تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

شىنجاڭدىكى ھەر قايسى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ھەر كۈنى جەزمەن تورغا چىقىشنى مەجبۇرىي تەلەپ قىلسا بولمايدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز شېن زۇشياۋ خەۋىرى) 2-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر توردا دەرس باشلىدى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ھەر قايسى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ھەر كۈنى جەزمەن تورغا چىقىشنى مەجبۇرىي تەلەپ قىلسا بولمايدۇ.

  2-ئاينىڭ 16-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايون مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: ھەرقايسى جايلار، ھەر قايسى مەكتەپلەر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تۆۋەن يىللىقىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ توردا دەرس ئاڭلىشىغا بىر تۇتاش قاتتىق تەلەپ قويماسلىقى، ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ئىختىيارى قىلغان ئاساستا تاللىشى، باشقا ئوقۇش باسقۇچىمۇ چەكلىك ۋاقىت ۋە چەكلىك مىقداردا بولۇشى، توردىكى ئۆگىنىش ۋاقتىنى قاتتىق كونترول قىلىشى، ئوقۇغۇچىلاردىن ھەر كۈنى جەزمە تورغا چىقىش، توردىن ئۆگىنىش سىنى ئەۋەتىش قاتارلىقلارنى مەجبۇرىي تەلەپ قىلماسلىقى، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ يۈكىنى ئورۇنسىز ئاشۇرۇۋەتمەسلىكى كېرەك. ئوقۇش باشلانغاندىن كېيىن، ھەر قايسى مەكتەپلەر، بولۇپمۇ يېزا-بازارلاردىكى مەكتەپلەر پرىنسىپ جەھەتتە ئوقۇتۇشنى نۆلدىن باشلايدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: توردا ئوقۇتۇش ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، جايلار ھەر قايسى مەكتەپلەرنىڭ ئۇچۇر تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىش ئەھۋالىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىگىلىشى، تەجرىبە-نەتىجىلەرنى يەكۈنلەپ ۋە ئۇنىڭدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، مائارىپ تېلېۋىزىيەسى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشى كېرەك. ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، ناھىيە، شەھەرلەر بۇ خىزمەتكە مەخسۇس مەسئۇل كىشى ئورۇنلاشتۇرۇشى ھەمدە مائارىپ نازارىتى بىلەن ۋاقتىدا ئالاقىلىشىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇشى كېرەك.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەرقايسى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنى مەشغۇلات ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشقا، ئاڭلىق ھالدا ۋاقتىدا ئورنىدىن تۇرۇش، ئۇخلاش ۋە تاماق يېيىشكە، شۇنداقلا دەم ئېلىش ئارىلىقىنى ئۇزارتىش ئارقىلىق كۆز ئاسراش گىمناستىكىسى ئويناش، تەنھەرىكەت چېنىقىشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاسراشقا، بەدەن ۋە روھنى تەڭ تاۋلاپ، جىسمانىي ۋە روھى ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا يېتەكلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئاقسۇ نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسى: زاكازلار كۆپ، ئىشلەپچىقىرىش ئالدىراش
  • قۇملۇقتا «بېيىش مېۋىسى» ئۆستۈرۈلدى
  • شىنجاڭ باغراش ناھىيەسى: سۇ شەھەردىن ئېقىپ ئۆتتى، شەھەر سۇدا ئەكس ئەتتى