تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدىكى كۆپلىگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرى «توردا دىياگنوز قويۇپ»، ئۆيىدە تۇرۇۋاتقانلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلىشىگە ياردەم بەردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 2 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر فەن يىڭ) يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ يېنىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن ئاغرىقلارنىڭ كېسەل كۆرسىتىشىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، شىنجاڭدىكى كۆپلىگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرى «ئالاقە تورىدا دىياگنوز قويۇش» مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىدىن گىرەلەشمە يۇقۇملىنىش خەۋپ - خەتىرىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تۆۋەنلەتتى.

يېقىندا، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانا ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى «ئالاقە تورىدا دىياگنوز قويۇش» مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويدى. ئاغرىقلار كېسەللىك ئەھۋالىنى تەسۋىرلەش ئۇچۇرىنى يوللىغاندىن كېيىن، ئالاقىدار بۆلۈملەرنىڭ دوختۇرلىرى 24 سائەت ئىچىدە قوبۇل قىلىدۇ، ئاغرىقلار توردا دوختۇرغا ھەقسىز كېسەل كۆرسىتىپ، بىۋاسىتە مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ.

يېقىندا كۈيتۈن شەھىرى ئاھالىسى دۇڭ خۇيخۇينىڭ بوۋىقى يۆتىلىپ، پوتلىسى توختىماي ئاققان، ئۇ بالىسىنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىشنى ئويلىسىمۇ، ئەمما گىرەلەشمە يۇقۇملىنىشتىن ئەنسىرىدى. ئۇ قانداق قىلىشىنى بىلەلمەي مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ ئالاقىلىشىش توپىغا ياردەم ئۇچۇرى يوللىدى، ناھايىتى تېزلا دوختۇرلار ئۇنىڭدىن بالىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى ۋە كەسپىي مەسلىھەت بەردى.

نەچچە كۈندىن بۇيان، كۈيتۈن شەھىرىدىكى كۆپلىگەن مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركەزلىرى ئارقا - ئارقىدىن «يان تېلېفون دوختۇرى» ئۈندىدار توپى قۇردى. ھازىرغىچە ھامىلىدار ئاياللار، تۇغۇتلۇق ئاياللار، بوۋىقى، كىچىك بالىسى بار ئاتا - ئانىلار ۋە سوزۇلما كېسەللىك ئاغرىقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 15 پىكىر ئالماشتۇرۇش توپى قۇرۇلدى، ھەرقايسى مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركەزلىرىدىكى دوختۇرلار توپتا تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەرنى ياردەم ۋە دىياگنوز قويۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.

شىنجاڭدىكى كۆپلىگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرى مۇنداق بىلدۈردى: توردا دىياگنوز قويۇشنى قانات يايدۇرۇش، ئاغرىقلارغا دەسلەپكى قەدەمدە دىياگنوز قويۇپ، ئاغرىقلارنىڭ دوختۇرخانىغا بېرىپ - كېلىش قېتىم سانىنى ئازايتىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلىشىگە ياردەم بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى