىللەپ يولغا قويۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلاپ، ھەقىقىي تۈردە خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، چوڭ جەڭدە ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، چوڭ سىناقتا لاياقەتلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

ھازىرقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن - ساغلاملىقىنى قوغداشتىكى بىر مەيدان كەسكىن كۈرەش، بىز جەزمەن يۇقۇم ئۈستىدىن تەلتۆكۈس غەلىبە قىلىپ، بۇ مەيدان كۈرەشنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن يۇقۇم مۇقەررەركى، بۇ يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قىيىنچىلىق ۋە خىرىس ئېلىپ كېلىدۇ، بىز جەزمەن يۇقۇم كەلتۈرۈپ چىقارغان تەسىرنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنى جاسارەت بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. ھازىر، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە بۇ يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت قوش غەلىبىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان مۇھىم، زور ۋەزىپە، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى، ھۆكۈمەتلەر ۋە ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مۇھىم، زور مەسئۇلىيىتى. بۇ قېتىمقى چوڭ جەڭ ۋە چوڭ سىناقتا مەسئۇلىيەتچانلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خىزمەتنى پۇختا ئىشلەپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، لاياقەتلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرغاندىلا، ئاندىن پارتىيە ۋە خەلققە يۈز كېلەلەيمىز.

بۇ، بىر قېتىملىق چوڭ جەڭ، بىزنىڭ ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يۇقۇم ئۈستىدىن قەتئىي غەلىبە قىلىش مەسئۇلىيىتىگە ئايلاندۇرغانلىقىمىزنى سىنايدۇ، بىز جەزمەن مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، قەتئىي غەلىبە قىلىشىمىز كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن - ساغلاملىقىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. چوڭ جەڭدە ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئاتلىنىشنى ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنىڭ سىنتېشى ۋە بىلىيى قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىسىنى سىناپ ۋە كېڭەيتىپ، قانچە جاپالىق بولغانسېرى شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش روھى ئارقىلىق ئېغىر يۈكنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش جاسارىتى ۋە ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش پاراسىتى ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئىنچىكە تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، زېھنىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، دىققەتنى يىغىپ، ھەربىر تۈرلۈك خىزمەتنى، ھەربىر ھالقىنى جايىدا قىلىپ، يۇقۇم كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئازايتىپ، ئاممىنى كەڭ دائىرىدە قوزغاپ ۋە ئۇنىڭغا تايىنىپ، بۇ مەيدان خەلق ئۇرۇشىدا قەتئىي غەلىبە قىلىشىمىز كېرەك.

بۇ، بىر قېتىملىق چوڭ سىناق، بىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش ئىقتىدارىمىزنى سىنايدۇ، بىز جەزمەن سىناققا بەرداشلىق بېرىپ، ئىمتىھاننى قەتئىي ياخشى بېرىشىمىز كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ياخشى تۇتۇش بىلەن بىللە، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ تەكشى، مۇقىم ئايلىنىشىنى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ تاماملىشىمىز كېرەك. بۇ ئىمتىھان قەغىزى ئالدىدا، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى، ھۆكۈمەتلەر ۋە ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار جاۋاب بەرگۈچى، خەلق ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرگۈچى. چوڭ سىناقتا لاياقەتلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇشتا، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىش تەدبىرى ۋە تەشكىللەپ يولغا قويۇش ئىقتىدارى ئارقىلىق ھەقىقىي تۈردە تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ئىنچىكە، ئەمەلىي تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى تۇتۇشىمىز كېرەك، بولۇپمۇ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشقا چېتىشلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ياخشى تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى تۈرلۈك سىياسەت - تەدبىرلەردىن تولۇق ياخشى پايدىلىنىپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشان - ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

تارىخنى ئەسلىسەك، پارتىيەمىز دۆلەت ئىچكى ئەنسىزلىك، تاشقى پاراكەندىچىلىككە دۇچ كەلگەن پەيتتە دۇنياغا كەلگەن، جاپا - مۇشەققەت ۋە ئوڭۇشسىزلىق ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن، خەۋپ - خەتەر، خىرىسنى يېڭىش داۋامىدا زورايغان. كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىش، غەلىبە قىلىشقا جۈرئەت قىلىش جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ روشەن سىياسىي پەزىلىتى، شۇنداقلا بىزنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكىمىز. بۇ قېتىمقى چوڭ جەڭ ۋە چوڭ سىناق ئالدىدا، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، چوڭ جەڭدە ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، چوڭ سىناقتا لاياقەتلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرساقلا، بىز چوقۇم يۇقۇم ئۈستىدىن تەلتۆكۈس غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز!

(2 - ئاينىڭ 16 - كۈنىدىكى «خەلق گېزىتى»گە بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى